6-ئاينىڭ 9-كۈنى ياڭ مى «قانداق قىلىش كېرەك!» سۆھبەت پىروگراممىسىنىڭ (怎么办!脱口秀专场) مەخسۇس سانىغا قاتنىشىپ كەڭ تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، قېنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى!
ياڭ مى قارا رەڭلىك كىيىم كىيىۋالغان بولۇپ، قارىماققا ئىنتايىن روھلۇق كۆرۈنەتتى. ئاق رەڭلىك قىسقا ئىچ كىيىم بىلەن قارا رەڭلىك بېزەكلىك چاپاندا ئۇنىڭ ئوقۇرەك سۆڭىكى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئۇ قارا رەڭلىك ئېگىز پاشنىلىق ئاياغقا قارا خۇرۇم ئىشتان ماسلاشتۇرغان بولۇپ، دولقۇنسىمان ئۇزۇن چېچى ۋە كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان قىپقىزىل لەۋلىرى بىلەن ھەم سۈرلۈك ھەم جەزبىدار بولۇپ كەتكەنىدى.
سۆھبەت پىروگراممىسى نەق مەيدانىدا، ياڭ مى ئۆزىنىڭ ئالدامچىلارغا ئۇچرىغان كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلىگەندە «سىزگە ھېچ ئىش بولمىغاندۇ » (你没事吧) دېگەن كىلاسسىك كۆرۈنۈشنى قايتا نامايەن قىلىپ، كەڭ تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇ يەنە پروگراممىدا دىلرابا بىلەن شۈ جىشېڭ (徐志胜) توغرىسىدىكى ئىغۋا سۆزلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.
نۇرغۇن تورداشلار ياڭ مىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، بەس-بەستە ئالاقە سۇپىسىدا سۆز قالدۇرۇپ:«ياڭ مى بەك چىرايلىق ئىكەن، بۇ قېتىم مېنى بەك كۈلدۈرۈۋەتتى»، «ياڭ مى بەك قاملاشقان گەپ قىلىدىكەنغۇ؟»، «ياڭ مىنى بەك ياخشى كۆرىمەن»، «راستىنلا كۈلۈپ ئۆلەي دېدىم، ھا ھا ھا، ھا، ھەقىقەتەن دېيىشكە پېتىنىپتۇ» دېيىشتى.