داڭلىق ئاكتىيور ، سەنئەت مائارىپچىسى – مۇيەسسەر توختى بىلەن سۆھبەت
ئۇستازنىڭ مەخسۇس زىيارەت فىلىمى
ئەسقەرجان ئەنۋەر
نۆۋەتتە خەلقىمىز زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ يارقىن جۇلاسى بولمىش نادىر كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىگە ئىشتىياق باغلىماقتا. بۇ ئىشتىياق خەلقىمىز ئارىسىدىن كۆپلەپ كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىگە رول ئالالايدىغان ماھىر ئاكتيورلانىڭ يېتىشىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلماقتا. مەن يۇقىرىقى زۆرۈرىيەت تۈپەيلى شىنجاڭ سەنئەت شۆيەنى كىنو- تېلېۋىزىيە تىياتىر فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، تالانتلىق ئاكتيور مۇيەسسەر توختى بىلەن قىسقىچە سۆھبەت داستخىنى ھازىرلىدىم، بۇ سۆھبىتىمنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىمىزگە، ئاكتيورلۇق سەنئىتىمىزگە ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھەربىر ئوقۇرمەننىڭ يۈرىكىگە ئازدۇر-كۆپتۇر تەسىر قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىزدىنىشىگە ئىلھام بەخش ئېتىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
ئەسقەرجان ئەنۋەر: سىز «مۇقام بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر»، «ئەڭ ئاخىرقى كۆل» قاتارلىق فىلىملەردە تالانتىڭىزنى قالتىس نامايان قىلىپ سەمىمىي، سادىق، ۋاپادار، جاپاكەش يېزا ئاياللىرىنىڭ ئوبرازىنى تولىمۇ ئۇتۇقلۇق ياراتتىڭىز. مۇشۇ ئىككى فىلىمنىڭ ئىشلىنىش جەريانى ۋە ئېرىشكەن مۇۋەپىقىەتلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز؟
مۈيەسسەر توختى: تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى سۈرەتكە ئالغان «مۇقام بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر» ۋە «ئەڭ ئاخىرقى كۆل» قاتارلىق ئىككى تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا ھۆرىيەت ئىسمائىلوۋا رېژىسسورلۇق قىلغان .« «ئەڭ ئاخىرقى كۆل» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى 1999-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىدە ئىشلەندى. بۇ قىلىمدە مەن بىر ئاق كۆڭۈل، ۋاپادار، كۆيۈمچان ئانىنىڭ ئوبرازىنى ياراتتىم، گەرچە بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا مېنىڭ رولۇم باش پېرسوناۋنىڭ رولى بولمىسىمۇ، لېكىن ناھايىتى كۆپ ئادەمنىڭ ئېسىدە قالدى. بولۇبمۈ بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى نۇسرەتنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن كۆرۈنۈشىدە مېنىڭ يىغلىغان ھالىتىم كۆرۈرمەنلەرنىڭ يۈرىكىنى تىترەتتى. شۇ تېلىۋېزىيە تىياتىرى قويۇلىۋاتقاندا نۇرغۇن تونۇشلىرىمدىن ماڭا تېلېفون كەلدى. شۇ چاغدا، گەرچە مېنىڭ ئالغان رولۇم باش رول ئەمەس. يەنە كېلىپ كۆرۈنۈشلىرىم كۆپ بولمىسىمۇ، خەلقنىڭ قەلبىدە بۇ ئوبرازىم ئىنتايىن چوڭقۇر چىقىپتۇ دەپ ھېس قىلدىم. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ كۆپىنچە قىسمىنى يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ قىزىل يېزىسىدا ئىشلىگەنىدۇق. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا مېنىڭ بىر كۆرۈنۈشۈم قىزىل يېزىسىدىكى بىر ئېرىق بويىدا ئېلىندى، شۇ چاغدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى بىزدىن ھال سوراپ چىقىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مېنىڭ بىر تونۇشۇم بار ئىكەن.
