«قارا قول ئادۋوكات» 6-قىسمى يېڭىلاندى

ئەلكۈيى
2022-08-11
来源:ئەلكۈيى تورى

بۈگۈن ھەممە ئوت ئىشتىياق بىلەن كۆرۈۋاتقان ئەڭ يېڭى مودا تىياتىر «قارا قول ئادۋوكات»نىڭ 6-قىسمى قويۇلدى، بۇ تىياتىر ئەلكۈيى   تورى كىنوخانىمىزدا كۈندە يېڭىلىنىۋاتىدۇ...


كىم ئەپەندىنىڭ ھەركۈنى ئۆيىنىڭ دېرىزىسىنىڭ يېنىدا تۇرىۋېلىپ سىرتتىكى قىزلارنىڭ كاسسىسىغا قارايدىغان ئادىتى بار ئىدى، ئۇ گەرچە خېلى پۇلدارلاردىن ھېسابلانسىمۇ، لېكىن باشقىلارنىڭ نېمە ئىش قىلدى، نېمە سېتىۋالدى، نېمە يېدى، قايسى ھاجەتخانىغا كىردى ھەممىسىنى بىلىشقا ئىنتايىن قىزىقاتتى، شۇڭلاشقا ئۇنى مەھەللىدىكى قوشنىلىرى «كىم كاپكاپ» دېيىشەتتى. كىم ئەپەندى بۈگۈنمۇ كونا ئادىتى بويىچە سىرتقا قاراپ تۇرغاندا تۇيۇقسىز ئىشىكى چېكىلدى.

ئادەتتە، باشقىلارنىڭ قاچان ئۆيىگە كېلىدىغانلىقىنى بىلىدىغان كىم ئەپەندى تۇيۇقسىز ئىشىكىنىڭ چېكىلىشىدىن چۆچۈپ كەينىگە قارىدى. بۇ دادىسى بىلەن بىللە كىرگەن قىز كىم ئەپەندىنىڭ ئۇدۇل قوشنىسى بولۇپ، ئۇ كىم ئەپەندىنىڭ ھەركۈنى كەچ بولغاندىلا ئۆزىنىڭ دېرىزىسى تەرەپكە قاراپ ئىشىنى ئىش قىلمايدىغانلىقىنى دادىسىغا چاققانىدى. قىز كىرىپلا كىم ئەپەندىنىڭ يەنە دېرىزە يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ دادىسىغا: «دادا، مەن دېمىدىممۇ؟ ماۋۇ بىر توننا شېكەرگە مىلىسىمۇ تەم كىرمەيدىغان لاۋزا يەنە قىزلارنىڭ كەينىگە قارىغىلى تۇرۇپتۇ، مەن مۇشۇنىڭ دەدىدىن بىر يىل بولدى، باشقا تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مۇنچىغا چۈشىۋاتقىلى، دادا، بۈگۈن يا ئۇنى ھۇجرامغا قارىماس قىلىسەن، يا مېنى ئۇنىڭغا ئەپ بېرىپ ھەركۈنى يېقىندىن قاراپ ئولتۇرىدىغان قىلىسەن!» دەيدۇ.

دادىسى بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال كىم ئەپەندىگە قاراپ: «كىم كۈيئوغلۇم، قاملاشقان بىر بالىكەنلا، قىزىم ئوبدان قىز، قاراشقا بەك ھەۋىسىڭىز بار ئوخشايدۇ، شۇڭا قىزىمنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ قارىسىڭىزمۇ، ياتقۇزۇپ قارىسىڭىزمۇ، ئولتۇرغۇزۇپ قارىسىڭىزمۇ... ئىشقىلىپ قانداقلا قارىسىڭىز قارايدىغانلا قىز، بۇنداق قىينالماي ئۇنى ئەپ تاشلاپ قويۇڭ» دەيدۇ. كىم ئەپەندى شۇنداق قىلىپ بۇ ئايال بىلەن ئەر-خوتۇن بولۇپ قالىدۇ.

