يېڭى
App 新闻
تەنتەربىيە
شىنجاڭ
ئويۇن
جاھاننامە
تېخنىكا
لاتارىيە
پىسخىلوگىيە
ماشىنا
ئەلكۈيى ئەپچاق
中文
繁体
文章详情
ئېلون ماسك سەت خۇمسىلىق قىلىۋەتتى
ئەلكۈيى تورى
2022-07-26
来源:نۇر تورى
ئاشكارىلىشىچە، تېسلانىڭ باش ئىجرائىيە
ئەمەلدار
ى ئېلون ماسك بۇلتۇر 12-ئايدا گۇگولنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى سېرگېي بىرىن (Sergey Brin)نىڭ ئايالى بىلەن قىسقا ۋاقىت ئارىلاشقان. بۇ ئىش سېرگىينىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئايالى بىلەن ئاجرىشىشىنى، ئىككى پەن-تېخ
نىكا
مىلياردېرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك دوستلۇقىنىڭمۇ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئېلون ماسك ھازىر دۇنيادىكى بىرىنچى باي بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، ئۇنىڭ ساپ بايلىقى 240 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن، سېرگىي بىرىن 95 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق قىممىتى بىلەن دۇنيا بويىچە سەككىزىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.
سېرگىي بىلەن ئېلون ئامېرىكىدىكى داڭلىق كارخانىچىلار، بۇ ئىككىيلەن يەنە قەدىناس دوستلاردىن، سېرگىي 2008-يىلىدىكى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە تېسلانىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەرگەن. ئېلون ماسكنىڭ ئېيتىشىچە، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇ دائىم سېرگىينىڭ كىرىمنىي جىلغىسىدىكى ئۆيىدە تۈنەيدىكەن.
2008-يىلىدىكى مالىيە كىرىزىسى مەزگىلىدە تېسلانىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى تەسكە توختىغان، سېرگىي ئېلونغا تەخمىنەن 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ تەمىنلىگەن. 2015-يىلى ئېلون ماسك سېرگىي بىرىنغا تېسلانىڭ تۇنجى تۈركۈمدە تاپشۇرۇلغان تولۇق توكلۇق SUVسىنىڭ بىرىنى سوۋغا قىلغان.
لېكىن ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، ئىككىيلەن ۋە ئۇلارنىڭ كوللېكتىپىنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يىرىكلىشىپ كەتكەن. سېرگىي ئايالى بىلەن ئېلون ماسكنىڭ ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، مەسلىھەتچىسىگە يېقىنقى بىر نەچچە ئايدا ئېلون ماسكنىڭ شىركىتىگە سالغان شەخسىي مەبلىغىنى سېتىۋېتىش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەن. بۇ مەبلەغلەرنىڭ كۆلىمىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى، سېتىلىش-سېتىلماسلىقىمۇ ئېنىق ئەمەس.
سېرگىي بىرىن سانتا كىلارا ناھىيەلىك يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرغان خاتىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ بۇ يىل 1-ئايدا ئايالى نىكولې شاناخان (Nicole Shanahan) بىلەن «كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان ئىختىلاپ»نى باھانە قىلىپ سوت مەھكىمىسىگە ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، سېرگىي ئايالى بىلەن ئېلون ماسكنىڭ بۇ قىسقا مەزگىللىك مۇھەببىتىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن ئىلتىماس سۇنغان.
بۇ ئاتالمىش تويدىن تاشقى مۇناسىۋەت بۇلتۇر 12-ئايدا يۈز بەرگەندە، سېرگىي نىكولې بىلەن ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا مۇناسىۋىتىنى ئۈزمىگەنىكەن. ئىلتىماس ھۆججىتىدە سېرگىي ئىككىسىنىڭ ئايرىلىپ تۇرۇش ۋاقتىنىڭ 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.
بۇلتۇر كۈزدىلا ئىككىيلەننىڭ توي تۇرمۇشىغا قىزىل چىراغ يانغان، ئاساسلىقى قامال قىلىش تەدبىرى ۋە ئۈچ ياشلىق قىزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نىكولې شاناخان بىلەن ئېلون ماسكنىڭ ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى 2021-يىلى 12-ئاينىڭ بېشىدا مىئامىدا ئۆتكۈزۈلگەن باسېل سەنئەت كۆرگەزمىسىدە يۈز بەرگەن. باسېل سەنئەت كۆرگەزمىسى نەچچە كۈن ئۆتكۈزىلىدىغان يىللىق كاتتا مەرىكە بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن بايلارنى جەلپ قىلىدۇ.
بۇ يىلنىڭ بېشىدىكى بىر قېتىملىق يىغىلىشتا، ئېلون ماسك سېرگىي بىرىن ئالدىدا بىر تىزىدا تىزلىنىپ، خاتالىقى ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراپ، ئەپۇ سوراشنى ئۆتۈنگەن. سېرگىي بىرىن ئېلون ماسكنىڭ ئەپۇسىنى قوبۇل قىلغان، لېكىن يەنىلا ماسك بىلەن دائىم پاراڭلىشىشنى خالىمىغان.
ئەينى چاغدا بۇ ئىش ئېلون ماسك بىلەن كانادالىق ناخشىچى گىرىمېس (Grimes) بۇلتۇر 9-ئايدا ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن يۈز بەرگەن. گىرىمېسنىڭ ھەقىقىي ئىسمى كىلاير بوچېر (Claire Boucher) بولۇپ، ئۇلار 2021-يىلى 12-ئايدا ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىككىنچى بالىسىنى تاپقان ھەمدە بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان. ئېلون ماسك بىلەن Neuralinkنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى شىۋون زىلىس (Shivon Zilis)نىڭ قوشكېزەكلىرىمۇ بۇلتۇر كۈزدە تۇغۇلغان.
سېرگىي بىرىن بىلەن نىكولې شاناخان ھازىر مۇرەسسە قىلىۋاتقان بولۇپ، نىكولې شاناخان 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق تۆلەمگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئىككى تەرەپ ھازىرغىچە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى. سېرگىي بىرىن تەرەپنىڭ قارىشىچە، نىكولې شاناخان ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپ ئالدىنقى كېلىشىمدە ئۇنىڭغا بېرىلگەن ھوقۇقتىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن. نىكولې شاناخان تەرەپ بولسا ئۇنىڭ تەلىپى پەقەت سېرگىي بىرىننىڭ 95 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق بايلىقىنىڭ ئاز بىر قىسمى، ئۇ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئالدىنقى كېلىشىمنى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان، دەپ قارىغان.
شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ، بۈگۈن ھەممە يەردە پاراڭ تېمىسىغا ئايلانغان. ئارقىدىن بۇ ئىش ماسكنىڭمۇ قۇلىقىغا يەتكەن. ئۇنداقتا ماسك گۆش
باشلىق
قىلىپ، «يېشىل پوسما»سىنى قاتۇرۇپ كىيگۈزۈپ يۈرگەنمىدۇ ياكى بۇ توغرىلىق مۆرەپ قويغانمىدۇ؟ ۋاي تېخى بۇ خەۋەرنى «ۋال كوچىسى گېزىتى» ئېلان قىلغان دەڭلا باشتا، ۋال كوچىسى دېگەن گەپ چىقىپ بولغۇچە قانچىلىك تەسىر كۈچ قوزغىيالايدىغىنىنى بىلدىڭلار ھەقىچان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە كاتتىباشلار ۋال كوچىسىدا، شۇڭا تەبىئىيلا بۇ يەرنىڭ گېزىتىنىڭ تەسىر كۈچىمۇ كاتتىباشلار ياكى بەزى بىر يېشىل پوسما كىيگەن يۇمشاق باشلار، يەنە
باشلىق
لار، ئىشقىپ مۇشۇنداق باشلار ئارىسىدا ئابرۇيغا ئىگە. شۇڭا ماسك بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئېنىقلا تېڭىرقاپ قالغان. دەرۋەقە ماسك بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن توردا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېگەن:
«ئازماڭلار سىلەر، بۇ پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ، سېرگېي مېنىڭ قان دوستۇم، تۈنۈگۈن كەچتە بىز يەنە بىللە يىغىلىشقا قاتناشتۇق! ئۈچ يىل ئىچىدە مەن نىكولنى پەقەت ئىككى قېتىم كۆرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ چاغدا ئەتراپتا نۇرغۇن ئادەملەر بار ئىدى، شۇڭا ھېچ ئىش بولمىغان.»
قارىغاندا ماسكنىڭ سەل ئاچچىقى كەلگەندەك قىلىدۇ، ئۇ بۇ يازمىسى بىلەن بولدى قىلماي، يەنە بىر قانچە يازما ئېلان قىلىپ، ۋال كوچىسى گېزىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان: «ۋال كوچىسى گېزىتى مەن ۋە تېسلادا پەيدا قىلغان پىتنە-پاساتلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئۇلار ئىلگىرى بىر پارچە يازما يېزىپ، FBIنىڭ مېنى قولغا ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان، مەن تېلېفون قىلىپ FBIدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىسام FBI بۇ ماقالىنىڭ پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.»
يېقىندا 52 ياشلىق ماسك سەيلە كېمىسىدە دەم ئالغاندا يەنە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، كىشىلەر ئۇنىڭغا قارىشىپ: «پاھ، ماسكنىڭ قورسىقى ئەجەپ يوغانكىنە، قورسىقى ئەجەپ كۆپۈپ كېتىپتۇ» دېيىشكەن، ئەلۋەتتە بۇ بىكارغا كۆپكەن قورساق ئەمەس ئىكەن.
ئەلۋەتتە قورسىقى كۆپىدۇ-دە، پۈتۈن دۇنيا ماسكنى تونۇيدۇ، دۇنيادىكى بىرىنچى باي تۇرۇپ، ئاغىنىسى، يەنە كېلىپ شۇنچە چوڭ شىركەتنىڭ دىرېكتورىغا خۇمسىلىق قىلىپ قويسا، خۇمسىلىق قىلغىنى بىر ئاھانەت، ھەممىسىنىڭ بۇ ئىشنى بىلىپ، ئۆزىنىڭ يۈزى چۈشۈپ كېتىشى تېخى بىر ئاھانەت-تە. شۇنىڭ بىلەن ماسك بەرداشلىق بېرەلمەي، ئالاقە سۇپىسىدا سەل قايناپ سالغان، مەنچە ماسك يەنە مۇنداق دەۋاتىدىغۇ دەيمەن:
«ئېسىت <ۋال كوچىسى گېزىتى>گە قىلغان ئەقىدەم ھېي، بۇ <ۋال كوچىسى گېزىتى>نىڭ خەۋەرلەرگە بولغان ئۆلچىمى ناھايىتى يۇقىرى، دەپ ھەممە سىلەرگە ئىشەنسەڭلار مۇشۇنداق دېسەڭلار بولامدۇ؟ سىلەر ھەقىقىي خەۋەرنى ئېلان قىلىمىز دەپ مەيدەڭلارغا قېقىلىپ كەتكۈچە مۇشتلاۋاتاتتىڭلار، مانا ئەمدىلىكتە قىپقىزىل يالغان گەپ قىلىپسىلەر. ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن سىلەر نۇر تورىغا ئوخشاش ھەقىقىي مۇھىم، پۇختا
پاك
ىت ئاساسىغا ئىگە خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىشىڭلار، باشقىلارنىڭ ئەپقاچتى گەپلىرىگە ئىشەنمەسلىكىڭلار كېرەك ئىدى.»
ئەمما ماسكنىڭ بۇلارنى ئىنكار قىلغىنىغا قۇرت-قوڭغۇزلارمۇ ئىشەنمىگەن، چۈنكى ماسك مەيدىسىگە «ۋال كوچىسى گېزىتى» بەتەررەك ئۇرۇۋەتكەن، لېكىن ئۇنىڭ قىلغان ۋەدە-قەسەملىرىنىڭ تولىسى ئەمەلگە ئاشمىغان، شۇنداق تۇرۇقلۇق ماسك يەنە داۋاملىق قەسەم ئىچىشنى توختىتىپ قويمىغان، شۇڭا قەسەمنى ئىچىۋېرىپ زېرىككەنمۇ، «باشقا نەرسىنىمۇ ئىچىپ باقاييا، بىكار يۈرسەممۇ يۈرىدىكەنمەن» دەپ، كوكا كولا شىركىتىنى سېتىۋالىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم ئىچكەن، ئۇھ يەنە قەسەم، لېكىنچۇ؟ جىم مانا بۇ سودا ئىشلىرى. يەنە تېىى چەتئەلدىكى چوڭ بىر ئالاقە سۇپىسىنى سېتىۋالىمەن دەپ ھەممە نەرسىنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ، ئاخىرىدا يەنىلا توختاپ قالغان، ھەيييييي، سېنى قانداق قىلساق بولار ماسك. قەسەمنى ئۆزۈڭ تولا ئىچىسەن، شۇنداق تۇرۇپ خەققە سوغۇق ئۆتۈپ قالمىسۇن دەپ كۆڭۈل بۆلۈپ ئاغىنەڭگە يېشىل پوسما كىيگۈزۈپ يۈرىسەن.