بىراق. مەن شۇ يەردىكى ئامما بىلەن بىرلىكتە يەرلىك دېھقانلار قىياپىتىدە ياسىنىپ رول ئېلىۋاتقاچقا، بۇ تونۇشۇم مېنى خېلى ئىزدەپمۇ دېھقانلار ئارىسىدىن پەرقلەندۈرەلمەپتۇ. ئالدىمغا ئاشۇ تونۇشۇم كەلگەندىن كېيىن مەن كۆڭلۈمدە:«ئۇ مەن بىلەن خېلى ئوبدان تونۇشىدىغان تۇرۈپ، ئەجەب مەندىن ئەھۋال سورىمىدىغۇ؟»؟ دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا گەپ قىلمىدىم. بىر ئازدىن كېيىن ئۇ باشقىلاردىن: «مۇيەسسەرنىمۇ مۇشۇ يەردە كىنو ئىشلەۋاتىدۇ، دەپ ئاڭلىغانىدىم. بىراق ئۇنى مەن بۇ يەردە كۆرمىدىمغۇ؟» دەپ سورىدى. شۇ چاغدا ئارىدىكى دېھقانلار: «ئالدىڭىزدا تۈرغان مۈيەسسەر شۇغۇ، سىز ئۇنى تونۇمىدىڭىزمۇ؟»» دېگەنتى. ئۇ بىزگە قاراپ قاتتىق كۈلۈپ كەتتى ھەمدە ماڭا قاراپ: «سىز دېھقانلارنىڭ ئارىسىدا بۇنداق ياسىنىپ تۇرسىڭىز، سىزنىڭ مۇشۇ ھەرىكەت ۋە تۇرقىڭىزدىن سىزنى پەقەنلا پەرقلەندۈرەلمەپتىمەن، سىز راستتىنلا بىر يېزا ئايالىغا ئۆزگىرىپ قاپسىز» دېدى. شۇ چاغدا كۆڭلۈمدە، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ مۇشۇ ئوبرازغا سىڭدۈرگەن ئەجرىمنىڭ نەتىجىسى دەپ ئويلىدىم. بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە ئۆزگىرىمەن، شۇ ئادەمنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالىمەن دەپلا ئۇنداق ئاسان قىلالمايدۇ.
خۇددى كۆپىنچە كىشىلەر ئېتوت يازماق ئاسان، دەپ قاراپ، سەھنىدە ئوينىلىۋاتقان ئېتوتلارنى ياراتماي، ئۆزى ئېتوت يېزىپ بېقىپ قاملاشتۇرالمىغاندا، ئېتوت يازماق ئەجەب تەسكەن ھە، دەپ ئۇنى يېزىشتىن يالتايغاندەكلا كىنو ئاكتيورى بولماقمۇ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس، كىنو ئاكتيورى بولۇش ئۈچۈن تالانت بولغاندىن باشقا، مول بىلىم بولۇشى كېرەك. كۆپىنچە كىشىلەر ئېكران ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئاشۇ رولنى مەن ئالغان بولسام ئاشۇ ئاكتيوردىن نەچچە ھەسسە ياخشى ئېلىۋەتكەن بولاتتىم دەيدۇ. بىراق، راستتىنلا شۇنداق بولغان ئەھۋال ئاستىدا نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي، گاڭگىراپلا قالىدۇ، ئاقىۋەتتە: «قۇچقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن،» ئاستا بېرىپ ئۆزۈمنىڭ ئىشىنى قىلاي دەپ كېتىپ قالىدۇ. مەن «ئەڭ ئاخىرقى كۆل» ناملىق فىلىمدە رول ئېلىۋاتقاندا بوش ۋاقىت تاپساملا دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇلاردىن تۇرمۇش ئۆگىنەتتىم. گەرچە مەن كېيىنكى تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا ياۋروپا ئەللىرىدىمۇ خېلى كۆپ ياشاپ باققان بولساممۇ، لېكىن مەن خوتەن دىيارىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولغاچقا، ماڭا ئاددىي يېزا تۇرمۇشىمۇ يات ئەمەس. مەن ھەر يىلى يۇرتۇمغا بارسام يېزىلارغا بېرىشنى ياخشى كۆرىمەن. خۇددى «ساپ ھاۋا، تەنگە داۋا» دېگەندەك يېزىدىكى ساپ ھاۋا، گۈزەل تەبىئەت، تىنچ كەيپىيات مېنى ئۆزىگە رام قىلغان . «ئەڭ ئاخىرقى كۆل» ناملىق فىلىمدىكى يېزا ئايالىنىڭ ئوبرازىنى ياخشى ئېلىپ چىقالىشىممۇ دەل ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆككەنلىكىمدىن، ئۆزۈمنى ھەر تەرەپتىن مۇكەممەللىككە قاراپ يۈزلەندۈرگەنلىكىمدىن بولغان، دەپ قارايمەن.
«مۇقام بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا مەن بىر ئانىنىڭ رولىنى ئالدىم. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇنمۇ مەن مۇقامنى ياخشى كۆرەتتىم. مۇقامنى كۆپ ئاڭلايتتىم. 12 مۇقام ماڭا بۇرۇندىن تونۇش ئىدى. رېژىسسور ماڭا بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالىدىغانلىقىمنى ئېيتقاندا، مەن يېڭىلا فىرانسىيەدىن قايتىپ كەلگەنىدىم. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى رولۇممۇ ئوخشاشلا بىر ئانىنىڭ رولى. گەرچە بۇمۇ باش رول بولمىسىمۇ بىراق بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا بولمىسا بولمايدىغان رول ئىدى. يەنى ئابدۇللانىڭ بىردىنبىر سىردىشى، ئەڭ يېقىن ئادىمى بولغان ئايالىنىڭ ئوبرازىنى مەن ياراتتىم. ئابدۇللانىڭ ئايالى ئۇنىڭ مۇقاملارنى لېنتىغا ئېلىپ رەتلىشىدە ناھايىتى مۇستەھكەم بىر ئارقا تىرەك بولغان. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى يىللار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، فىلىمدە باۋۇدۇننى بېقىۋالىدىغان بىر كۆرۈنۈش بار، بۇ كۆرۈنۈشتە مەن شۇ دەۋرگە لايىق كىيىم- كېچەكلەرنى كىيىپ، ياغلىقلارنى چىگىپ، ئۆزۈمنىڭ تاشقى جەھەتتىكى ھەرىكىتىمنى چىن ئىپادىلەش جەھەتتىنمۇ كۆپ كۈچىدىم. مەن رول ئالغان يۇقىرىقى ئىككىلا فىلىم مەملىكەتلىك «بەش بىر قۇرۇلۇشى مۈكاپاتى» غا ئېرىشتى.
