«ئۆمۈچۈك پالۋان 4»نىڭ قويۇلۇش ۋاقتى بېكىتىلدى

ئەلكۈيى
2025-12-12
来源:ۋېيبو

يېقىندا ھوللىۋود تاماشا ساھەسىدىكى ئالقىشلىق داڭلىق ئارتىس تام ھوللاند (Tom Holland) باش رول ئالغان ئالقىشلىق داڭلىق كىنو «ئۆمۈچۈك پالۋان 4: يېڭى كۈن» (蜘蛛侠 4: 崭新之日)نىڭ سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتىنىڭ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالەتتە ئاياغلاشقانلىقى ئاشكارىلاندى، شۇنىڭ بىلەن بۇ خەۋەر «ئۆمۈچۈك پالۋان» مەستانىلىرىنى ناھايىتى خۇشال قىلغان بولۇپ، تەقەززا ئىلكىدە كۈتۈپ كېلىۋاتقان كىنونىڭ ئاخىرى سۈرەتكە ئېلىنىپ بولۇنغانلىقى بەكلا ھاياجانلىق بىر خەۋەر بولغان ھەمدە تام ھوللاندمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا بۇ كىنو توغۇرلۇق يازما يوللاپ بۇ خەۋەرنى تېخىمۇ كۆپ مەستانىلەرنىڭ دېققىتىنى تارتىشىغا مۇيەسسەر قىلغان ھەمدە ئارقىدىنلا بۇ كىنونىڭ 2026-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى شىمالىي ئامېرىكىدا قويۇلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.