ئەڭ مۇھىمى، ماسكنىڭ يېشىل پوسما كىيگۈزگەن ئىشى بۇلا ئەمەس. تولا دەۋا ئويناپ جاھاننى قالايمىقان قىلىۋاتقان جوننى دېپ بىلەن ئەمبېر ھېردنى ھەممىڭلار دېيەرلىك بىلىسىلەر. ئەمدى مۇشۇنىڭمۇ ئازراق بىر ئىشلىرى بار بۇ يەردە:
سوتتا گۇۋاھلىق بېرىلىشىچە، 2015-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ، ماسك دائىم يېرىم كېچە سائەت 11دە ھېردنىڭ تۇرالغۇسىغا كېلىپ زىيارەت قىلغان. دەسلەپتە ھېرد يەنە دەرۋازىۋەنگە تېلېفون قىلىپ، ماسكقا ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، ماسك بىر نەچچە قېتىم كەلگەندىن كېيىن، ھېرد ماسكقا ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ۋە دېپنىڭ تۇرالغۇسىنىڭ ئىشىك ئاچقۇچىنى بەرگەن. ھەر قېتىم دېپ يوق چاغدا، ماسك كېچىلەپ «زىيارەت»كە كەلگەن، بىر ھەپتىدە نەچچە قېتىم كەلگەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 2015-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان مەزگىل ماسكنىڭ كەسپى خېلى ئالدىراش مەزگىل. ئۇ ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك لوس ئانژېلېس بىلەن كىرىمنىي جىلغىسى ئارىسىدا بېرىپ-كېلىپ تۇرغان. بۇ ئىككى يىلدا ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ماسك ھەر كۈنى سائەت يەتتىدە ئورنىدىن تۇرۇپ خىزمەت قىلىدىكەن، ھەر كۈنى 14 سائەتتىن ئارتۇق خىزمەت قىلىدىكەن، ھەر ھەپتىدە 100 سائەتتىن ئارتۇق خىزمەت قىلىدىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇ يەنىلا ھەر كۈنى ئالتە سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلالىغان، يەنە ۋاقىت چىقىرىپ بىر نەچچە بالىغا ھەمراھ بولغان. شۇ چاغدا ماسكقا بەش قولىمىزنى، يەتمىسە ئاغىنىمىزنىڭكىنى قوشۇپ قويۇۋەتكەنىدۇق، مانا ئەمدىلىكتە شۇ ۋاقىتلاردىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئەمبېر ھېردنىڭ ئۆيىنى «زىيارەت» قىلغانلىقىغا ھەقىقەتەن قايىل بولماي تۇرالمايمىز. يېرىم كېچىدە ھېردنىڭ تۇرالغۇسىغا «زىيارەت»كە كېلىشى كەچتە ئاسمان جىسىملىرىنى تېخىمۇ ياخشى كۆزەتكىلى بولىدىغانلىقى ھەمدە مۇشۇ باھانىدە ھېرد بىلەن مارس پارىڭى قىلىش ئۈچۈنمۇ ياكى ھېرد بىلەن كېچىدە «كائىنات»قا چىقىش ئۈچۈنمۇ؟ ھەيييي، شۇنداق قىلىپ، «كارىب دېڭىز قاراقچىسى»غا ماسك «قاراقچى بولساڭ ئۆزۈڭگە، پۇتۇم كىرسۇن كۆزۈڭگە» دەپ يېشىل، سېرىق پوسمىلارنى كىيگۈزۈۋەتكەن، مانا ئەمدى ئۇلاپلا گۇگولنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسىغا «مەن مارسقا چىققۇچە، ئاۋۋال باشقا يەرگە چىقىمەن» دەپلا ئۇنىڭغا يۇۇۇۇۇپيېشىل ۋە سۇۇۇۇۇۇپسېرىق پوسمىنى چۆكتۈرۈپ تازا كىيگۈزۈۋەتكەن.
يەنە بار، بۇ يىل 5-ئايدا، Space Xنىڭ بىر سابىق ئايروخانقىزى ماسكنى ئۆزىگە
جىن
سىي پاراكەندىچىلىك سالدى دەپ ئەيىبلىگەن. ئەسلىدە ئىشتىن كېيىن Space X بۇ ئايروخانقىزغا 250 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 1 مىليون 700 مىڭ يۈەن) «زۇۋانىنى يىغىش ھەققى» بەرگەن. مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ماسكنىڭ ئىشلىرى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىنىپ، مېڭە-كومپيۇتېر ئۇلاش ئېغىزى شىركىتى Neuralinkنىڭ ئايال يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى بىلەن ئىشى بارلىقى ھەمدە ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇپ بىر جۈپ قوشكېزەك بالىلىق بولغانلىقى جاكارلانغان.
(سۈرەتتە: ماسك بىلەن چاتىقى بار چوكانلار)
ھازىر ئۇنىڭ ئاشكارىلغان توققۇز بالىسى بار. ئۇ بالىلىرىنى قارا-قارا قۇشلارىم، قىلىپ ئەگەشتۈرۈپ يۈرىدۇ. ئالاقىدار تېمىلار سورالغاندا، ماسك بۇرچ تۇيغۇسىغا تولغاندەك بولۇپ، ئۆزىنىڭ ۋەيران بولغان ئىنسانلار نوپۇسى ئۈچۈن ئۆز ئەمەلىيىتىدە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشقانلىقىنى ئېيتقان. ھەي، ئىشقىپ خاپىلىق تولىغۇ زادى.
发表评论
登录评论
匿名评论
提交
提交