ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدا، بارسېلونا ئۆز مەيدانىدا يۇۋېنتۇس بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. يۇۋېنتۇس باش ترېنېرى پىرلو مۇسابىقىدىن ئىلگىرى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
G گۇرۇپپىدا، بارسېلونا بەش مەيدان يېڭىپ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ، يۇۋېنتۇس تۆت مەيدان يېڭىپ، بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىدە، ئىككى كوماندا گۇرۇپپىدا بىرىنچىلىكنى تالىشىدۇ. بارسېلونا تۇنجى ئايلانمىدا 0:2 نەتىجىدە غەلىبە قىلغاچقا، ساپ توپ سانى جەھەتتە يۇۋېنتۇستىن يەتتە توپ ئارتۇق، شۇڭا ئاخىرقى ئايلانمىدا يۇۋېنتۇسقا پەۋقۇلاددە چوڭ نومۇر پەرقىدە ئۇتتۇرىۋەتمىسىلا، بارسېلونا گۇرۇپپىدا يەنىلا بىرىنچى.
يۇۋېنتۇس بارسېلونادىن ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن بىر مەيدان زور غەلىبىگە موھتاج، ئەمما ھازىر ھەر ئىككى كوماندا 16 كۈچلۈككە كىرىپ بولدى، پىرلومۇ بۇ مۇسابىقىنىڭ يۇۋېنتۇس توپچىلىرىغا كۆپ بېسىم ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «گۇرۇپپىدا بىرىنچى بولۇش ناھايتى مۇھىم، ئۇ سىزنىڭ چەك تارتىشتا بەلگىلىك ئەۋزەللىكنى ساقلاپ قېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ، ئەمما تېخىمۇ مۇھىمى بىزنىڭ قانداق ئوينىشىمىز ۋە خۇشال بولۇش-بولالماسلىقىمىز. بىزنىڭ ئەنسىرىگۈدەك ئىشىمىز قالمىدى، بىز بۇ مۇسابىقىدە ئەركىن ئوينىيالايمىز».
مېسسى بىلەن رونالدودىن كىمنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا قارىتا، پىرلو مۇنداق دېدى: «كوماننىڭ ئېيتقىنى توغرا، ئۇلارنى كىم كىمدىن كۈچلۈك دەپ سېلىشتۇرۇپ يۈرۈش خاتا. ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدا ئالتۇن توپ ئاساسەن ئۇلاردىن ئېشىپ باقمىدى. شۇڭا ئىككىدىن بىرنى تاللاش ئادالەتسىزلىك. ھەر قېتىم بۇ ئىككى توپچى مەيدانغا چىقسىلا مىليونلىغان توپ مەستانىلىرى ئۇلارنىڭ مۇسابىقىسىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ، بىز ئۇلارنىڭ پۇتبول ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشلىرىغا رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك».