ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى چېرچىل مۇنداق دېگەن: «ۋىۋىيان لىي (Vivien Leigh) بىر سەنئەت ئەسىرى».
شۇنداق، ئۇنىڭ قارلىغاچتەك ئۇچۇپ تۇرغان ئىنچىكە قاشلىرى، ھېيلە-مىكىر ئويناپ تۇرغان ئۆتكۈر بىر جۈپ كۆزى سۇس يېشىل نۇر چاقنىتىپ كىشىنى ساراسىمىگە سالاتتى. ئىلىپتەك قاڭشىرى، نېپىز لەۋلىرى ۋە ئۇ كۈلگەندە پەيدا بولىدىغان زىناقلىرى ئۇنىڭ زېرەكلىكى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى نامايان قىلىپ بېرەتتى.
1. ۋىۋىياننىڭ ھاياتى
ۋىۋىيان لىي 1913-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەنگىلىيەگە قاراشلىق غەربىي بىنگال ئىشتاتىنىڭ دارجىلىڭ (Darjeeling) شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئەنگىلىيە يورك ئاكسىيەسىنىڭ ۋاستىچىسى ئېرنىست خارتىلىي ۋە ئايالى گېۋىنچنىڭ يالغۇز قىزى ئىدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئىسمى تېخى ۋىۋىيان ئەمەس بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا ۋىۋىيانا مارىي خارتىلىي دەپ ئىسىم قويغانىدى. ۋىۋىيانا ئاتا-ئانىسى بىلەن بەختلىك ئاقسۆڭەكلەر تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئالتە ياشقا كىرگەندە لوندوننىڭ غەربىدىكى بىر مەكتەپكە ئاپىرىپ بەرگەن. ئىككى يىلغا يىقىن ۋاقىت ئىچىدە، ئاتا-ئانىسى بىلەن بىر قېتىممۇ كۆرۈشۈپ باقمىغان.
ئىمپېرىيە دەۋرىدە چەتئەلدە تۇرىدىغان ئالاھىدە ھوقۇقلۇقلارنىڭ بالىلىرىنى دۆلىتىگە قايتۇرۇپ ئوقۇتىدىغان ئىشلىرى كۆپ ئۇچرايتتى. لېكىن ئۇ مەكتەپتىكى چاغدا يالغۇزلۇق ھېس قىلاتتى، شۇنداقتىمۇ بۇ خىل تۇرمۇشقا ناھايىتى تېزلا كۆنۈپ قالدى ۋە ئىسكىرىپكا، پىئانىنو قاتارلىق سازلارنى چېلىشنى ئۆگەندى، ئۇ سەنئەتنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتى، شۇنداقلا ساۋاقداشلىرى بىلەن چىقىشىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، كۆپلىگەن ساۋاقداشلىرىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەنىدى.
15 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا ۋىۋىيانا مەكتەپتىن ئايرىلىپ، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئۆگىنىش ھاياتىنى باشلىدى، 18 ياشقا كىرگەن يىلى لوندون خان جەمەتى تىياتېر شۆيۈەنىگە قوبۇل قىلىندى. 19 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇ ھېربېرت لى ھورمان- (Herbert · Advantage · Horman ئەينى يىللاردىكى داڭلىق ئادوۋكات) بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئىككىيلەن بىر-بىرىنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، توي تۇرمۇشىغا قەدەم قويىدۇ. كىيىنكى يىلى ئۇنىڭ بىردىنبىر بالىسى بولغان قىزى سۇساننا دۇنياغا كېلىدۇ.
ھېربېرت لى ھورمان كامبرىج داشۆسىنى پۈتتتۈرگەن بولۇپ، لوندوندا خېلى بۇرۇنلا پۇت تېرەپ تۇرغان، ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانىدى. ئۇنىڭ سالاپىتى ۋە ئەقىل-پاراسىتى ۋىۋىياننانى جەلپ قىلىۋالدى، ھېربېرتنىڭ پەيدا بولىشى ئۇنىڭ مەكتەپتە تۇرغان ۋاقتىدىكى مىھېر-مۇھەببىتىنى تولۇقلاپ، ئۇنىڭ گۈزەل سالاپىتىنى تېزلا يىتىشتۈرۈپ چىقىپ، ئۇنى «ۋىۋىيان لىي» دېگەن بۇ نامغا ئېرىشتۈردى.
1934-يىل 8-ئايدا ۋىۋىيان لىي تۇنجى قېتىم كىنو ساھەسىگە قەدەم قويدى، «گۈللىنىش» ناملىق ئەنگىلىيە فېلىمىدە بىر نامسىز قىز ئوقۇغۇچىنىڭ رولىغا چىقتى، گەرچە ئۇنىڭ پەقەت بىر ئېغىزلا سەھنە سۆزى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان گۈزەل رۇخسارى كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. 1935-يىلى ۋىۋىيان ئوخشاشلا قوشۇمچە رول بولغان «ئەخلاقنىڭ ساختىلىقى» ناملىق تىياتېردا قارا كۆينەك كىيىپ رولغا چىقىپ، ئىككىنچى كۈنى لوندوندىكى ھەممە ئادەمگە تونۇشلۇق بولغان چولپانغا ئايلاندى.
ئەنگلىيەدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان دراما ۋە مۇزىكا ساھەسىدىكى مۇكاپات تۈرى بولسا لورىنىس ئولىۋېر مۇكاپاتى بولۇپ، ئۇنىڭ مۇھىملىقى ئامېرىكىدىكى ئانتونىيوت مۇكاپاتى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ مۇكاپات بولسا سېر لورىنىس ئولىۋېر (Laurence Olivier) نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. لورىنىس ئولىۋېر 1907-يىلى لوندوندا تۇغۇلغان، 12 يېشىدا ئانىسى ۋاپات بولغان، دادىسى ئوغلىنىڭ تىياتىر جەھەتتىكى تالانتىنى بايقاپ، ئۇنىڭ ئەنگىلىيە خان جەمەتى تىياتىر شۆيۈەنىگە بېرىپ ئوقۇشىنى قوللىغان.
1926-يىلى لورىنىس ئولىۋېر بىرمىڭخام تىياتىرخانىسدا پراكتىكا قىلىپ، شېكىسپىرنىڭ بارلىق ئەسەرلىرى ۋە روللىرىنى تەتقىق قىلغان. لورىنىس ئولىۋېر بىلەن بىللە يەنە ئۇنىڭ بىرىنچى ئايالى جېل ئەسموند (Jill Esmond) مۇ بولۇپ، 1930-يىلى جېل ئەسموند لورىنىس ئولىۋېرنىڭ توي تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان.
جېل ئەسموند ئۆزىنىڭ تىنچ تۇرمۇشىنىڭ 1935-يىلىدىن باشلاپ ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. 1935-يىلى ۋىۋىيان لىي ئولىۋېر رول ئالغان «خان جەمەتى تىياتىرى»نى قايتا-قايتا 14 قېتىم كۆرىدۇ، ئۇ بىللە تىياتىر كۆرگەن دوستىغا «ھامان بىر كۈنى مەن ئۇنىڭغا تېگىمەن!» دەيدۇ. شۇ يىلى «ئەخلاقنىڭ ساختىلىقى»نى كۆرگەندىن كىيىن، لورىنىس ئولىۋېر ۋىۋىيان لىيغا مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار يۈز كۆرۈشىدۇ، بۇ شۇ چاغدا لوندون سەنئەت ساھەسىدىكى بىر قىززىق تېما بولۇپ قالىدۇ.
«ئەنگلىيەدىكى ئۇرۇش»نى سۈرەتكە ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، لورىنىس ئولىۋېر ۋىۋىيان لىي ۋە ئۇنىڭ يولدىشىنى ئۆزىنىڭ قورۇقىغا يېغىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. ئولىۋېر ھەمىشە تىياتىر ھەققىدە سۆزلىشىشنى باھانە قىلىپ ۋىۋىيانىڭ ئۆيىگە بارىدۇ. بارا-بارا ئولىۋېر ۋىۋىيان بولمىغان تۇرمۇشنى مەنىسىز ھېس قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇچرىشىشى ھەممە بىلىدىغان مەخپىيەتلىككە ئايلىنىدۇ. ئولىۋېر بۇرۇن ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە ھاي بېرىپ باققانلىقىنى، لېكىن پايدىسى بولمىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ چاغدا مۇھەببەت خۇددى دېڭىز دولقۇنلىرىدەك بولۇپ، ناھايىتى شىددەت بىلەن يوپۇرۇلۇپ كەلگەنىدى.
لورىنىس ئولىۋېر ۋە ۋىۋىيان لىي دانىيە ۋېك تىياتىرخانىسىدىكى «ھامىلېت» درامىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن پويىزغا چىقتى، 1937-يىلى 6-ئايدا تارتىلغان.
كوداك شىركىتى خۇددى بارلىق رەسىم ئاپاراتىنى بۇ بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇققا قاراتقاندەك ئىدى، ئۇلارنىڭ شاھزادە ۋە مەلىكىنىڭ چۆچىكىنى رىئاللىققا ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمۈد قىلاتتى. ئولىۋېر بىلەن ۋىۋىيان ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى باشلىدى، گەرچە ئەسموند ۋە فېرمان ھەرئىككىسى ئاجرىشىشقا قوشۇلمىسىمۇ، لېكىن ئولىۋېر ۋە ۋىۋىياننىڭ قاتمۇقات توسالغۇلارنى بۆسۈپ، بىر يەرگە كېلىشىنى توسۇپ قالالمىدى.
ئولىۋېر ۋىۋىيانغا نۇرغۇنلىغان سەھنە ماھارەتلىرىنى ئۆگەتتى، تەلەپپۇزىنى تۈزۈتۈپ پېرسوناژلارنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈشكە يىتەكلىدى، ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ئۇ ۋىۋىياننى بىر كىنونىڭ ئايال باش رولچىسى ئۈچۈن بېشى قېتىۋاتقان فېلىم ئىشلىگۈچى داۋىد سېلزىنىككە تونۇشتۇردى.
بۇ فىلىم بولسا ھوللىۋودتىكى بۈگۈنگە قەدەر قايتا ئىشلەشكە پېتىنالمايۋاتقان-«ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن» فىلىمى ئىدى.
3. بىراقلا نام قازىنىش
نۇرغۇن كىشىلەر ۋىۋىيان لىينى تۇنجى قېتىم «ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن» فىلىمى بىلەن تونۇغان، كىنودىكى سىكارلېت شاللاق ۋە مەغرۇر، جاھىل ھەم قەيسەر ئىدى.
«لەيلەش» ناملىق بۇ كىتاب 1937-يىلى نەشىر قىلىنغان، ۋىۋىيان كۆپلىگەن ياش قىزلارغا ئوخشاشلا بۇ كىتابنى ياقتۇرۇپ قالغانىدى، ۋە شۇنداقلا نەزىرىنى ھوللىۋودقا قاراتتى.
سىكارلېت بولسا كىنو تارىخىدىكى ئەڭ نەزىرى ئۈستۈن بىر ئوبراز، مەيلى چوڭ ياشتىكى بولسۇن، مەيلى ياش قىزلار بولسۇن، ھوللىۋودنىڭ چولپانلىرىدىن بۇ رولغا كىرىپ باقمىغىنى يوق. جون كرافورد (Joan Crawford)، بىتتى دەيۋېس (Bette Davis)، كەسىرىن خىپبورن (Katharine Hepburn)، كومىدىيە شاھى چاپلىننىڭ بولغۇسى ئايالى پولىتتى گودارد (Paulette Goddard) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ مەيدان رىقابەتتە ئۇتۇشنى ئويلايتتى.
«ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن» ئۈچۈن تۆت مىليون دوللار مەبلەغ چىقاردى، بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى فىلىم ئىشلەش ھەققى ئەڭ يۇقىرى فىلىم بولۇپ، ناھايىتى چوڭ دو تىككەنلىك بىلەن باراۋەر ئىدى، شۇڭا سېلزىنىكنىڭ ئايال باش رولچىنى تاللاش جەھەتتە ئازراقمۇ خاتالىق ئۆتكۈزىشىگە بولمايتتى. 1938-يىلى 6000 دىن ئارتۇق ئارتىسنىڭ رولنى سىناق قىلىپ بېقىشى نەتىجىسىدە، سېلزىنىك قورقۇنچ ئىچىدە شۇنى ھېس قىلدى: ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى سىكارلېت خۇددى ئاسماندىكى لەيلەپ تۇرغان بۇلۇتلاردەك ھېچ توختىمايۋاتاتتى.
ئۇلارنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، كەسىرىن خىپبورننىڭ بىر ئەر ئون يىل قوغلاشقۇدەك سىھرىي كۈچى يوق ئىدى. بىتتى دەيۋېس بولسا ھەمىشە ئەسكى ئاياللارنىڭ رولىنى ئالاتتى. جون كرافوردنىڭ بويى بەك ئېگىز، ئەسلى ئەسەردىكى نازۇك سىكارلېت ئوبرازىغا ماس كەلمەيتتى. ئايال باش رولچىنى تاپالمىغانلىقتىن، فىلىم پەقەت سىرتقى مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە ئېلىشنى باشلاپ تۇردى. 1938-يىلى ۋىۋىيان لىي ئەينى ۋاقىتتا «تاغلىق يېزىدىكى شاۋقۇن» فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان ئاشىقى لورىنىس ئولىۋېردىن «ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن» فىلىم گورۇپپىسىغا بىللە بېرىپ پۇرسەت ئىزدەپ بېقىشنى تەلەپ قىلدى، ئولىۋېر مەشۇقىنىڭ تەلىپى بويىچە، ۋىۋىيانى داۋىد سىلزىنېكنىڭ ئىنىسى مىلون سىلزىنېكقا تونۇشتۇردى. مىلون ۋىۋىياننىڭ گۈزەللىكىنى كۆرۈپ مەپتۇن بولۇپلا قالدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن تىياتىر كىيىمى كىيگەن ئېسىل ھەم تەرسا، «خۇددى ئاسلانغا ئوخشايدىغان» بىر ئايال ئاتلانتادىكى فىلىم مەيدانىدا پەيدا بولدى.
«تالانت ئېگىسى، تېز كېلىپ سىكارلېت ئوخاراغا قارا!»
تۆت كۈندىن كىيىن، ئامرىكىدا قىلچە نامى يوق ئەنگلىيەلىك كىچىك بىر ئارتىس «ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن» فىلىمىنىڭ ئايال باش رولچىسى بولۇپ قالدى.
فىلىم سۈرەتكە ئېلىشقا كىرىشتى، ۋىۋىيان لىي ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن جاپالىق ئىدى، مەن كۈندە بۇ يەرگە كېلەتتىم، لېكىن نېمە ئىش قىلىشىمنى، قانداق كەيپىياتنى ئىپادىلىشىمنى بىلمەيتتىم، ھەم ھېچقانداق ئورۇنلاشتۇرۇشمۇ يوق ئىدى».
كىلارك گەيبىلنىڭ ھوللىۋودتا «كىنو پادىشاھى» دېگەن نامى بار ئىدى، لېكىن ۋىۋىيانىڭ فىلىمدىكى يارقىنلىقى ئۇنىڭغا پەقەت «بىر ئايال سېرنىڭ ياردەمچىسى»دەك تۇيۇلغانىدى. فىلىم مەيدانىدىكى كىشىلەر ئەسلەپ، گەيبىلنىڭ ھەمىشە بۇ ساددا، شوخ قىز بىلەن قېرىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
سۈرەتكە ئالغان بەش ئاي ئىچىدە ۋىۋىيان دەم ئېلىشتىن باشقا ۋاقىتلاردا، ھەركۈنى ئەتىگەن سائەت توققۇزدىن كەچ سائەت توققۇزغىچە سىكارلېتنىڭ رولىنى ئالاتتى. سۈرەتكە ئېلىشنىڭ تەلەپچانلىقى يۇقىرى بولغاچقا، سىكارلېت بولۇپ ياشاۋاتقان ۋىۋىيان ھەركۈنى تۆت قاپ تاماك چېكىپ، ئۆزىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتەتتى. ئامرىكىنىڭ غەربىدە قىزىل توپا ئۆرلەپ تۇراتتى، شۇنىڭ بىلەن سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا ۋىۋىيان ئۆپكە سىل كېسىلىگە گرىپتار بولدى.
لېكىن فىلىم قويۇلغاندىن كىيىن، ئىلگىرىكى جاپالارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەرزىيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. 1939-يىلى «ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن» ئاخىرى ئاشۇ «ئەتە يېڭى بىر كۈن» دېگەن گەپ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىغە قەدەم قويدى. ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى ھوللىۋود كىنوچىلىقىنىڭ «گېگانت ئەسەرلەر» دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى.
تاماشىبىنلارنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويماي، بۇ فىلىم 1940-يىلى ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا ئەڭ ياخشى كىنو، ئەڭ ياخشى رىژىسسور، ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
26 ياشلىق ۋىۋىيان لىي بىر كىچىدىلا داڭق قازىنىپ، تاماشىبىنلار كۈتكىنىدەك «كىنو خانىشى»لىق ئورنىغا چىقىپ، ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى ئەنگىلىيەلىك ئارتىس بولۇپ قالدى.
شۇ كۈندىن كيىن، ھوللىۋودتىكى سانسىزلىغان فىلىم ئىشلىگۈچىلەر ۋىۋىيان لىينى ئىزدىدى. «ۋوتىرلۇ كۆۋرۈكى» فىلىمىدە، ۋىۋىيان لىي رول ئالغان مالا سىكارلېتقا ئوخشىمايدىغان يەنە بىر تەرىپىنى نامايان قىلىپ بەردى.
«ۋوتىرلۇ كۆۋرۈكى» فىلىمىدىكى ۋىۋىيان لىي ۋە روبىرت تەيلور (Robert Taylor))
ئۇزۇن ئۆتمەي ئولىۋېر ۋە ۋىۋىيان ھەر ئىككىلىسى ئاجرىشىپ كەتتى، 1940-يىلى 8-ئەينىڭ 30-كۈنى ئولىۋېر ۋە ۋىۋىيان سانت باربارادا توي قىلدى، توي مۇراسىمى ناھايىتى مەخپىي بولدى، پەقەت كەسىرىن خىپبورن ئۇخلاۋاتقان يېرىدىن چاقىرتىپ ئاپىرىلىپ ئۇنىڭ قولدىشى بولدى.
20-ئەسىردىكى ئەڭ داڭلىق ئەر-ئايال
ۋىۋىيان لىي بالىلىق دەۋرىدىلا لورىنىس ئولىۋېرغا چوقۇناتتى. مەيلى ئارتىسلىق، مەيلى تىياتىر يېزىش مەيلى رىژىسسورلۇق قىلىش جەھەتتە بولسۇن، ئولىۋېر دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى. ئۇ تۇنجى بولۇپ، شۇنداقلا تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا شېكىسپىر درامىلىرىنى ئىكرانغا ئېلىپ چىققانىدى، بۇ كىشىنى چوقۇندۇرىدىغان ئەڭ يۇقىرى تەرىپى ئىدى.
بىر ئارتىس بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋىۋىيانمۇ يولدىشىنىڭ ئىزىنى بويلاپ ماڭمىسا بولمايتتى، سەھنە تەجرىبىسى جەھەتتە ئۇنىڭ ئولىۋېر بىلەن پەرقى زور ئىدى، بۇ ئۇنى بىئارام قىلاتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇنى تېخىمۇ ئالقىشقا ئېرىشتۈرىدىغان ھوللىۋود فىلىملىرىنى مەنسىتمەي، ئولىۋېرغا ئەگىشىپ تىياتىر ئورۇنداش پەللىسىگە يامىشىشقا باشلىدى. ئۇ سەھنىدە ئولىۋېر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۇنى تېخىمۇ كۆپ ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىشنى ئويلايتتى.
1940-يىلى «كېپىنەك چۈشى» ۋە «تەكەببۇرلۇق ۋە ئاداۋەت» فىلىملىرىدىكى ئالاھىدە ماھارىتى بىلەن يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى، لورىنىس ئولىۋېرنىڭ ئامرىكىدىكى كىنوچىلىق ئىشلىرىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ يۇقىرى پەللىگە چىقتى، لېكىن ئۇنىڭ پەقەت ئوسكار ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىدا ئىسمى ئاتالدى. شۇ يىلى ۋىۋىيان پەقەت 26 ياشتا بولۇپ، ئوسكار ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنىدى. ئولىۋېرنىڭ كەيپىياتىنى داۋالغۇتماسلىق ئۈچۈن، ۋىۋىيان مۇكاپات لوڭقىسىنى كۆزگە چېلىقمايدىغان يەرگە قويغانىدى، تاكى كۆپ يىللاردىن كىيىن ئولىۋېر ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىلا ئاندىن مۇكاپات لوڭقىسىنى تىزىپ قويدى.
يەنە شۇ 1940-يىلى ۋىۋىيان ۋە ئولىۋېر برودۋەيدە ئوپىرا «رومىئو ۋە جۇلىتتا»نى ئورۇنلىدى، ئەر-ئايال ئىككىسى بۇ تىياتىر ئۈچۈن بارلىقىنى سەرپ قىلغانىدى. لېكىن ئەينى ۋاقىتتا، «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» تىغ ئۇچىنى ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ ئارلىشىۋاتقان ۋاقىتتا بۇرۇنقى توي تۇرمۇشىغا سادىق بولمىغانلىقىغا قارىتىپ، ھەتتا ئۇلارنى «ئۇرۇش مەزگىلىدە دۆلىتىگە قايتىپ، دۆلىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشمىدى» دەپ ئەيىبلىدى. «رومىئو ۋە جۇلىتتا» تىياتىرىنىڭ مەغلۇب بولىشى بىلەن ئەر-ئايال ئىككىيلەنگە غايەت زور زىيان بولدى، ئەر-ئايال ئىككىيلەن ئەنگلىيەگە قايتىشقا مەجبۇر بولدى.
1940-يىلى، ئەنگلىيە خەير-ساخاۋەت ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئولىۋېر ئەر-ئايال ھەربىيلەر ئۈچۈن شەپكە تىكمەكتە.
1941-يىلى ئۇلار بىرلىكتە رول ئالغان ئەڭ ئاخىرقى فىلىم «خامىلتون خانىم»دا لورىنىس ئەر-ئايال ئىككىيلەن بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقنىڭ رولىنى ئالدى. فىلىم ئامرىكىدا ئالقىشقا ئېرىشىپ، سوۋىت ئىتتىپاقىدىمۇ خېلى زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى.
ئىككىيلەن ئەنگلىيەگە قايتىپ ئۈچ يىلدىن كىيىن، جورج بىرنادشوۋ (George Bernard Shaw) «قەيسەر ۋە كىلئوپاترا» فىلىمى ئۈچۈن ئايال باش رولچى ئىزدەۋاتاتتى. ۋىۋىيان ئۆزىنىڭ بۇ فىلىمنى «ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن»دەك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىشىگە ئىشەنچىسى بار ئىدى، ئۇ ئۆزى بىرناندشاۋنىڭ تۇرالغۇسىغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ، «مىسىر خانىشى»دىن ئىبارەت بۇ رولغا ئېرىشتى. لېكىن كىلئوپاترانىڭ مىمفىس ئوردىسى زالىدىن ئۆتىۋاتقان كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا، ۋىۋىيان لىي ئېھتىياتسىزلىقتىن يېقىلىپ چۈشۈپ، ئىككى كۈندىن كىيىن بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ. بالىسىدىن ئايرىلغان ۋىۋىيان قاتتىق ئازابلىنىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئولىۋېرنى ئۇرۇپ-تىللايدۇ، ھالىدىن كېتىپ يىقىلىپ قالغۇچە يىغلايدۇ، تۇنجى قېتىم روھىي جەھەتتىن تۈگشىپ كېتىدۇ.
