«كۈندىلىك يۇلتۇز گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر رۇسىيەلىك ئۇسسۇل ئارتىسى ئۆيگە قايتىش يولىدا، بىر ئەر ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشكەن، ئاخىرىدا قارشى تەرەپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. بۇ ئۇسسۇلچى قىز ئىلگىرى شۇ جايدىكى بىر سىياسەتۋاز بىلەن باردى-كەلدى قىلىشقان، كېيىن بۇ سىياسەتۋازنىڭ ئايالى ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بايقاپ قالغان. ئەمدىلىكتە بۇ ئىش ئاخىرلىشىپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىنكى بىر كېچىدە، ئۇنى بىر سىرلىق ئادەم قەستلەپ ئۆلتۈرگەن. نۆۋەتتە، بۇ ئشىقا قارىتا يەرلىك ساقچى تەرەپ تېخى ھۆكۈم چىقارمىغان بولۇپ، دېلو يەنىلا تەكشۈرۈلمەكتە.
سۈرەتتە: قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن ناتالىيە پىرونىنا (Natalia Pronina)
خەۋەر قىلىنىشىچە، ناتالىيە رۇسىيە موسكۋالىق بولۇپ، بىر چىرايلىق ئۇسسۇلچى ھەمدە ئوقۇتقۇچى ئىكەن. شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە، ناتالىيە ئۇسسۇل مەشىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن دوستلىرى بىلەن بىللە ئۆيگە قايتقان. ئەمما، ئۆيگە قايتىش يولىدا قارا ماسكا ۋە شىلەپە كىيىۋالغان بىر سىرلىق ئەر ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشكەن. تېلېكامىرادىن ئۇ ئەرنىڭ ناتالىيەنىڭ ئارقىدىن بىردەم ماڭغاندىن كېيىن، ئاستا ئۇنىڭغا يېقىنلاشقانلىقىنى، ھەمدە ئۇنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. قاتىل دېلو سادىر قىلغاندىن كېيىن دەرھال نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن. گەرچە تېلېكامېرا كۆرۈنۈشى ئىسپات قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن شۇ جايدىكى ساقچى تەرەپ، بۇنىڭ قاتىلنى تېپىشقا ياردىمى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شۇ جايدىكى ساقچىلار ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى نەق مەيدانغا بېرىپ ناتالىيەنى قۇتقۇزغان، ھەمدە ئۇنى شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ ئوپېراتسىيە قىلغان. ئەمما ئىككى سائەتتىن كېيىن ئۇ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.
شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ناتالىيە ئىلگىرى شۇ جايدىكى بىر باي پارلامېنت ئەزاسى بىلەن بىر مەزگىل خۇپىيانە ئارىلاشقان. خەۋەردە ئۇلارنىڭ بۇ يىل يازغىچە، يەنى تاكى بۇ پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئايالى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقانغا قەدەر ئارىلاشقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ناتالىيە ھېلىقى پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئايالىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان. نۆۋەتتە، شۇ جايدىكى ساقچىلار بۇ قاراشنى تەكشۈرمەكتە.
ناتالىيەنىڭ دوستى ۋالېرىيا شۇ جايدىكى تاراتقۇلارغا مۇنداق دېگەن: «كېسىپ ئېيتالايمەنكى، ئۇنىڭ دۈشمىنى يوق. ئۇنىڭ مەستانىلىرىنىڭ بىرى بۇ قاتىللىق دېلوسىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول بولۇشى مۇمكىن.» ناتالىيەنىڭ بۇرۇنقى خىزمەتدىشى ئانزېلىكا مۇنداق دېگەن: ناتالىيە ئۇسسۇلنى ناھايىتى چىرايلىق ئويناپلا قالماي، ئۇ يەنە ناھايىتى گۈزەل ساھىبجامال ئىدى. ئەرلەر ھەمىشە ئۇنىڭغا يېپىشىۋېلىپ قويۇپ بەرمەيتتى، ئۇنى بەلكىم ئۆزى رەت قىلغان مەستانىلەر ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن.