ھازىر ھەممىلا يەردە تور چولپىنى بار، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇلاردىن زوقلىنىپ ھېرىپ كەتتى، چۈنكى ئۇلار كىشىگە ھېچقانداق يېڭىلىق تۇيغۇسى يوقتەك تەسىر بېرىدۇ. بىراق، ياۋروپانىڭ ئايال چولپانلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە، چىرايلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە رول ئېلىش ماھارىتىنىمۇ ناھايىتى ئۈستۈن. بۈگۈن بىز كۆپچىلىك بىلەن بىرگە پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى بەش چوڭ ئايال چولپان بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
سىكارلېت جوھانسون
«قىساسكارلار ئىتتىپاقى»(复仇者联盟)دا «قارا تۇل خوتۇن»(黑寡妇)نىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس سىكارلېت جوھانسون سانسىزلىغان مەستانىلەرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلغان. NBAدىكى داڭلىق چولپان دۇرانتمۇ ئۇنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. سىكارلېت جوھانسوننىڭ ئۆزىگە خاس سېھرىي كۈچى بار، ئۇ قەيەردە پەيدا بولسىلا، پۈتۈن مەيداندىكىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
مېگان فوكس
ئۇنىڭ سېھرىي كۈچى چىرايلىقلىقى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ لاتاپىتى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. كىچىكىدىن ئۇسسۇل ئۆگەنگەن مېگان فوكس ئېگىز بويلۇق بولۇپ، 13 يېشىدىلا مودېلغا ئايلانغان ۋە كەسىپ تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق بولغان، كېيىن مېگان فوكس مودېلدىن سەنئەت ساھەسىگە يۈزلىنىپ، سەنئەت ھاياتىنى باشلىغان.
ئەنجىلىنا جۇلى
ئەنجىلىنا جۇلى ھوللېۋودتىكى «ئەڭ گۈزەل ئايال» دەپ ئاتالغان، يەنە كېلىپ ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ تاماشا گېزىتلىرىدە ئەزەلدىن ئۇ كەم بولسا بولمايدۇ، ئۇنىڭ گۈزەللىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
چارلىز سېرون
چارلىز سېرون ئارىلاش قانلىق بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى فرانسىيىلىك، ئاپىسى گېرمانىيەلىك. چارلىز سېرون ئالتە يېشىدىن باشلاپلا بالېت ئۇسسۇلى ئۆگىنىشكە باشلىغان، 16 يېشىدا مودېل مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ قالتىس رول ئېلىش ماھارىتىگە تايىنىپ، تاماشىبىنلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.
چارلىز سېرون ئەمەلىي كۈچى ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا ئۆزىنىڭ گۈزەل قىز بولۇپلا قالماي، يەنە رول ئېلىش ماھارىتىنىڭ ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئۇنىڭ گۈزەللىكى ئۆزگىچە بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى نۇر چېچىپ تۇرىدۇ، نەگىلا بارسا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.
جېسسىكا ئالبا
جېسسىكا ئالبا بەش دۆلەت قان سىستېمىسىغا ئىگە، قوڭۇر رەڭلىك تېرىسى، بىر جۈپ چىرايلىق كۆزى بولغاچقا، كىشىلەر تەرىپىدىن «ئەڭ تاتلىق ساھىبجامال» دەپ ئاتالغان. گەرچە جېسسىكا ئالبا ھازىر بىر ئانا بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا جەزبىدار، لاتاپەتلىك قىياپىتىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، مەستانىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.
يۇقارقى چولپانلار ئىچىدە سىز كىمنى ئەڭ ياخشى كۆرىسىز؟ ئىنكاس رايونىدا ئۆزىڭىزنىڭ قىممەتلىك پىكرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ.