ھىندىستاندىكى داڭلىق ئارتىسلار جېدەللىشىپ كەتتى

ئادىلە
2022-08-03
来源:ئەلكۈيى ئەپ دىتالى

ياخشىمۇ نۇرداشلار يەنە يۈز كۆرۈشتۇق، بۈگۈن سىلەرگە ھىندىستاننىڭ بىر توقاي داڭلىق ئارتىسلىرى چىقىدىغان كومېدىيە بىلەن مۇھەببەت يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن كىنوسىدىن بىرنى ئېلىپ كەلدۇق. ۋارۇن دېگەن بالا خېلى قاملاشقان يىگىت بولغىنى بىلەن ئازراقلا ئىچىۋالسا دادىسىغىمۇ چاقچاق قىلىدىغان بالا ئىدى، بۈگۈن ئۇ كەچلىك ئولتۇرۇشقا بېرىپ دادىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. ئادەتتە ئۇ ئىككىسى ئۆيدە بىر-بىرىنى دادام-بالام دەپ يۈرگىنى بىلەن ئولتۇرىدىغان يەردە بولۇپ قالسا ئاداش دەيدىغانلاردىن ئىدى.

بۇيەرنى بېسىپلا كۆرۈڭ

ۋارۇن مەلۇم بىر كۈنى قىز دوستى بىلەن كۆرۈشكىلى سىرتقا چىقىدۇ، ئەمما ۋارۇننىڭ يانچۇقىدا پۇلىنىڭ تايىنى بولمىغانلىقى ئۈچۈن قىز ئۆزىنىڭ ماشىنىسى بىلەن ۋارۇننى ئايلاندۇرىدۇ. ئەزەلدىن قىزلارنىڭ پۇلىنى غەجلەپ، ماشىنىسىدا ئولتۇرۇپ كۆنۈپ قالغان ۋارۇن تۇيۇقسىز نېمىنى ئويلاپ قالدىكىن دادىسىنىڭ نېمىشقا ئۆزىگە مۇشۇنداق ماشىنىلارنى ئېلىپ، جىق-جىق پۇللارنى بەرمەيدىغانلىقىدىن ئاغرىنىپ قالىدۇ ۋە قاپىقىغا بىرسى دەسسىۋالغاندەك قىزنىڭ يېنىدا گەپ قىلماي ئولتۇرىدۇ. ۋارۇننىڭ تۇيۇقسىز تۇتۇلۇپ چىبەرقۇتتەك بولۇپ كەتكەن چىرايىنى كۆرگەن قىز: «جېنىم، نېمە بولدىڭىز؟ مېنى ماشىنام سىزنىڭ ماشىنىڭىز، لېكىن دادىڭىزمۇ قىززىقتە، مۇشۇنچىلىك بولۇپ قالغان تۇرسىڭىزمۇ سىزگە ماشىنا ئېلىپ بەرمەپتۇ، يا يانچۇقىڭىزغا پۇلمۇ سېلىپ قويماپتۇ، لېكىن جېنىم خاتىرجەم بولۇڭ، سىزدە چەمدىن ئىككىسى بولغاندىكىن مېنىڭكىنىدە ئولتۇرۇپ، مېنىڭكىنى غەجلەۋېرىڭ، ھەرگىز خىجىل بولماڭ!» دەيدۇ.

بۇيەرنى بېسىپلا كۆرۈڭ

قىز دوستىنىڭ بۇ دوستانە ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ۋارۇن ئىچىگە بەك ئېلىپ كەتتىمۇ نيۇلەنسەندىن بىر رومكا ئېلىپ دادىسىنىڭ يېنىغا بارىدۇدە: «دادا، قېنى دەپ باقە مېنىڭ خەقنىڭ بالىسىدىن نەرىم كام؟ باشقىلاردا ماشىنا، پۇل، خوتۇن دېگەندەكلەر توشاقكەن، لېكىن مەندە ھېچنېمە يوق! بۇ زادى نېمىشقا دەيدۇ؟» ۋارۇننىڭ گېپىنى ئاڭلىغان دادىسى، چوڭقۇر ئۇھسىنىۋەتكەندىن كېيىن: «بالام، ئەينى چاغدا مەنمۇ بوۋاڭدىن مۇشۇ گەپنى سورىغان، لېكىن بوۋاڭمۇ دادىسىدىن مۇشۇنداق سوئال سورىغانلىقىنى ئېيتقان، بولدى بۇ بىزنىڭ جەمەتىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىسى، كېيىن سەنمۇ بالاڭنى مۇشۇنداق سورىتىش ئۈچۈن تىرىشقىن» دەيدۇ.

بۇيەرنى بېسىپلا كۆرۈڭ

ۋارۇن دادىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن خۇددى ئېغىر بىر يۈكنى يەلكىسىدىن ئېلىۋەتكەندەك يېنىكلەپ قالىدۇ ۋە قىز دوستىغا تېلېفون قىلىپ: «جېنىم، يېنىمدا پۇل يوقلۇقىنى بىلىسىز، لېكىن يامان سەت زېرىكىپ كەتتىم، مېنى كىنو كۆرسەتكىلى ئاپىرىڭ» دەيدۇ. ۋارۇن تېلېفون قىلغان بۇ قىز «قايت دېگۈچە ھايت» دەپ بولىدىغان قىز بولغانلىقى ئۈچۈن باشقىلار ئوغۇل دوستىمىز ئىككىمىزنى ئاۋارە قىلمىسۇن دەپ ئويلاپ بىر كىنوخانىنى بىراقلا بولاپ كىنو كۆرگەچ ئىلىم تەھسىل قىلماقچى بولىدۇ، لېكىن بۇ چاغدا ۋارۇننىڭ دادىسى ئوغلىنى ئۆزىگە قارىتىۋالغان قىزنىڭ قانداق قىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ ئۇلارنىڭ ياخشى ئىشىنى بۇزۇپ قويىدۇ.

بۇيەرنى بېسىپلا كۆرۈڭ

ۋارۇن بۇنىڭدىن قاتتىق ئاچچىقلىنىدۇ ئەمما دادىسى بولغانلىقى ئۈچۈن باشقا ئارتۇق گەپ قىلالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ۋارۇننىڭ دادىسى ئوغلىنىڭ ئاچچىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئايالى بىلەن بۇ قىز-يىگىتكە قولداش بولۇپ بېرىپ ئىككىسىنىڭ تويىنى قىلىپ قويىدۇ.

بۇيەرنى بېسىپلا كۆرۈڭ

بۇ ئانىل كاپۇر، ۋارۇن داۋان ۋە كيارا ئادۋانى قاتارلىق داڭلىق ئارتىسلار رول ئالغان مۇھەببەت كىنوسى بولۇپ، پالادىيادىكى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھېكايىسى سۆزلىنىدۇ. بۇ ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشتىكى خۇشاللىقى، قايغۇسى ۋە تەلپۈنۈشى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇلار بىردە جېدەللەشسە بىردە خۇشاللىققا چۆمىدۇ، مانا مۇشۇنداق كۈندە تالاش-تارتىش ۋە مۇرەككەپ ھېسسىياتلارنى باشتىن كەچۈرىدىغان بۇ ئائىلە كىشىلىرى ئەڭ ئاخىرىدا ھەقىقىي مەنىدىكى بەختنى ھېس قىلالامدۇ؟