ئايال باشلىقنىڭ كۆكسى مۇنازىرە قوزغىدى

ئەلكۈيى تورى
2020-12-28
来源:ۋاڭيى




يېقىندا رۇسىيە يىراق شەرق فېدېراتسىيەسى باشقۇرۇش رايونى ساخا جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتىدا يۈز بەرگەن جىنسىي كەمسىتىش ۋەقەسى تالاش-تارتىش قوزغىدى. بىر ئەر پارلامېنت ئەزاسى ئۆزىنىڭ يىغىن ئاچقاندا دىققىتىنى يىغالمايدىغانلىقىنى خىجىل بولماي ئىقرار قىلدى، چۈنكى ئۇ دوكلات بەرگەن ئايال مىنىستىرنىڭ مەيدىسىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرغانىدى، ئۇ يەنە ئۆزىنى «ساغلام ئەر» دېدى، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ كۆزى ئايالنىڭ بەدىنىنىڭ كۆرۈنۈپ تۇرغان يېرىگە مەركەزلىشىپ قالغانىدى.

图片

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەينى چاغدا ساخا جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى توردا سىن يىغىنى ئاچقان، سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە كارخانا مىنىستىرى ۋېسوچىچ تۆۋەن ئىسپىرتلىق ئىچىملىك توغرىسىدا دوكلات بەرگەن. ئەمما، پارلامېنت ئەزاسى ئاموسوۋنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ كىيىنىشى ئوچۇق بولۇپ، ئەخلاق كومىتېتىنىڭ ئاياللار كىيىمىنىڭ ئۆلچىمىنى ئويلىشىپ بېقىشىنى تەلەپ قىلغان، «بۇ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش ئەمەس. شۇنداق، مەن ئەر كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن (كۆكرەك قىسمىنىڭ) ھەقىقەتەن گۈزەل ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمەن، لېكىن...»

图片

توردا تارقالغان سۈرەتلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ۋېسوچىچ ئەينى چاغدا ناھايىتى ئاددىي بىر يۈرۈش كىيىم كىيگەن، ئۇمۇ ئاموسوۋنىڭ «جىنسىي كەمسىتىشى»نى نەق مەيداندا قاتتىق ئەيىبلەپ، «مەن سىز بىلەن تاشقى قىياپىتىمنى مۇزاكىرە قىلمايمەن» دېگەن.

图片

گەرچە ئاموسوۋ «قىلىقسىز ھەم تۇتامى يوق»، «ئايال سىياسىيونلارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك قىلغان» دەپ تەنقىد قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا سۆزىنى قايتۇرۋېلىش ياكى كەچۈرۈم سوراش نىيىتىدە بولمىدى، ئۇ يەنە: «ۋېسوچىچنىڭ كۆكرەك قىسمىنى ئوچۇق كۆرسىتىدىغان كىيىنىشى ئەخلاق ئۆلچىمىگە ماس كەلمەيدۇ، بۇ قانداقتۇر زىددىيەت ئەمەس، مەن پەقەت كۆز قارىشىمنى بايان قىلىۋاتىمەن... كىشىلەر خاتالىق ئۆتكۈزسە ئاندىن كەچۈرۈم سورايدۇ» دېدى. گەرچە ئاموسوۋ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىمىغان بولسىمۇ، باشقا پارلامېنت ئەزالىرى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىغان ھەمدە ئۇنىڭ كىيىنىشىنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.