تېكىستى:
جۈرەت ئەخمەت
ئاكورتلاشتۇرغۇچى:
ئەركىن ئابلاق
پەرزەنت ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلغان ئاناجان
بەختىم ئۈچۈن يۈرىكىنى بېغىشلىغان ئاناجان .
ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغى سەن كۆك سامانىڭ چولپىنى،
شۇڭا دىلدىن مىڭ تەشەككۈر بايان ئەيلەي ئاناجان .
سانسىز تۈنلەرنى ئۆتكۈزدۈڭ بۆشۈگۈمنى تەۋرىتىپ ،
ھۇجۇدۇڭدىن ئاق سۈتنى بەردىڭ ماڭا سەن ئېمىتىپ .
قوشتۇڭ مىنى قاتارغا ئەجرى بىلەن ئىخلاس قىلىپ ،
مەندىن كۈتكەن ئۆمۈدۈڭنى ئاقلاي دەيمەن ئاناجان .
پەرۋاز قىلسام لاچىندەك قانىتىمدۇر ئۆزىڭىز ،
تىڭىرقىسام چۆل دەشتىدە يول باشچىمدۇر سۆزىڭىز ،
ماڭا ھەردەم مەدەتكاربىر جۈپ قارا كۆزىڭىز .
سىز بولغاچقا ھاياتىم شۇنچە گۈزەل ئاناجان .