چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىلگىرى «007 ئادەم ئۆلتۈرۈش مۇددىئاسى»(雷霆杀机 007)، «چارلېنىڭ قونچاقلىرى» (霹雳娇娃) قاتارلىق كىنولاردا رول ئالغان ئامېرىكىلىق ئارتىس تانيا روبېرتس (Tanya Roberts) تۇيۇقسىز 65 يېشىدا ۋاپات بولغان.
روبېرتسنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، تاراتقۇلار ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىتىنى ئايلاندۇرۇپ كىرگەندىن كېيىن ئۆيىدە تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشۈپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ۋاپات بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئۇ نيۇيوركتا تۇغۇلغان، مودېللىق ساھەسىدە كەسپىي ھاياتىنى باشلىغان، تاماشا ساھەسىدە پەيدا بولغان، «چارلېنىڭ قونچاقلىرى» فىلىمىدىن كېيىن كىنو ساھەسىگە قەدەم قويغان.
روبېرتس «007 ئادەم ئۆلتۈرۈش مۇددىئاسى» كىنوسىدا ستاسېي ساتتوننىڭ رولىنى ئالغان، ئەمما 2004-يىلى كېسەل يولدىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن رول ئېلىشتىن ۋاز كەچكەن، 2005-يىلى قويۇلغان «ساتىراچخانا» (理发店) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم رول ئالغان.