ئەسقەرجان ئەنۋەر: سىز تالانتلىق ئاكتيور بولۇپلا قالماسىن يەنە تونۇلغان سەنئەت مائارىپچسى، سىزنىڭچە، ئارتىس -سەنئەتكارلار كەسپىي جەھەتتىن مۇكەممەل تەربىيەلىنىش بىلەن بىرگە مەدەنىيەت جەھەتتىنمۇ يېتەرلىك تەربىيەلىنىشى كېرەكمۇ؟ مەدەنىيەت جەھەتتىنن تەربىيەلىنىشنىڭ ئەھمىيىتى قانچىلىك؟
مۈيەسسەر توختى: ئەلۋەتتە، ئارتىس-سەنئەتكارلار كەسپىي جەھەتتىن مۇكەممەل تەربىيەلىنىش بىلەن بىرگە مەدەنىيەت جەھەتتىنمۇ يېتەرلىك تەربىيەلىنىشى كېرەك. بۇنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. ھازىر دەۋر تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، سىزدە بىر ياخشى ھۈنەر بولغان بىلەن، ئۇنى قانداق ئىشلىتىش، باشقىلارغا قانداق بىلدۈرۈشنى بىلمىسىڭىز، بۇ ھۈنىرىڭىزنى ھېچكىمگە كۆرسىتەلمەيسىز. ھازىر ھەممە نەرسە پەقەت ئەمەلىيەتنىلا ئەمەس، ئۇنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن: بىز سەھنىدە كۈلدۇق دەيلى، بىز پەقەت كۈلۈشنىلا بىلىپ ئۇنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسىنى بىلمىسەك، بىز شۇ رولنى مىڭ ياخشى ئالساقمۇ، ئاخىردا كۆزلىگەن مەقسىتىمىزگە يېتەلمەيمىز. بىزنىڭ ئارتىسلىرىمىز مەدەنىيەت تارقانقۇچى، بىز خەلقىمىزگە ئۈلگە بولىمىز. مىسالەن. ھازىر بىزنىڭ تېلېۋىزور، گېزىت-ۋۈرنال قاتارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىمىزدىكى ئېلان-تەشۋىقاتلاردا ئاساسەن چولپانلار ئارقىلىق خەلقىمىزگە مەلۈم بىر مەھسۇلات ياكى ماركا تونۇشتۇرۇلۇۋاتىدۇ. مەن ئۆزۈمنى چولپان ھېسابلىمايمەن، بىراق، مۇبادا مەن بىر چولپان بولۇپ قالسام مەلۇم بىر مەھسۇلاتنى ئادەتتىكى بىر ئادەم تونۇشتۇرغانغا قارىغاندا مەن تونۈشتۇرسام بۇنىڭ ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولۈشى مۈمكىن. مەن مۈشۇ ئېلاندىنلا ئۆزۈمنىڭ تەسىر دائىرەمنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمەن.
سەنئەتكار ياكى ئاكتيور ھەر ۋاقىت ئاممىنىڭ كۆزىدە ياشايدىغان كىشىلەر. ئۈنىڭ ھەربىر سۆز-ھەرىكىتىگە ئامما كۆز-قۇلاق بولىدۇ. بىزنىڭ قايسى ئىشلارنى توغرا، قايسى ئىشلارنى خاتا قىلغانلىقىمىزنى ئامما باھالايدۇ. پالانى ئارتىس پالانى ئىشنى مۇنداق قىلىدىكەن، بىزمۇ
شۈنداق قىلساق بولغىدەك دەپ بىزنى ئۈلگە قىلىدىغانلار بار. شۇڭا بىر ئارتىس ئۆزىنىڭ كەسپىنى پۇختا ئۆگىنىشتىن سىرت يەنە مەدەنىيەت بىلىملىرىنىمۇ ئەتراپلىق ئۆگىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىن ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۈزۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. ئاكتيورلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇنداق ئەتراپلىق يېتىلىش تېخىمۇ مۇھىم. مەن ھازىرغىچە نۇرغۇن فىلىملەردە ھەر خىل ئوبرازلارنى ياراتتىم. مەسىلەن، دوختۇر بولۇپ باقتىم، خانىش بولۇپ باقتىم، ئادەتتىكى بىر يېزا ئايالى ۋە ئانا بولۇپ باقتىم. كىچىك ئوقۇغۇچى بولۇپ باقتىم، قىسقىسى جەمئىيەتتىكى ھەر خىل ئوبرازلارنى يارىتىپ باقتىم.
«شىنجاڭ قىزلىرى» ناملىق 20 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا مەن دوختۇرنىڭ رولىنى ئالدىم. شۇ ۋاقىتتا مەن ئۆزۈمنى ئاجايىپ بەختلىك ھېس قىلدىم. چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر دوختۇر بولىمەن دەپلا دوختۇر بولالمايدۇ ياكى دوختۇر بولغاندىكى ھېسىياتنى ھېس قىلالمايدۇ. بىراق، بىز ئاكتيورلار بۇنى ھېس قىلالايمىز، مەن شۇ چاغدا ئىككى قولۇمغا ئىككى ئوپېراتسىيە پەلىيىنى كىيىپ، ئوپېراتسىيە سەھنىسىگە چىقتىم. ھەتتا بىر خىل جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنى ئىشلىدىم. بۇ ئوبرازنى يارىتىشىمغا ئانچە كۆپ كۈچ كەتمىدى. چۈنكى مەن ئىلگىرى دوختۇرلۇق ساھەسىدىكى كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدا دوختۇرلۇق ھەققىدە ئاز-تولا ساۋاتقا ئىگە بولغانىدىم.
مەن «ئەڭ ئاخىرقى كۆل» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا بىر ئانىنىڭ ئوبرازىنى ياراتتىم، بۇ ئانا ناھايىتى مېھرىبان، ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي. ئائىلىگە سادىق يېزا ئايالى ئىدى. مەزكۇر فىلىمدە مەن ھويلىدا ئولتۇرۇپ قاچا يۇيىدىغان بىر كۆرۈنۈشنى ئالدىم. مەن قاچا يۇيۇش جەريانىنى ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن تاماملىدىم. بۇ ۋاقىتتا رېژىسسور مەندىن: سىز قاچىنى بۇ خىل ئۇۋۇلاپ يۇيۇشنى نەدىن ئۆگەنگەن، ئادەتتە، شەھەرلىك ئاياللار قاچىنى بۇ خىل ھەرىكەت شەكلىدە يۇيۇشنى بىلمەيتتىغۇ؟— دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا: «مەندە يېز ئاياللىرىنىڭ خۇسۇسىيىتىمۇ بار» دەپ كۈلۈپ قويدۇم. مېنىڭچە، مەن مۇشۇنىمۇ «بىر ئاكتيورنىڭ مەدەنىيەت ساپا جەھەتتىن يېتەرلىك تەربىيەلىنىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ» دەپ قارايمەن. مەكتىپىمىزدە كەسىپ ئۆگىنىشنى ئاساس قىلىمىز. بىراق، بىزنىڭ ئاكتيورلۇق كەسپىدە ئوقۇۋاتقان بەزى ئوقۇغۇچىلىرىمىز مەدەنىيەت دەرسلىرىنى ئۆگىنىشكە ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ. ماتېرىيالنىمۇ ئانچە كۆپ كۆرمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئاكتيور بولماق ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس، ئۇنىڭدا ئونىۋېرسال بىلىم بولمىسا مەلۇم بىر رولنى ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ھەقىقي ئىپادىلەپ چىققىلى بولمايدۇ، مېنىڭ ئاكتيورلۇق كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ياكى مۇشۇ كەسىپنىڭ نېنىنى يېيىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان دوستلارغا تەكىتلەيدىغىنىم ئاكتيوردا چوقۇم ئونىۋېرسال ساپا ھازىرلىنىشى. مەدەنىيەت ساپاسى يۇقىرى بولۇشى كېرەك، شۇندىلا ئۇ خەلق ياخشى كۆرىدىغان ئاكتيورغا ئايلىنالايدۇ.