بۇيەرنى بېسىپلا كۆرۈڭ

كىم ئەپەندىنىڭ ئەسلى كەسپىي ئادۋوكاتلىق بولۇپ، لېكىن ئۇ ئاقلىغان ئالما-نەشپۈت ئوغرىسىمۇ ئۇزۇن يىل كېسىلىپ كېتىدىغان بولغاچقا كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا پىكرى بەك بار ئىدى، شۇڭا مەلۇم بىر كۈنى پۈتۈنلەي تۈكى يوق ئاقلاشتىن ئاقارماي قارا بولۇپ تۈرمىگە كىرىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كىم ئەپەندىنى ئورىۋېلىپ ئۇنىڭدىن ھېساب ئالماقچى بولۇپ: «ھېييي كىم پاخپاخ، سېنىڭ ئادۋوكاتلىق كىنىشكەڭنى داداڭنىڭ قەغەز ياساش زاۋۇتى ياساپ بەرگەنما؟ بىر تال نەشپۈت ئوغرىسىنىمۇ تۈزۈك ئاقلاپ چىقالماي، چىرايىنىڭ ئاقلىۋەتكەن ياڭيۇدەك قىلىۋالغىنىڭ نېمىسى، بۈگۈن سەن ئەبلەخنى كۆمۈركاندا ئىشلەيدىغان قىپ قويىمىز» دەيدۇدە كىم ئەپەندىگە ئېتىلىدۇ.


كىم ئەپەندى مۇشۇنداق ئالما-نەشپۈتلەرنى ئوغۇرلاپ كەلگەنلەرنىڭ ئالما-نەشپۈتلىرىنى يېنىدىكى كۆتۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، فار-فۇر قاچا-قۇچىلار گۇرۇھىدىكى باسۇن تەخسە ياسىغۇچىسى كىم كۆتەرمىگە بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئەسقاتىپ داۋاملىق كۆتۈرۈش ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ كىم ئەپەندىنى ئورىۋالغانلاردىن ساقلاپ قالىدۇ.

كىم ئەپەندى قۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىن ھېلىقى كۆتۈرمىچى بۇرادىرىگە قانداق ياردەم بولسا دېيىشىنى قولىدىن كەلسىلا چوقۇم ياردەم قىلىدىغانلىقىنى دەيدۇ. كۆتۈرمىچى بۇرادىرى ئۇزۇن تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن: «كىم ئەپەندى، بۇرۇن سىز مېنىڭ خەقنىڭ يولغا چۈشۈپ قالغان 100 كوي پۇلىنى تېپىۋېلىپ خەجلىۋالغان بالامنى ئاقلايمەن دەپ ئوغرى قىلىپ قويغانتىلە، ئۇنى قايتىدىن بىر ئاقلاپ يېنىمغا ئەكىلىپ بەرگەن بولسىڭىز، سىزدىن مىننەتدار بولاتتىم» دەيدۇ. كىم ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئىشىنىڭ ئادۋوكاتلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ھېچ ئىككىلەنمەي ماقۇل بولىدۇ.


ئالدىن پىلانلانغان بىر قاتىللىق دېلوسىدا دېلونىڭ ئادۋوكاتى تۇيۇقسىزلا ئەڭ چوڭ گۇماندارغا ئايلىنىپ، قارا چاپلىنىپ تۈرمىگە كىرىپ قالىدۇ، ئادۋوكات تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بۇنداقلا قارىلىنىپ كېتىشىنى خالىماي بۇ دېلونى تۈرمىدە تۇرۇپ تەكشۈرمەكچى بولىدۇ ھەمدە قاراملىقى بىلەن تۈرمىگە ئاتامان بولۇپ قالىدۇ. ئادۋوكاتنىڭ سىرتتىكى ئايالىمۇ ئادۋوكاتقا ماسلىشىپ ئۇنى قۇتقۇزۇپ چىقماقچى بولىدۇ، لېكىن مالىيە زومىگەرلىرىنىڭ پىشكىسىغا ئايلىنىپ قالغان ئادۋوكات ئۆزىنىڭ ئىنتايىن چوڭ سۇيىقەست ۋە جىنايەتكە چېتىلىپ قالغانلىقىنى بىلمەيتتى... ئۇنداقتا ئادۋوكات بۇ قاباھەتلىك چۈشتىن ئويغىنالامدۇ؟ ئۇنىڭغا قارا چاپلىغىنى زادى كىم؟ ئى جوڭسوك بىلەن ئىم يونئا باش رول ئالغان بۇ ھازىرقى ئەڭ مودا تىياتىرغا قىزىقىۋاتقان بولسىڭىز دىققىتىڭىز ئەلكۈيى تورى كىنوخانىسىدا قويۇلىۋاتقان ئەڭ يېڭى تىياتىر «قارا قول ئادۋوكات»تا بولسۇن!