جەڭگىۋار بۆرە 3

ئەلكۈيى
2020-12-16
来源:ۋاڭيى تورى خەۋىرى



يېقىندا نۇرغۇن كىلاسسىك كىنولار قايتا ئىشلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمىدى، مەيلى كىنو ۋەقەلىكى ياكى ئارتىسلارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى بولسۇن، تاماشىبىنلارنىڭ كىنونى قوغلىشىپ كۆرىدىغان كەيپىياتىنى تېخىمۇ سۇسلاشتۇردى. ئەمەلىيەتتە، كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا يەنىلا نۇرغۇن كىلاسسىك ئەسەرلەر بار بولۇپ، سۈپەت ياكى ئارتىسلارنىڭ ۋاقت چىقىرىشى ئۈچۈن بىر نەچچە يىل تەييارلىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى ئاندىن كىلاسسىك ئەسەر دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.

«جەڭگىۋار بۆرە» (杀破狼) ناملىق كىنو كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن، بۇ كىنو ئاساسلىقى پېنسىيەگە چىقىش ئالدىدا تۇرغان ساقچى باشلىقى چېن گوجوڭ، قارا جەمئىيەتنىڭ كاتتىبېشى ۋاڭ باۋ، يېڭىدىن ساقچى باشلىقىغا تەيىنلەنگەن ما جۈن ئوتتۇرىسىدىكى ھايات-ماماتلىق جەڭ بايان قىلىنغان. بۇ كىنونىڭ ئەڭ نادىر كۆرۈنۈشى دەل جېن زىدەن بىلەن ۋۇ جىڭنىڭ كەسكىن ئېلىشقان كۆرۈنۈشى ھېسابلىنىدۇ.

ھەر ئىككىسى چامباشچىلىق ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان چولپان بولۇپ، قەددى-قامىتى ۋە چامباشچىلىق ماھارىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، بۇ قېتىمقى ئېلىشىش كۆرۈنۈشى، كىنودىكى كىشىنى ئەڭ تەقەززا قىلىدىغان كۆرۈنۈش ھېسابلىنىدۇ، كېيىن ئىككىيلەننىڭ بۇ ئېلىشىش ئۇسۇلىمۇ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن.

بۇ كىنونىڭ نادىر جايلىرىنى تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ، نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەر قاتتىق تاۋلانغاندىن كېيىن، ئىنچىكە ئويلانغاندىن كېيىن ئاندىن تاماملانغان. گەرچە بۇ كىنونىڭ قويۇلغىنىغا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككىيلەننىڭ ئېلىشىش كۆرۈنۈشى يەنىلا تاماشىبىنلارنىڭ ئېسىدە ئېنىق ساقلىنىپ قالغان، ھەمدە نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

بىرىنچى بۆلۈمنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىككىنچى بۆلۈمىمۇ ئارقىدىنلا قويۇلدى، ئىككىنچى بۆلۈمدە يەنىلا ئوخشاش تۇنجى بۆلۈمدىكى ئېلىشىش كۆرۈنۈشىنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ كىنوغا يەنە «كاستۇم-بۇرۇلكىلىق چامباشچى» جاڭ جىننى تەكلىپ قىلغان. دەرۋەقە، بۇ كىنو يەنە بىر قېتىم كىلاسسىك كىنوغا ئايلانغان، شۇڭا نۇرغۇن تورداشلار ئۈچىنچى بۆلۈمنىڭ تېزراق قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلغان.

«جەڭگىۋار بۆرە 3» توغرىسىدىكى خەۋەر ئاخىرى تارقالدى، ئەمەلىيەتتە بۇ ئەسەر ئاللىقاچان تەستىقلىنىپ بولغان بولۇپ، لېكىن ھازىرغىچە كىنونى سۈرەتكە ئېلىشقا باشلىماسلىقىدا مەلۇم سەۋەب بار. «جەڭگىۋار بۆرە 3»نىڭ يېتىپ كېلىشىگە نىسبەتەن، تورداشلارنىڭ ئەڭ ئۈمىد قىلىدىغىنى چوقۇم جېن زىدەن بىلەن ۋۇ جىڭنىڭ ئېلىشىش كۆرۈنۈشى، بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا رېژىسسورمۇ تاماشىبىنلارنىڭ ئويىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان.

بۇ كىنو ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەر ئىككى ئارتىسنىڭ ئۆزىگە خاس تەرەققىياتىنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ناھايىتى ياخشى ئارتىس ۋە رېژىسسورغا ئايلاندى. جېن زىدەننىڭ ئەڭ يېڭى كىنوسى «يې ۋېن 4» (叶问4) ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى، ۋۇجىڭ بولسا «جەڭ بۆرىسى» (战狼) ئارقىلىق كەسپىي ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقتى، نۇرغۇن تورداشلار بۇ ئىككى ئارتىسنىڭ «جەڭگىۋار بۆرە 3»دە داۋاملىق رول ئالىدىغان ياكى ئالمايدىغانلىقى توغرسىدا گۇمان قىلىشقان.

رېژىسسور يې ۋېيشىننىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋۇ جىڭ «جەڭ بۆرىسى 2»نى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن «جەڭگىۋار بۆرە 3»نىڭ سۈرەتكە ئېلىش ۋاقتىنى ئالاھىدە كېچىكتۈرگەن. كۆپچىلىككە ئايانكى، بۇ كىنونى سۈرەتكە ئالغاندا، ۋۇ جىڭ ناھايىتى ئېغىر يارىلانغان، لېكىن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ۋۇ جىڭ «جەڭگىۋار بۆرە 3»دە داۋاملىق رول ئالىدۇ.

جېن زىدەننىڭ كىنودا رول ئېلىشى ياكى ئالماسلىقى توغرىسىدا تېخى ئېنىق خەۋەر يوق، ئەگەر جېن زىدەن رول ئالغان تەقدىردىمۇ پەقەت يانداش رول ئېلىشى مۇمكىن، باش رولچى بولۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن. ئالدىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ۋۇجىڭنىڭ يارىسى تېخى ساقايمىدى، جېن زىدەننىڭ رول ئېلىش ئالماسلىقى تېخى نامەلۇم، شۇڭا ھازىرچە پەقەت بۇ ئىككەيلەننىڭ ھېچقايسىسىنىڭ باش رول ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئېنىق جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇ.

ئۇنداقتا ئەر باش رولچى كىم؟ ۋۇ يۆ ھېلىمۇ تاماشىبىنلارنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ «جەڭگىۋار بۆرە»دىكى ئىپادىسىمۇ ناھايىتى قالتىس بولغان بولۇپ، باش رولچى بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى. ئۇنىڭ چامباشچىلىق ماھارىتىمۇ يامان ئەمەس، ئۆزىنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىمۇ ناھايىتى ئۈستۈن، ئەگەر ئۇ باش رول بولسا بۇ كىنو چوقۇم تاماشىبىنلارنىڭ بىردەك ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىدۇ.

بىراق، بۇلارنىڭ ھەممىسى تېخى نامەلۇم، بىز يەنىلا بىرلىكتە «جەڭگىۋار بۆرە 3»نىڭ ئورگان تورى خەۋىرىنى كۈتەيلى.