ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەۋسىيەسى: دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇ بولغان مەركىزىي خەلق رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن «سالام تۇرمۇش»(你好生活)پروگىراممىسىغا ئاتاقلىق ئۇستاز سەنئەتكار، غەربىي دىيار ناخشا شاھى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ مەشرەپ ناملىق ناخشىسىنى ئورۇنلاپ، مەركەزدىكى داڭلىق رىياسەتچىلەرنى ئۇسۇلغا سېلىۋەتتى.
«سالام تۇرمۇش» (你好生活) پروگىراممىسى بولسا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇنىۋېرسال سەنئەت قانىلى بىلەن مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى بىرلىشىپ ئىشلىگەن، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتى بىرلىكتە يولغا قويغان يېڭى دەۋرىدىكى ياشلارنىڭ تۇرمۇشىتىن بەھرىمان بولۇش پروگراممىسىدۇر.
ئەلكۈيى تەھرىرىنىڭ ئېگەللشىچە، بۇ قىتىملىق سايرام كۆلىدە ئۆتكۈزۈلگەن «سالام تۇرمۇش»(你好生活)پروگىراممىسىنىڭ سىن كۆرۈنۈشىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاتاقلىق ئۇستاز سەنئەتكار ، غەربىي دىيار ناخشا شاھى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم تەكلىپ بىلەن پىروگىراممىغا قاتناشقان بولۇپ ئۆزىنىڭ ياڭىراق جۇشقۇن ئاۋازى ئارقىلىق شىنجاڭ خەلقىنىڭ سالىمىنى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە يەتكۈزدى، شۇنداقلا ئابدۇللا ئابدۇرىھىم ئۇستاز «مەشىرەپ» ناملىق ناخشىسى ئارقىلىق مەيداندىكى كىشىلەرنى ئۇسۇلغا تارتتى؛
مەركىزى تىلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ رىياسەتچىلىردىن سابىنىڭ ۋە پەخىرلىك ئوغلانىمىز نىغمەت ئابدۇراخمانلارمۇ خۇشاللىققا جۆر بولۇپ ئۇسۇلغا چۈشتى، شۇ كۈنى ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ جاينىڭ شامىلىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك. ئابدۇللا ئابدۇرىھىم ئۇستاز سەھنىگە چىققاندا، سابېنىڭ بىلەن نىغمەت ئىككىسى بىرلا ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ مامۇق چاپىنىنى سېلىپ، ئۇستاز ئابدۇللا ئابدۇرىھىمغا كىيگۈزدى. ئابدۇللا ئابدۇرىھىم ئۇستاز ناخشا ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن،پەخىرلىك ئوغلانىمىز، رىياسەتچى نىغمەت ئابدۇراخمان بىرىنچى بولۇپ ئابدۇللا ئابدۇرىھىم ئۇستازنى قۇچاقلىدى، سابىنىڭ بولسا دەل ۋاقتىدا ئابدۇللا ئابدۇرىھىم ئۇستازنىڭ چاپىنىنى يېپىنچاقلىدى.
来源:爱酷艺
监制:麦麦提江
审稿:阿米娜
稿子:乃扎尔
制作:张伟