ئەسقەرجان ئەنۋەر: سەنئەت ھاياتىڭىز قاچاندىن باشلانغان، ھازىرغىچە قايسى فىلىملەردە رول ئالدىڭىز؟ قانداق ئوبرازلارنى ياراتتىڭىز؟ قانداق نەتىجىلەرگە ئېرىشتىڭىز؟
مۇيەسسەر توختى: سەنئەت ھاياتىم 1984-يىلى شىنجاڭ سەنئەت شۆيەنىگە ئوقۇشقا كىرگەندىن باشلاپ باشلانغان. مەن 1984-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە تىياتىر فاكۇلتېتىنىڭ ئاكتيورلۇق كەسپىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن مەكتەپنىڭ ئۆزىگە ئوقۇتقۇچى بولۇپ قېلىپ قالدىم. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا كىنو-تېلېۋىزىيە، دىراما فاكۇلتېتىدا سەھنە تىلى دەرسى بەردىم. كېيىن ئاكتيورلۇق دەرسى بەردىم. مەن ھازىرغىچە مۇشۇ فاكۇلتېتتا ئىشلەۋاتىمەن. مۇشۇ جەرياندا مەن ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە، كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە رول ئېلىپ ئۆزۈمنىڭ نەزەرىيەۋى بىلىمىمنى ئەمەلىيەت جەريانىدا پىششىقلىدىم. مېنىڭ ئېكراندىكى ھاياتىم 1989-يىلى باشلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى بىر نەچچە فىلىمدە رول ئېلىشقا قاتنىشىپ كېلىۋاتىمەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە «ئەڭ ئاخىرقى كۆل»،«سۈت ساتقۇچى ئايال«، «سەھرادىن كەلگەن دادا«،«تىمتاس گۇگۇم» ،«يىراق يېزىغا مۇھەببەت «،«مېنىڭ دادام»،«تەنھا يۈرەكلەر»، «چىن سۆيگۈ»،«شىنجاڭ قىزلىرى»،«مۇقام بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر» قاتارلىق كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە ئالغان ئوخشاش بولمىغان روللىرىمنى خەلقىم بىر قەدەر ياقتۇرۇپ كۆردى ھەمدە مېنى مۇشۇ فىلىملەر ئارقىلىق تونۇدى.
ئۇنىڭدىن باشقا مەن «گۇاڭجۇغا كەلگەن شىنجاڭلىق بالا»،«قۇربان تولۇمنىڭ بېيجىڭغا سەپىرى»،«خى لەنشۆ» قاتارلىق فىلىملەردە ئوخشىمىغان روللارنى ئالدىم. مەسىلەن، مەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن نىڭشيا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن «خى لەنشۆ» ناملىق كىنودا بىر خانىشنىڭ رولىنى ئالدىم. فىلىم ئىشلەش جەريانىدا ماڭا ئەڭ پايدىلىق بولغىنى مەن ھەم ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىمەن. ھەم ئەمەلىيەت بىلەن شۇغۇللىنىمەن. شۇڭا مېنىڭ سەھنىدە ئوينىغان روللىرىمنى خەلقىم ئوڭاي قوبۇل قىلالىشى مۇمكىن. چۈنكى، مەن نەزەرىيەنىمۇ ھەم ئەمەلىيەتنىمۇ تەڭ ئېلىپ ماڭىمەن. ناۋادا رول ئېلىش جەريانىدا بىرەر قىيىن مەسىلىگە يولۇقسام ئۇنىڭ نەزەرىيەۋى قىسمى ماڭا ناھايىتى ئېنىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئاسانلا ھەل قىلالايمەن. مەن بۇنى ئۆزۈمنىڭ باشقا ئاكتيورلاردىن پەرقلىنىدىغان ئارتۇقچىلىقىم دەپ قارايمەن. ئارىمىزدا ناھايىتى ياخشى ئاكتيورلار بار، لېكىن ھەممىسى مەندەك تەلەيلىك ئەمەس، چۈنكى نۇرغۇن ئاكتيورلارغا دەرس مۇنبىرى نېسىپ بولمىغان. دېمەك مەن دەرس مۇنبىرىدە قالدۇرغان ئىزلىرىمنى خۇددى كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە قالدۇرغان ئىزلىرىمدەك ئەزىزلەيمەن.
