فىلىمدا ئەكىس ئەتتۈرۈلگىنى بىرازىلىيە دۆلىتىدىكى قۇللۇق تۈزۈم بىكار قىلىشتىن 20 يىل ئاۋۋالقى تارىخى كۆرۈنۈش بولۇپ، فىلىمدە ئىزورا ئىسىملىك قىزنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىش يولىدىكى جاپالىق سەرگۈزەشتىللىرى بايان قىلىنغان.
100قىسىملىق بۇفىلىم 1976-يىلى سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ80 -يىللاردا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن فىلىم بولۇپ قالغان، 80 نەچچە دۆلەتتە قۇيۇلغان، 1984-يىلى دۆلىتىمىزدە قۇيۇلغان تۇنجى چەتئەل تىلىدىن ئويغۇرچىگە تەرجىمە قىلىپ قۇيۇلغان فىلىم.
ئەينى ۋاقىتتا بۇ 110 قىسىملىق فىلىم ھەپتىدە ئاران بىر قىسىمدىن قۇيۇلغان ، لىكىن شۇ چاغدىكى كىشىلەرنىڭ بۇ فىلىمنى كۆرۈش قىزغىنلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ
ئەينى ۋاقىتتا تاماقنىڭ ئورنىغا ئىزورانى كۆرىدىغانلار ھازىر كىچىكلىرى ئوتتۇرا ياش ئوتتۇرا ياشلىرى قېرىپ ياشانغانلىرى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنداقتا فىلىمدىكى باش رولچىلار قانچە ياشقا كىرگەندۇ؟
مانا بۇ باش پىرسۇناژ ئىزورا
ئاقكۆڭۈل ئايال خوجايىنى ئېستىر خانىمنىڭ ئاسىرىشىدا باي خېنىملاردەك ياشىغان ئەينى چاغدا 19 ياشتا ئىدى، ئىزورا قۇرۇق خوجايىنى لىيونسىيونىڭ كۆپ قېتىملىق رەزىل پىلانىدىن قېچىپ قۇتۇلغان تەلەيلىك قىز،ھەمدە مۇھەببەت ۋەسلىگە يېتىش ئۈچۈن قاچمىغان تاغ مۆمىگەن باغ قالمىغان بەتەلەي قىز.ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىمۇ شۇنچىلىك چىرايلىق.
مانا بۇ لىيونسىيو، قورۇق خوجايىنىنىڭ ئوغلى
قولىدىن ئىش چىقمايدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلىسىنى بۇزۇپ-چېچىپ خەجلەيدىغان باينىڭ بالىسى،تاكى 100-قىسمىغىچە ئىزوراغا كۆز تىكىپ يۈرگەن،ئۇ ئەينى چاغدا 45 ياشتا بولسا كېرەك، ئۇ ھازىر قېرىپ مۇشۇ ياشتىمۇ يەنە شۇنچىلىك شاش قېرىغان، چىرىيىدىن فىلىمدىكىدەك ئەسكىلىكى بىلىنمەيدۇ.
مالۋىنا، فىلىمدىكى ئەڭ ئاقكۆڭۈل پىرسۇناژ
دادىسىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن پەسكەش لىيونسىيوغا تىگىپ قېلىپ بۇ ئەرگە تەكىنىگە غىققىدە تۇيغۇزغان.
بۇ كىلىشكەن يىگىتنىڭ ئىسمى ئالۋارو
باباسەينە قورىقىنىڭ خوجايىنى ئىزورانىڭ ئىككىنچى قول سۆيگىنى ،بۇ يىگىت ئىزورانى ئېلىپ قېچىپ شىرىن تۇيغۇلارنى ئاتا قىلغان ۋە تۇتۇلۇپ قېلىپ ئىزورا ئۈچۈن 1800 قامچا يىگەن، ئەينى چاغدە ئۇ 29 ياشتا ئىدى.
مانا بۇ توبىياس
ئىزورانىڭ تۇنجى سۆيگىنى ئىككىسى قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقاندا ناچار لىيونسىيوننىڭ قەستلىشىگە ئۇچرىغان، ياش چېغىدا ئەسكىدەك كۈرۈنگىنى بىلەن لىكىن قەلبى ناھايتى گۈزەل ئادەم ئىدى.
بۇ يىگىتنىڭ ئىسمى ھىنرى
مالۋىنانىڭ ئىنىسى،ئىزورانىڭ قېچىپ كىتىشى ئۈچۈن كۆپ ياردەم قىلغان، بۇ يىگىتمۇ لىيونسىيوننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ.
بۇ يىگىتنىڭ ئىسمى مارتىنو لەقىمى ئۇزۇن بۇرۇن
بۇ ئەسلى ئالۋارونىڭ ئاغىنىسى بولۇپ ئازراق پۇلنى دەپ ئىزورا بىلەن ئالۋارونىڭ مۆككەن جايىنى ئايغاقچىلارغا چېقىپ قۇيىدۇ، شۇ چاغدا كىشىلەر ئۇنىڭغا ئۆچ بولغىنىدىن پۇل ئۈچۈن ئانىسىنىمۇ سېتىۋېتىشتىن يانمايدىغان پەسكەش دەپ تىللايتى.
مانا بۇ قارا گۈزەلنىڭ ئىسمى بولسا روسا
فىلىمدىكى ئۇ ناھايتى ئىچى يامان ئايال سەتەڭلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئىزورا بىلەن ئەر تالىشىپ يۈرۈيدىغانئايال بولۇپ كۆرۈرمەنلەردە ئالاھىدە سەلبىي پۇرسىناژ دەپ چۇڭقۇر تەسىر قالدۇرغان، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ پىرسۇناژ بىرازىلىيەنىڭ داڭلىق مودىلى ئىكەنمىش.
来源:爱酷艺
监制:麦麦提江
审稿:阿米娜
稿子:乃扎尔
制作:张伟