ما توڭسوك بازغاندەك مۇشتلىرىنى تۈگۈپ جىنايەتكە پاتقان سېئول شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. ما توڭسوك جاندىن تويغان جىنايەتچىلەرنىڭ قاتتىق ئەدىپىنى بېرىپ، تۇغۇلغىنىغا تويغۇزىۋەتكەندىن كېيىن باشلىقى ئۇنىڭغا تېخىمۇ مۈشكۈل بىر ۋەزىپىنى تاپشۇرىدۇ. ما توڭسوك بۇ قېتىم ۋېيتنام ساقچى دائىرىلىرىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلغان كورېيەلىك جىنايەتچىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ھەمراھلىرى بىلەن ۋېيتنامغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. غەلىتە يېرى، ما توڭسوڭ ۋېيتنامغا يېتىپ بېرىپ جىنايەتچىدىن ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگەللەپ بولغۇچە كورېيەدىكى قارا گۇرۇھنىڭ ئاتامى ئۇ جىنايەتچىنى يوشۇرۇن قەستلەشكە قاتىل ئەۋەتىدۇ. بۇ جىنايەتچىنىڭ قارا گۇرۇھ بىلەن نېمە ئالاقىسى باردۇ؟ ما توڭسوك بۇ جىنايەتچىنى كورېيەگە بىخەتەر قايتۇرۇپ كېتەلەمدۇ؟
بىر كۈنى بىر كاتتا باينىڭ بايۋەتچىسى بىكارچىلىقتىن دۈمبىسىگە سېرىق تۈك ئۈندىمۇ، ياكى جېنىدىن تويدىمۇ ئىشقىلىپ تايىنى يوق بىر سەۋەبلەر تۈپەيلى ۋېيتنامغا بېرىپ قالىدۇ. ئۇ ياردەمچىسى بىلەن چوڭراق بىر ئىش تەۋرىتىپ باي دادىسىنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويۇشنىڭ خىيالىنى سۈرۈپ كېتىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ ئالدىنى ماشىنىلىق نەچچەيلەن توسىدۇ. بايۋەتچە بىلەن ھەمراھى بۇ يوچۇن كىشىلەردىن تاياقنى ئۆلگۈچە يېگەندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ناتونۇش بىر يەرگە ئېلىپ مېڭىلىدۇ. بايۋەتچە ماشىنىدا كېتىۋاتقاندا تولا قارشىلىق كۆرسىتىپ، يېرىم يولدا ماشىنىدىن چۈشۈپ قېچىپ كېتىدۇ. تۇتقۇن قىلغانلارنىڭ بېشى گازىر كۆز تىللا دەرىخىنىڭ قاراپ تۇرۇپ كۆز ئالدىدىن قېچىپ كېتىۋاتقىنىدىن غەزەپلىنىپ، بايۋەتچىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ.
تۇتقۇن قىلغانلارنىڭ ئىچىدە بىرەيلەن گازىر كۆزنىڭ ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكىدىن غەزەپلىنىپ تۇرغاندا گازىر كۆز ئۇنىمۇ جايىدا ئۇجۇقتۇرۇۋېتىدۇ. يەنە تېخى ھېچ ئىش بولمىغاندەك بايۋەتچىنىڭ دادىسىدىن نەچچە مىليون تەلەپ قىلىدۇ. بايۋەتچىنىڭ ياردەمچىسى گەرچە بۇ ئەبلەخلەر بىلەن شېرىك بولسىمۇ بىراق بايۋەتچىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمىگە چىداپ تۇرالماي قېچىپ كېتىپ، ساقچىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىدۇ. ما توڭسوك ھەمراھى بىلەن ۋېيتنامغا يېتىپ كېلىپ بۇ جىنايەتچىنى تاپىدۇ ھەمدە ھەقىقىي ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرىدۇ. ما توڭسوك جىنايەتچىنى بىخەتەر بىر جايغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ باشلىقىغا تېلېفون قىلىپ بولغۇچە كورېيەدىكى قارا گۇرۇھ ئاتامى جىنايەتچىنى قەستلەشكە قاتىل ئەۋەتىدۇ.
ئەسلىدە ئېچىنىشلىق ئۆلۈپ كەتكەن بايۋەتچە قارا گۇرۇھ ئاتامانىنىڭ ئەتىۋارلىق ئوغلى بولۇپ، ئوغلىنىڭ تۇتقۇن قىلغۇچىلارنىڭ قولىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن قىساس ئېلىشقا قاتىل ئەۋەتىدۇ. بۇ ياقتا تۇتقۇن قىلغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئاشكارىلىۋەتكەن «ساتقىن»نى تۇتۇپ ئۇجۇقتۇرىۋەتمەكچى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ما توڭسوك ئېلىپ ماڭغان جىنايەتچى ئىككى تەرەپ ئادەملىرىنىڭ تىرنىقىدىكى ئولجا بولۇپ قالىدۇ. ما توڭسوك بۇ بىر توپ ئەبلەخلەرنىڭ قانداق ئەدىپىنى بېرەر؟
ما توڭسوك ئۇ جىنايەتچىنى بىخەتەر ھالدا كورېيەگە قايتۇرۇپ كېتەلەمدۇ؟ جاۋابىغا قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز ئەلكۈيى كىنو ئەپ دىتالىدا قىزغىن قويۇلۇۋاتقان كىنو «جىنايەتكە پاتقان شەھەر 2»دە بولسۇن.