ئەسقەرجان ئەنۋەر: ئاڭلىساق فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە كىنو-تىياتىرچىلىق كەسپى بويىچە مەخسۇس بىلىم ئاشۇرۇپ كېلىپسىز، فىرانسىيە سەنئەت مائارىپىنىڭ ئەۋزەللىكلىرى قايسى جەھەتتىن ئەكس ئېتىدۇ؟
مۇيەسسەر توختى: فىرانسىيە سەنئەت مائارىپىنىڭ ئەۋزەللىكلىرى قايسى جەھەتتىن ئەكس ئېتىدۇ دېگىنىمىزدە، فىرانسىيەدە سەنئەت مەكتەپلىرىدە پىراكتىكا قىلىپ، ئۆگەنگەن نەزىرىيەۋى بىلىملىرىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىدىغان سەھنە ھەر ۋاقىت راسلاقلىق، مەسىلەن: مەن 2003-يىلى فىرانسىيەگە تۇنجى بارغىنىمدا شۇ يەردىكى سەنئەت ئالىي مەكتەپلىرىدە تولۇق كۇرس 3-يىللىقنىڭ بالىلىرىنىڭ دەرسىنى ئاڭلىدىم. فىرانسىيەنىڭ تولۇق كۇرس سەنئەت ئالىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇش پۈتكۈزۈشكە ئىككى يىل قالغان 3-يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىمۇ تىياتىرخانىلارغا ئاپىرىپ پىراكتىكا قىلدۇرىدىكەن. ئۇلارنى چوڭ سەھنىلەردە دىراما ئوينىتىپ، ئەسەر ئىشلىتىدىكەن. شۇنداقلا جەمئىيەتتە ئاتاقلىق، كەسىپتە پىشقان، يۈز-ئابرۇيلۇق كىشىلەرنى مەكتەپكە تەكلىپ قىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا شۇلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىدىغان شارائىتنى ھازىرلاپ بېرىدىكەن. مېنىڭچە بۇنداق بولغاندا دەرسنىڭ ئەمەليەتچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇبلا قالماي، يەنە ئۈنۈمىمۇ قالتىس يۇقىرى بولىدۇ.
بۇنداق تەربىيەلىنىپ چىققان ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى تېزلا جەمئىيەتكە ماسلىشالايدىغان، نەزەر دائىرىسى كەڭ، قىزىقىشى مول بولۇپ تەربىيەلىنىپ چىقىدۇ. دېمەكچى بولغىنىم، فىرانسىيە ئالىي مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتۇشنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ مەكتەپنىڭ تەربىيەلەۋاتقان يۆنىلىشى بىلەن جەمىئىيەتنىڭ ئېھتىياجى ماسلاشمايدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا فىرانسىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەردە بالىلارنىڭ ئىجادىيەت ئەركىنلىكى چەكلەپ قويۇلمايدۇ. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچىلارلا سۆزلەش ئەمەس، ھەممە ئادەم تەڭ پىكىر يۈرگۈزۈپ، مەلۇم مەسىلىنى تەڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، ئۇلار ھەتتا دەرس ۋاقتىدا سەھنىلەردە ئۇياق-بۇياقلارغا مېڭىپ، قوللىرىنى چىقىرىپ:«بۇ ئۇنداق ئەمەس. مۇنداق» دەپ مەسىلىلەرنى ئوقۇتقۇچى بىلەن تەڭ ئانالىز قىلىدۇ. مەن دەسلەپتە سىنىپقا كىرىپ دەرس ئاڭلىغىنىمدا، دەرس ئاڭلاۋاتقانلارغا قاراپ: «بۇلار زادى ئوقۇغۇچىمىدۇ ياكى ئوقۇتقۇچىمىدۇ؟ دەپ بىلەلمىگەنىدىم. كېيىن ئوقۇتقۇچى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندىلا مەن ئاندىن كىمنىڭ ئوقۇتقۇچى، كىمنىڭ ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى ئايرىيالىدىم.
