ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەۋسىيەسى: 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە شىنجاڭ ئىدراك پىسخىك تەرەققىيات مەركىزى ، شىنجاڭ شەيىمە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ۋە شىنجاڭ ئىزلەن پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئۈچ شىركەتنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى شىنجاڭ شەيىمە شىركىتى زالىدا ئۆتكۈزۈلدى . پائالىيەتنىڭ تولۇق قىسمى شۇ كۈنى ئەلكۈيى تورى ۋە شىنجاڭ ئەلكۈيى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىگە تەۋە پۈتۈن تاراتقۇلاردا نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىلدى ھەمدە ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى ، ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش ئەپ دىتالى ۋە ئەلكۈيى تورىغا تەۋە پۈتۈن تاراتقۇلار ئارقىلىق ئەلكۈيى جەمئىي 450مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بۇ قېتىملىق مۇراسىمنى كۆردى .
پائالىيەتتە ئىدىراك پىسخىك تەرەققىيات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ، شەرقىي جۇڭگو پىداگوكىكا داشۆسى ماگىستىرى ، شاڭخەي قاتناش داشۆسىنىڭ باكلاۋۇرى ، دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچىسى ، ئالىي مەكتەپ ئارزۇ تولدۇرۇش مەسلىھەتچىسى ، جۇڭگو يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۈگىنىش يىتەكچىسى ، جۇڭگو كەسىپلەر پىلانلاش ئۇستىسى مەلىكە ئۆمەر مۇئەللىم « پىسخىك مەسلىھەتلىكتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر » نامىدىكى نوتۇقىنى ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىشىدا سۆزلەپ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى قايىل قىلدى ، نوتۇقنى نەق مەيداندا ئاڭلاشنى يەنە ئارزۇ قىلىدىغان تورداشلارنى كۆزدە تۇتۇپ ، مەلىكە مۇئەللىمنىڭ نوتۇقىنىڭ تولۇق فىلىمى ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرىپىدىن قايتا ئېلان قىلىندى.
ئۈچ شىركەتنىڭ ھەمكارلىقى ھەققىدىكى ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىشىنىڭ تولۇق قىسمىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى ياكى بۇ خەتنى چىكىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ .