تاماشا ساھەسى، مودا ساھەسىدە گۈزەللەر ساماندەك، بىراق كىشىلەر يەنىلا شۇ گۈزەللەر ئارىسىدىن كۆزنىڭ يېغىنى يېگۈدەك «ھەقىقىي گۈزەل»لەرنى ئىزدەيدۇ، ئەلۋەتتە، تاماشا ۋە مودا ساھەسىدە جان بېقىش ئۈچۈن ئادەمنى مەھلىيا قىلغۇدەك گۈزەل رۇخسار ۋە تەنناز بەدەن بولۇشى كېرەك.
يېقىندا TC Candler ئالدىنقى يىللىق دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل 100 ئايال تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. ئىسرائىلىيەلىك 19 ياشلىق يائېل شېلبىيا (Yael Shelbia) ئىسىملىك قىز بۇ تىزىملىكنىڭ ئەڭ ئۈستىدىن ئورۇن ئالدى.
بۇ قىزنىڭ ئىسمىنى بەلكىم كۆپىنچە نۇرداشلار ئاڭلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. قېنى ئۇنداقتا بىز ئاۋۋال مۇشۇ قىز بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
چۈنكى بۇ قىز يېقىندىن بۇيان پۈتۈن دۇنيادا دېگۈدەك قاتتىق ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان لىسا (Lisa) ۋە يەنە بىر ئىسرائىلىيەلىك گۈزەل، ھوللىۋودتىكى داڭدار چولپان گال گادوت (Gal Gadot) لارنى مەغلۇپ قىلىپ، دۇنيادىكى بىرىنچى گۈزەل دېگەن نامنى قولغا كەلتۈرگەن. دېمەك بۇ 19 ياشلىق قىزنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئۇنچە ئاددىي ئەمەس.
گەرچە يائېل شېلبىيا دېگەن بۇ ئىسىم كۆپچىلىككە ئۇنچە تونۇش بولمىسىمۇ، بىراق ئۇ ئەمەلىيەتتە مودا ساھەسىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مودىللاردىن، ئۇ يەنە تېخى يېقىندا تاماشا ساھەسىگە قەدەم قويدى، ئۇنى دەل «كېيىن چىققان مۈڭگۈز بالدۇر چىققان قۇلاقتىن ئېشىپ كېتىپتۇ» دەپ تەرىپلىسەك ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمىز. يائېل شېلبىيا ھازىر ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ.
قاراڭ بۇ ئەگمە قاشلارغا، قىڭراقنىڭ بىسىدەك قاڭشارغا، چوڭقۇر مەنا چىقىپ تۇرىدىغان بىر جۈپ كۆزلەرگە، تولغان لەۋلەرگە ۋە پىشىشقا باشلىغان چىلگىنى ئەسلىتىدىغان گۈزەل بىر جۈپ كۆكسىگە ... ئۇ راستىنلا قارىغان ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىغۇدەك بىر قىز.
چەت ئەل تاراتقۇلىرى يائېل شېلبىيانى زىيارەت قىلىپ «دۇنيادىكى بىرىنچى گۈزەل» دېگەن نامغا ئېرىشكەندىن كېيىنكى ھېسىياتىنى سورىغاندا، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن بۇرۇن ھېچ قانداق بىر ئىشتا بىرىنچىلىكنى ئېلىپ باقمىغان، بۇ ھەقىقەن بەكلا ياخشى ئىش بولدى.»
«كىچىك بالا ئىشتان پوق» دېگەن شۇ، ئۇ نېمىلا دېمىگەن بىلەن يەنىلا كىچىكلىكىنى قىلىپ ئەنە شۇنداق جاۋاب بەردى.
بىراق ئۇنى بەك كىچىكمۇ دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ھېسىيات تۇرمۇشى خېلىلا مول ۋە رەڭدار. ئۇنىڭ ھازىرقى يىگىتى 35 ياشلىق براندونو كورف (Brandon Korff) بولۇپ، CBS ۋە Viacom شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سوننېر رېدسىتون (Sonner Redstone)نىڭ نەۋرىسى. ھازىر بۇ ئىككىسى مۇھەببەتنىڭ شىددەتلىك ئېقىنلىرىدا خۇدىنى بىلمىگەن ھالدا ئېقىپ كېتىۋاتىدۇ.
بۇ يىل يازدا كورف شېلبىيا بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن، ھەتتا شۇ جاينىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان، دېمەك بۇ ئىككىسى ھازىر ناھايىتى قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتىدۇ.
بىراق شېلبىيامۇ مۇھەببەت ئۈچۈن ھەممە نەرسىسىنى قۇربان قىلىپ قاراپ ئولتۇرىدىغان قىزلاردىن ئەمەس. ئۇ گەرچە شۇنچە ياش بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئىسرائىلىيەدىكى داڭلىق مودا كىيىم شىركىتى Renuar، KM earplugs، كىم كارداشىيان (Kim Kardashian) ۋە KKW Beauty قاتارلىق شىركەتلەر ئۈچۈن ئېلان ئىشلەپ بەرگەن، ئۇ مودا ساھەسىدە خېلى مۇقۇم ئورۇنغا ئىگە.
ئۇندىن باشقا شېلبىيا ئالاقە تورىدىمۇ ناھايىتى ئاكتىپ بولۇپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك مەزمۇنلارنى يېڭىلاپ مەستانىلىرىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇپ تۇرىدۇ، دائىم دېگۈدەك ناھايىتى تەنناز كىيىملەرنى كېيىپ، ياكى بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدا كېيىنىپ سۈرەتكە چۈشۈپ، ھەۋەسكارلارنىڭ ھەۋىسىنى قاندۇرۇپمۇ تۇرىدۇ. ئۇ مانا مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن ئالاقە تورىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ھەۋەسكارنى ئۆزىگە قاراتقان بولۇپ، قارىماققىلا بۇ قىزنىڭ كەلگۈسىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
شېلبىيا ئۆزىنىڭ «دۇنيادىكى بىرىنچى گۈزەل» بولۇپ باھالانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىنمۇ دەرھال ئالاقە تورىدا خەت قالدۇرۇپ مۇنداق دېدى: «TC Candler ۋە مەن ئۈچۈن بېلەت تاشلىغان بارلىق كىشىلەرگە رەھمەت، مەن راستىنلا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.»
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ TC Candlerنىڭ 30-قېتىم «دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل چىراي»نى باھالاپ چىقىشى بولۇپ، گۈزەل چىراينى تاللاشتىكى ئۆلچەم ئۈستىدە توختىلىپ، مۇناسىۋەتلىك خادىملار مۇنداق دېدى: تاشقى قىياپەت گۈزەللىكى بىز ئويلىشىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى خالاس. ئۇندىن باشقا بىز يەنە شۇ قىز-ئاياللاردىكى سالاپەت، ئۆزگىچىلىك، قىزغىنلىق، لاتاپەت، خۇشخۇيلۇق، ئۈمىدۋارلىق قاتارلىقلار چىرايدا ئىپادىلىنىدىغان ئامىللارنىمۇ ئويلىشىمىز.
TC Candlerنىڭ قۇرغۇچىسى يەنە ئالاھىتەن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىز باھالىماقچى بولغان قىز-ئاياللارنىڭ ئالقىشلىنىش دەرىجىسىگە ئانچە بەك ئېتىبار بېرىپ كەتمەيمىز. بىز تاللاپ چىققان گۈزەللەر دۆلەت ۋە رايون چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، گۈزەللىك بىلەن داڭلىق بولۇشنىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق، دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلار بىلەن ئەمدىلا باش كۆتۈرىۋاتقان يېڭى چولپانلارمۇ ئوخشاشلا گۈزەل ھېسابلىنىدۇ.
مانا قاراڭ، 19 ياشلىق شاكىچىكنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى گۈزەل بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى بولسىمۇ چۈشەنگەنسىز.
ئەمەلىيەتتە گۈزەللىك ھەممىلا جايدا بار، بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىمۇ ھەم شۇ، بىردىنبىر مەسىلە بىزنىڭ شۇ گۈزەللىكنى بايقىيالىشىمىزدا.