دېمەك فىرانسىيەنىڭ سەنئەت ئوقۇتۇشى ناھايىتى ئەركىن بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى چەكلەپ قويمايدىكەن. فىرانسىيەدە ئوقۇۋاتقاندا مەن ئاكتيورلۇق دەرسىگە قاتنىشىپ ناھايىتى ھاياجانلانغانىدىم. چۈنكى ئۇلار ئاكتيورلۇق دەرسىگە سىرتتىن شۇ يەردىكى ناھايىتى داڭلىق بىر كىنو رېۋىسسورىنى تەكلىپ قىپتۇ، ئادەتتە. فىرانسىيەدە بۇنداق داڭلىق رېژىسسورلار بىر گۇرۇپپىنى تەشكىل قىلغان بولىدىكەن، بۇ گۇرۇپپىدا رېژىسسوردىن باشقا يەنە بەش-ئالتە ئارتىسمۇ بولىدىكەن، بۇ ئارتىسلار ھەر ھەپتىدە ۋاقتى بولسىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسىگە قاتنىشىپ، ئۇلارنىڭ دەرسنى چۈشىنىۋېلىشىغا ياردەم قىلىدىكەن. ئوقۇغۇچىلار بۇ خىل كەيپىياتتا دەرسنى ناھايىتى قىزىقىپ ئۆگىنىدىكەن، ئۇلار مەكتەپتىن چىقماي تۇرۇپلا «بازارلىق ماللار» دىن بولۇپ قالىدىكەن.
فىرانسىيەنىڭ تىياتىر كۇلۇبلىرىدا قاچانلا بولسا. كۆرىمەنلا دېسىڭىز دۇنيادا بارلا بولغان ھەر خىل شەكىلدىكى ئويۇنلارنى كۆرەلەيدىكەنسىز. مەن بۇنداق دېيىش ئارقىلىق «چەت ئەلنىڭ ئاسمىنىدىكى ئاي، بىزنىڭكىدىن يورۇق،» چەت ئەلدىكى ھەممە نەرسە بىزنىڭكىدىن ياخشى دېمەكچى ئەمەس، كۆزىتىدىغان بولساق بىزنىڭمۇ چەت ئەللەردىن قېلىشقۇسىز نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقىمىز بار، بىراق مەن بۇ يەردە، كەمچىلىكلىرىمىزنى بايقايلى ھەمدە شۇ كەمچىلىكلىرىمىزنى تولۇقلاش ئۈچۈن تىرىشايلى دېمەكچى.
ئەسقەرجان ئەنۋەر: ئىگىلىشىمىزچە، سىز سەنئەت ئىنستىتۇتىدا مەمۇرىي خىزمەت، يەنى تەشكىلاتچىلىق خىزمىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىندىكەنسىز، مېنىڭچە بونىمۇ قابىلىيىتىڭىزنىڭ نەتىجىسى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ سىزنىڭ كەسپىي ھاياتىڭىز بىلەن خوشلاشقىنىڭىزدىن دېرەك بەرمەس؟
مۇيەسسەر توختى: مەن شىنجاڭ سەنئەت شۆيەنى كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىر فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئۆتەش بىلەن بىرگە تولۇق كۇرسنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس بېرىمەن. مېنىڭ بۇ خىل ۋەزىپىلەرنى ئۆتىشىم كەسپىي ھاياتىم بىلەن خوشلاشقىنىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مېنىڭ باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىم كەسىپ جەھەتتىن تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىمغا. تېخمۇ كۆپ ئىختىساسلىق خادىملىرىنى تەربىيەلىشىمگە، نەزەرىيە جەھەتتىكى بىلىم قۇرۇلمامنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشۇمغا ناھايىتى پايدىلىق. دەپ قارايمەن. گەرچە جاپا تارتساممۇ. لېكىن ھاياتىمنى تېخىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن مۇشۇ خىزمەتلەرنى ئىشلىشىم كېرەك.
ئۇستازنىڭ تېنىگە ساقلىق ، ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمىز