نىشا نور 80-يىللاردا داڭق چىقارغان ھىندىستان ئارتىسى، ئۇ ئاساسلىقى كوللىۋود، توللىۋود، موللىۋودتا كىنو ئىشلىگەن، «Kalyana Agathigal» ،«Tik! Tik! Tik!» قاتارلىق فىلىملىرى بىلەن داڭق چىقارغان. كەسپىي ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسدە كامال ھەسەن، راجىنكانس قاتارلىق داڭلىق چولپانلار بىلەن ھەمدە ۋىشۇ، بالاچاندران قاتارلىق داڭلىق جەنۇبىي ھىندىستان رېژىسسورلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان.
كېيىن ئۇنىڭ كەسپى چېكىنىشكە باشلىغان، بىر فىلىم ئىشلىگۈچى ئۇنى نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغان. بۇ خەۋەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ساھەدىكى ھېچكىم ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشنى ياكى ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ قۇتۇلدۇرۇپ قويۇشنى خالىمىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ پاتقاققا تېخىمۇ چۆكۈپ كەتكەن، 2007-يىلىغا كەلگەندە، بەزىلەر ئۇنىڭ كوچىدا ئاچ-يالىڭاچ ياتقانلىقىنى بايقاپ قالغان. بۇ ۋاقىتتا ئورۇقلاپ بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان، كېسەل، مەينەتچلىك ئۇنى چىرمىۋالغان، بەدىنىگە قۇرت ۋە ھاشارەتلەر يامىشىۋالغان ئىدى.
بىر تامىل ساخاۋەت تەشكىلاتى ئۇنى قۇتقۇزۇۋالغان بولۇپ، ئۇنى چېننايدىكى تامبارام دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بارغان. بۇ يەردە ئۇنىڭ ئەسلىدە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم بولغان، لېكىن ئۇ ئۆزىمۇ بۇنداق كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەيتتى. كېيىنچە ئۇ بۇ دوختۇرخانىدا كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.
بۇ ۋەقە ھىندىستاندا قىزىق نۇقتا خەۋىرىگە ئايلانغان ۋە زور بەس-مۇنازىرە قوزغىغان. «نېمە ئۈچۈن ھىندىستاندا دەۋر سۈرگەن چولپان ئاخىرىدا كوچىدا قالىدىغان ئىش يۈز بېرىدۇ؟ زادى قايسى فىلىم ئىشلىگۈچىنىڭ بىر چولپاننى ھاڭغا ئىتتەرگۈدەك كۈچى بار؟ زادى قايسى سەۋەب نىشانىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىگە تىز پۈكىشىگە سەۋەب بولدى؟ ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە دوستلىرىنىڭ بۇ جەرياندىكى ئىنكاسى قانداق؟» قاتارلىق مەسىلىلەر ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس. ئۇنىڭ ئۆلۈمى ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى جىنسىي خورلۇق مەسىلىلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئامما ئالدىغا ئېلىپ چىققان. 2014-يىلى بالا ئارتىسلىقتىن كېلىپ چىققان ئارتىس شۋېتا باسۇ پراسادنىڭ نومۇسىنى سېتىش دېلوسىغا چېتىلىپ قالغانلىقى يەنە غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى، لېكىن ئۇ نىشادىن تەلەيلىك بولۇپ، ھازىر نورمال تۇرمۇشقا قايتتى.