شاھرۇھ خان ئېنىقكى دۇنيادىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئارتىسلارنىڭ بىرى. گەرچە شاھرۇھ خان غايەت زور شۆھرەت ۋە بايلىققا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ دائىم ئويلىسىلا پۇشايمان قىلىدىغان بىر ئىش بار. شاھرۇھ خاننىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇ تېخى داڭق چىقارمىغان چاغدا قازا قىلغان. كېيىنچە ئۇ كۆپلىگەن زىيارەتلەردە ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغاندىكى قايغۇلۇق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن. شاھرۇھ خان 1965-يىلى تۇغۇلغان، ئاتا-ئانىسى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا قارىماي ئۇنىڭغا قولىدىن كېلىشىچە ئەۋزەل شارائىتىلارنى ھازىرلاپ بەرگەن. 1981-يىلى دادىسىدىن راك كېسىلى سەۋەبلىك قازا قىلغان، ئانىسى 1991-يىلى قازا قىلغان.
شاھرۇھ خان سالمان خاننىڭ پروگراممىسىدا مۇھەببەتنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئالغان. شاھرۇھ ئاتا-ئانىسى قازا قىلغاندىن كېيىن كۆپ پۇشايمان قىلغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ: «مەن ئۈچ بالىنىڭ دادىسى، بارلىق ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ھەر ئايدا بىر قېتىم، ئالتە ئايدا بىر قېتىم، ھەتتا يىلدا بىر قېتىم ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى ئەسكەرتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاتا-ئانام قازا قىلغاندىن كېيىن ھايات ۋاقتىدا ئۇلارنى بارماق بىلەن سانىغۇدەڭلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئېيتقانلىقىمنى ياكى ئۇلارغا بولغان مۇھەببىتىمنى ئاساسەن بىلدۈرمىگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم» دېگەن.
«ھېق-ھېق مۇئەللىم» (Hichki) ناملىق كىنونىڭ تەشۋىقاتى مەزگىلىدە رانى مۇكەرجى چولپانلاردىن ھاياتتا يولۇققان قىيىنچلىقلىرىنى ئورتاقلىشىشنى تەلەپ قىلغان، رانى مۇكەرجىنىڭ يېقىن دوستى بولغان شاھرۇھ خان بۇ توغرىسىدا توختالغاندا: «مەن ئەڭ چوڭ قىيىنچلىققا ئۇچرىغان پەيىت دەل ئاتا-ئانامنىڭ ئۆلۈمى. دادام قازا قىلغاندا مەن 15 ياش، ئانام قازا قىلغاندا 26 ياشتا ئىدىم. ئاچام ئىككىمىز بەكلا قايغۇردۇق. ئاتا-ئانامدىن ئايرىلغاندىكى يالغۇزلۇق، ئازاب ۋە قايغۇ-ھەسرەت سەۋەبلىك تۈگىشىپ كەتكىلى تاسلا قالدىم. مەن رول ئېلىش ئارقىلىق قايغۇلىرىمنى، بۇ قايغۇلۇق پەيتنى يېڭىشنى قارار قىلدىم» دېگەن.
شاھرۇھ خان يەنە ھىندىستان «ۋاقىت گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ھەر قېتىم دېھلىغا كەلگىنىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ دېھلى بىلەن باغلىنىشلىق گۈزەل ئەسلىمىلىرىنى تىلغا ئالغان.