كانگانا رانۇت
كانگانا رانۇت 1987-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى تۇغۇلغان، 19 يېشىدا ئۆيدىن ئايرىلىپ ئارتىس بولغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا جاھىل. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئۆچ بولۇشىدىكى سەۋەب ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ ئارتىس بولۇشىغا قارشى تۇرغاچقا، ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن.
رېيكا
رېيكانىڭ ھەقىقىي ئىسمى بانۇرېيكا گانېسان. ئۇ 1954-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى مادراس (ھازىرقى چېنناي) تا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ بىر ئاچىسى، ئاتا بىر ئانا باشقا ئاكىسى ۋە ئانا بىر دادا باشقا بەش ئاچىسى بار. ئۇ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن 13 يېشىدا مەكتەپتىن ئايرىلىپ كەسپىي ھاياتىنى باشلىغان. ئۇ بىر قېتىملىق زىيارەتتە دادىسى بىلەن بولغان ناچار مۇناسىۋىتىنى تىلغا ئالغان.
ئامىشا پاتېل
ئامىشا پاتېل بىر ئارتىس، شۇنداقلا مودېل. ئۇ ئىلگىرى كۆپلىگەن بوللىۋود كىنولىرىدا ھەمدە 2004-يىلى بىر قانچە تېلۇگۇ تىلىدىكى كىنولاردا رول ئالغان. ئامىشا پاتېلنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەزەلدىن ياخشى ئەمەس. ئۇ دادىسىنى ئۇنىڭ ھېساباتىدىن نۇرغۇن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالدى دەپ ئەيىبلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن.
مالايكا شېرۋات
مالايكا شېرۋات خاريانا ئىشتاتىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسمى رېما لامبا. ئۇ دېھلىدىكى ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى مەكتەپتە ئوقۇشنى تاماملىغان. ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ بوللىۋودتا خىزمەت قىلىش قارارىغا قارشى تۇرغان. ئۇ ئۆز ئارزۇسى ئۈستىدە ئىزدەنمەكچى بولغاچقا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ بوللىۋودقا قوشۇلغان.
سۇرۋېن چاۋلا
سۇرۋېن چاۋلا ناھايىتى چىرايلىق، ئىلگىرى كۆپلىگەن بوللىۋود كىنولىرىدا رول ئالغان. ئۇ بىر ئارتىس ۋە ئۇسسۇلچى. بوللىۋودقا كىرىشتىن بۇرۇن تېلېۋىزىيە ئېلان شىركىتىدە خىزمەت قىلغان. ئاتا-ئانىسى ئىلگىرى ئۇنىڭ بوللىۋود كىنولىرىدا رول ئېلىشىغا قارشى تۇرغان ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن.
ئادىتيا نارايان
ئادىتيا نارايان بوللىۋود ئارتىسى، تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى ۋە ناخشىچى. ئۇ ھىندىستاندىكى داڭلىق ناخشىچى ئۇدىت ناراياننىڭ ئوغلى. ئۇ 1992-يىلى تۇنجى قېتىم بوللىۋود فىلىملىرىگە ناخشا ئېيتىپ بەرگەن. ئۇدىت نارايان نېپاللىق دېپا نارايان بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن ئايالىنى تاشلىۋەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئوغلى ئادىتيا نارايان ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش-جېدەل بېسىقمىغان.
رىتىك روشان
رىتىك روشان 1974-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان. ئۇ بوللىۋودتىكى ئەڭ داڭلىق ئەر چولپانلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئۇسسۇل ماھارىتى ھەممىگە ئايان. دادىسى كىنو رېژىسسورى. رىتىك يەنە دۇنيادىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئارتىسلارنىڭ بىرى.
ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن ئاتا ـ ئانىسى ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان تالاش-تارتىش يۈز بەرگەن، ئەمما كېيىن ھەممە ئىشلار ئەسلىگە كەلدى.
شىردىھا كاپور
شىردىھا كاپۇرنىڭ بوللىۋودقا كىرىشىگە دادىسى شاكتى كاپور كۈچلۈك مەدەتچى بولغان. ئۇ بىر ئارتىس، شۇنداقلا ناخشىچى.
ئۇ ھازىرغىچە كۆپلىگەن بوللىۋود كىنولىرىدا رول ئالدى. ئۇمۇ بوللىۋودتىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئايال ئارتىسلارنىڭ بىرى.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى مەستانىلىرىنىڭ سانىمۇ بەك كۆپ. مىش-مىش پاراڭلاردىن قارىغاندا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىغاچقا، ئۇلاردىن ئايرىلىپ تۇرۇشقا باشلىغان.
پانكاج ترىپاتى
پانكاج ترىپاتى ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا تۇغۇلغان، ئاتا-ئانىسى دېھقان. ئۇ ئىزچىل ئارتىس بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن، ئەمما مەغلۇپ بولۇشتىن قورققاچقا باتنادىكى بىر بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدا خىزمەت قىلغان. نېمە سەۋەبتىندۇر، كېيىن ئۇ ئوقۇشىنى تاماملاپ بوللىۋودتا خىزمەت قىلماقچى بولغان. ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ ئارتىس بولۇشىغا قارشى تۇرغان، شۇڭا ئۇ ئۆيىدىن ئايرىلىپ بومبايغا كۆچۈپ كەلگەن.