دىلرابانىڭ 2021-يىللىق ئۈچ ئەسىرى

تىڭشۈن تورى
2021-01-18
来源:

640-24.gif

640-59.png







دىلرابانىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى تەسىر كۈچى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئۇ رول ئالغان كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىمۇ كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، يېقىنقى مەزگىلدە ئۇنىڭ يېڭى تىياتىرى سۈرەتكە ئېلىشقا باشلانغانلىقى ئۈچۈن، ئارقا-ئارقىدىن قىززىق ئىزدەش سۇپىسىغا چىقتى. لېكىن دىلرابانىڭ تېخى قويۇلمىغان ئۈچ ئەسىرى بار بولۇپ، دىلرابا بۇ ئەسەرلىرىدە داڭلىق بىرىنچى سەپتىكى ئارتىسلار بىلەن ھەمكارلاشقان، ھەممىسى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

«سىز مېنىڭ شان-شەرىپىم»(你是我的荣耀)

ئالدى بىلەن بىز دىلرابا بىلەن ياڭ ياڭ باش رول ئالغان تۇنجى شەھەر مۇھەببەت تىياتىرى «سىز مېنىڭ شان-شەرىپىم»نى كۆرۈپ باقايلى، بۇ تىياتىر ئەمدىلا سۈرەتكە ئېلىشنى باشلىغاندىلا كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتقان، ھەتتا رول ئېلىۋاتقاندا تارتىۋېلىنغان نەق مەيدان سۈرەتلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن قىزىق ئىزدەش سۇپىسىغا چىققان. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ئىككى باش رولچىنىڭ ئېقىم مىقدارىغا راستىنلا سەل قاراشقا بولمايدۇ. دېمىسىمۇ كېلىشكەن ياڭ ياڭ بىلەن ساھىبجامال دىلرابانىڭ ئىكران بىر جۈپلىرى بولۇشى نۇرغۇن مەستانىلەرنى خۇش قىلدى.

بۇ تىياتىردا ئاساسلىق ئايال باش رولچى چياۋ جىڭجىڭ بىر ئويۇننىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇشقا تەكلىپ قىلىنغاندا تورداشلار ئارىسىدىن كۆپ يىللاردىن بېرى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ كەلگەن مەكتەپدىشى يۈتۇنى ئۇچرىتىپ قالغانلىقى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقىتتا قارشى تەرەپكە كۆڭۈل ئىزھار قىلسىمۇ، ئېچىنىشلىق رەت قىلىنغانلىقى، كېيىن بۇ ئىككەيلەن ئەمدى ئۇچراشمايمىز دەپ ئويلىغاندا مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك قايتا ئۇچرىشىپ بىر بىرىگە قەلب دەرۋازىسىنى ئاستا-ئاستا ئېچىپ، قارشى تەرەپنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغانلىقى بايان قىلىنغان.

2. «چاڭگې سەپىرى»(长歌行)

بۇ تىياتىرنى كۆپچىلىك «ئاچا-ئىنى مۇھەببىتى» دەپ تەرىپلىشىدۇ، چۈنكى ئاساسلىق باش رولچى دىلرابا ۋە ۋۇ لېي يەتتە ياش پەرقلىنىدۇ، لېكىن بۇ ئىككىسىنىڭ ياش پەرقىمۇ كۆپچىلىكنىڭ بۇ تىياتىرنى قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈشىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ليۇ يۈنىڭ،جاۋ لۇسى، فاڭ يىلۇن قاتارلىق يانداش رولچىلار بار بولۇپ، ئارتىسلار سېپى ئىنتايىن كۈچلۈك. بۇ تىياتىر شۇ ناملىق ھەجۋىي رەسىمگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن، يەنە تېخى نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

بۇ تىياتىر قىزغىن ۋە ئىرادىلىك قەدىمىي تىياتىر بولۇپ،تاڭ سۇلالىسى مەلىكىسى لى چاڭگېنىڭ ھايات كەچۈرمىشى بايان قىلىنغان. بۇ تىياتىردا باش رولچىلارنىڭ ئىزچىل تۈرلۈك كىرىزىسلارغا دۇچ كېلىپ، بىر قاتار ئۇقۇشماسلىقلارنى باشتىن كەچۈرىشى، كېيىن ئايال باش قەھرىماننىڭ ئۆچ ئاداۋەتنى قويۇپ بىر-بىرىنىڭ ھېسسىياتىنى ئېنىق تونۇپ، ئەر باش قەھرىمان بىلەن بىلەن بىرلىكتە بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى ۋە يايلاقنىڭ تىنچلىقىنى قوغدىغانلىقىدەك بىر رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ھېكايە بايان قىلىنغان.

3. «ئاي پەرى رىۋايىتى»(日月)

ئاخىرىدا كۆپچىلىككە سۆزلەيدىغىنىمىز دىلرابا بىلەن دوۋ شياۋ باش رول ئالغان «ئاي پەرى رىۋايىتى» ناملىق فىلىم بولۇپ، بۇ فىلىم ئەمدىلا تەشۋىق قىلىنغاندىلا كۆپچىلىكنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ھەم ھەر ئىككىسى ئەمەلىي كۈچى بار ئارتىسلار بولۇپ ئىككىلىسى ئىنتايىن ماسلاشقان، يەنە كېلىپ بۇ ئەپسانىۋى ھېكايە «خوۋيىنىڭ كۈننى ئېتىشى»گە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن تىياتىر بولۇپ، باش رولچىلارنىڭ قالتىس ئىپادىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ.

بۇ ھەم كىشىنى ئىنتايىن تەقەززا قىلىدىغان تىياتىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ فىلىمنىڭ سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغىنىغا نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە قويۇلۇش ۋاقتى بېكىتىلمىگەن. بۇ تىياتىردا گۈزەل قىز ئاي پەرىسى ئورمانلىقتىكى ئۆسمۈر خوۋيى بىلەن بىللە ئۆتكەن بولۇپ، ئىككىسى كىچىكىدىن تارتىپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، ئەمما ئايال باش رولچى ئەركىنلىككە ئىنتىلگەن، بۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىز لوڭۋاڭ خانىش پەيدا بولۇپ، بۇ يەرنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ تاشلىغان.

دىلرابانىڭ بۇ فىلىملىرى ئارقا-ئارقىدىن قويۇلسىلا، مۇقەررەر ھالدا «ئېكران زومىگىرى» بولىدۇ. يەنە كېلىپ قايسىسى قويۇلىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى يۇقىرى كۆرۈلۈش نىسبىتى يارىتىدۇ. سىز دىلرابانىڭ قايسى فىلىمىگە ئەڭ تەقەززا؟

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