1946-يىلى ئولىۋېر بىر مۇخبىرغا يازغان خېتىدە «بىر يىلنىڭ ئالدىدىكى بويىدىن ئاجراپ كېتىش سەۋەبىدىن، ۋىۋىيان قاتتىق ئازابتا قالدى، شۇنداقلا بۇندىن بۇرۇن ئارىلاپ قوزغىلىدىغان كەيپىياتى تۇراقسىزلىشىشتەك كېسەللىك ئالامىتىنىڭ ھازىر پات-پات قوزغىلىۋاتىدۇ» دېگەن. ئەينى چاغدا ھېچكىممۇ بۇلارنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا كىيىن ئۇنىڭ ھاياتىنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
1947-يىلى 10-ئايدا لورىنىس ئولىۋېر بىرمىڭخام سارىيىدا ئايال پادىشاھ Ⅱ نىڭ ئۇنۋان بېرىشىگە ئېرىشىپ، ئەنگلىيەدىكى ئەڭ ياش تۇرۇپ ئۇنۋانغا ئېرىشكەن ئارتىس بولۇپ قالدى.
1948-ئولىۋېر ئەر-ئايال ئاۋسترالىيەگە بېرىپ سەييارە ئويۇن قويدى، سانسىزلىغان كىشىلەر تياتىر سەھنىسىنىڭ چوققىسىدىكى بۇ چولپان ئەر-ئايالنى كۆرۈشكە تەشنا ئىدى. لېكىن بۇ قېتىملىق ئاۋسترالىيە سەپىرى ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالدى، ۋىۋىيان قايتىش يولىدا ئولىۋېرغا «ئۇنىڭغا قىزىقىشى قالمىغان»لىقىنى ئېيتقان، ئولىۋېرمۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىدە ئاۋسترالىيە سەپىرىنىڭ ئۇنى ۋىۋىياندىن ئايرىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنداق قىلىپ، ۋىۋىياننىڭ روھىي-ھالىتى بارغانسىرى ناچارلاشقان.
ئىككىنچى قېتىم ۋىۋىياننى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈرگىنى بولسا «ئارزۇ ناملىق ماشىنا (欲望号街车)» ئىدى. تاماشىبىنلارنىڭ قەلپ تارىنى چېكىش ئۈچۈن، ۋىۋىيان ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ يۈرىكىنى ئەزدى. كىنو سۈرەتكە ئېلىنىشتىن ئىلگىرى ۋىۋىيان تىياتىرخانىدا بۇ ۋەيران بولغان چۈشكۈنلەشكەن ئايالنىڭ رولىنى 300نەچچە قېتىم ئوينىغان، قايتا-قايتا فىلىمگە كىرىشىش ئۇنىڭغا قايتۇرىۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە روھىي جاراھەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن.
ۋىۋىيان لىي بۇ فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىپ بولغاندىن كىيىن فىلىم مەيدانىدىنلا روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغان. ئۇ روھىي جەھەتتىن تۈگەشكەن مەزگىللەردە، يولدىشى بىلەن بولغان ئالاقىسى بارا-بارا ئازلىغان. ئولىۋېر ئۇنى روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ توك بىلەن داۋالاتقان، لېكىن ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالىيالمىغان. 1956-يىلى ۋىۋىيان يەنە بىر قېتىم ھامىلدار بولىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلاشقان بولۇپ، لېكىن ناھايىتى روھلۇق ئىدى. بىر ئاي ئۆتمەي ئۇنىڭ بويىدىن يەنە ئاجراپ كېتىدۇ. 1957-يىلى ئولىۋېر «سەنئەتكار» فىلىمىدە قايتا رولغا چىقىدۇ، ئۇ بىللە رولغا چىققان ئارتىس جون پلورايت (28 ياش) بىلەن مۇھەببەت دەرياسىغا غەرق بولىدۇ. پلورايت برىستول ۋىك تىياتىر ئېنىستىتۇتىدىن يېڭىلا چىققان بولۇپ، نۇرغۇن جەھەتلەردە ۋىۋىياندىن پەرقلىنەتتى.
1958-يىلى ئولىۋېر ۋىۋىيانغا خەت يېزىپ ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ۋىۋىيان كېسەل چىرمىۋالغان ئۆزىنىڭ بىر ياش قىز تەرىپىدىن مەغلۇپ بولغانلىقىنى چۈشەندى، ئولىۋېر خانىم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ يولدىشىنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولىشى كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلىپ، 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئالقىشلانغان چولپان ئەر-ئاياللارنىڭ ۋەكىلى ئۆزلىرىنىڭ 20 يىللىق توي تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇردى.
5. ساھىپجامالنىڭ ئاخىرقى ئۆمرى
ئولىۋېر ۋىۋىياندىن ئايرىلغاندىن كىيىن يوھان مىلۋېر ئىسىملىك بىر ئارتىس ئۇنىڭ ھاياتىغا بۆسۈپ كىردى. ۋىۋىيان ئۆلسىمۇ ئولىۋېرنى ياخشى كۆرەتتى، شۇڭا ئۇ مىلۋېر بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرىنى قىيىندەك ھېس قىلاتتى. لېكىن مىلۋېرنىڭ مەيدانى مۇستەھكەم بولۇپ، ھەمىشە ۋىۋىيان مۇھتاج بولغاندا ئۇنىڭ يېنىدا بولاتتى، ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرەتتى، ۋىۋىيانىڭ ئولىۋېرنى ياد ئېتىشى سەۋەبىدىن قىلچىلىكمۇ ھەسەت قىلمايتتى.
ئولىۋېرمۇ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 1961-يىلى جون پلورايت بىلەن توي قىلىپ يېڭى ئائىلىسىنى قۇرىدۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ۋىۋىياندىن خەۋەر ئېلىپ تۇرىدۇ ۋە ھەر ئايدا ئۇنىڭغا تۇرمۇش پۇلى بېرىدۇ. مىلۋېرنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن ئۇ ئازراق تەسەللىي تاپقاندەك بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئولىۋېرغا بولغان مەجنۇنلۇقى ئازراقمۇ كەملىمەيدۇ، ئۇنىڭ كارىۋىتىنىڭ بېشىغا يەنىلا ئولىۋېرنىڭ رەسىمى چاپلاغلىق تۇرىدۇ.
1967-يىلى 5-ئايدا ئۇ ئۆزىنى يۇقۇملۇق زۇكام بولۇپ قالدىم دەپ ئويلىغاندى، لېكىن نەتىجىدە ئۇنى 20 يىل قىيناپ كەلگەن ئۆپكە سىل كېسىلى قايتا قوزغىلىدۇ، شۇڭا ۋىۋىيان كۈنلىرىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلگەن. 1967-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى مىلۋېر قايتىپ كېلىپ، ۋىۋىياننىڭ ھوجرىسىدىكى پولنىڭ ئۈستىدە ياتقانلىقىنى، ئاللىقاچان جان ئۈزگەنلىكىنى بايقايدۇ، شۇ چاغدا ئۇ 54 ياشتا ئىدى.
ئارزۇسىغا ئاساسەن ئۇنىڭ جەسىتى كۆيدۈرۈلۈپ، جەسەت كۈلى تىكلىج داچىسىنىڭ كۆلىگە چېچىلىدۇ. ئۇنىڭ ئانىسى ئىدىن مەيدانىنىڭ باغچىسىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر قەبرە ياساتقۇزىدۇ. قەبرە تېشىغا شېكىسپىرنىڭ «ئانتونى ۋە كىلئوپاترا» ناملىق ئەسىرىدىكى «جان ئالغۇچى، سەن كۆرەڭلىسەڭ بولىدۇ، چۈنكى سەن بىر ساھىبجامالنى ئېلىپ كەتتىڭ» دېگەن خەت ئويۇلىدۇ.
1999-يىلى ئامرىكا كىنو جەمىيىتى باھالىغان «يۈز يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئايال ئارتىسلار» تىزىملىكىدە ۋىۋىيان 16-ئورۇندا تۇرىدۇ. تىزىملىكتىكى باشقا ئايال ئارتىسلاردىن كەسىرىن ھىپبورن، بىتتى دەيۋىس، جون كلاۋ، ئاۋدرىي ھىپبورن، ئىلزابىت تەيلور قاتارلىقلارغا سېلىشتۇرغاندا ئەسەرلىرىنىڭ سانى چەكلىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كىنو مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ.
来源:爱酷艺
监制:麦麦提江
审稿:阿米娜
稿子:乃扎尔
制作:张伟