خۇاڭ زىتاۋ تور چولپىنى دىڭجېننى تەكلىپ قىلدى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-30
来源:تېڭشۈن تورى




خۇاڭ زىتاۋ كۆپچىلىككە ناھايىتى تونۇشلۇق چولپان، ئۇ چولپان كوللېكتىپىدىن يېتىشىپ چىققان بولۇپ، ئېقىم مىقدارى چولپىنى ھېسابلىنىدۇ. ئوخشىمايدىغان يېرى، ئۇ تاشقى قىياپىتى ئارقىلىق مەستانىلىرىنى جەلپ قىلمىغان، ئەسەرلىرىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ مىجەز-خاراكتېرىنىڭ سېھرىي كۈچىگە تايانغان، ئۇ بىر تۈز، يۇمۇرىستىك چولپان. نۆۋەتتە، ئۇ بىر تەرەپتىن مۇزىكا ئىشلىگەچ، تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى شىركەتكە قاراتتى، چۈنكى ئۇنىڭ يەنە بىر سالاھىيىتى شىركەت خوجايىنى.

ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا دائىم ئۆزىنىڭ يېقىنقى ئەھۋاللىرىنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ. ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، قول ئاستىدىكى سەنئەتكار شۈ يىياڭ بىلەن مۇھەببەتلەشكەنلىك خەۋىرى تارقالغان، ئۇنىڭ قارشى تەرەپكە قىزغىنلىق بىلەن سۆز قالدۇرۇشىنى باشقىلار خاتا چۈشىنىپ قالغان. بۇ بەلكىم پەقەت كۆپتۈرمىچىلىك قىلىش ئارقىلىق شۈ يىياڭنىڭ نامىنى چىقىرىش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن.

يېقىندا دىڭجېننىڭ ئىسمى توردا تونۇلۇپ كەتتى، مەقسەتسىز سۈرەتكە ئېلىنغان بىر كۆرۈنۈش بۇ زاڭزۇ يىگىتنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە داڭلىق چولپانغا ئايلاندۇردى، ئۇنىڭ كېلىشكەن تاشقى قىياپىتى، چىنلىقنى يوقاتمىغان سەمىمىي كۈلكىسى تورداشلارنىڭ زوقىنى قوزغىدى.

نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى شىزاڭدا دەپ قالغان، ئەمەلىيەتتە ئۇ سىچۈەندىكى بىر ئاپتونوم ئوبلاستتا. ئۇ شۇ جاينىڭ يەرلىك ئىسىم كارتىسىغا ئايلىنىپ قالدى، ئۇ يۇرتىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، مەخسۇس چوڭ قەغەزگە «ئۆيۈم سىچۈەندە» دېگەن خەتنى يازغان.

خۇاڭ زىتاۋ توردا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان چولپان بولۇش سۈپىتى بىلەن، دېڭ جېن بىلەن بىرلىكتە ئۈچ ئىشنى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىرىنچى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن سىچۈەنگە بېرىپ دىڭجېننى ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېيتتى، قارىغاندا خۇاڭ زىتاۋ دىڭجېننى بىكارغا تەشۋىق قىلمىغاندەك قىلىدۇ. چولپانلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن دىڭجېننى تەكلىپ قىلىشى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدۇ.

ئىككىنچىدىن، ئۇ قارشى تەرەپنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرىنى سورىغان، قارىغاندا ئۇ بۇ زاڭزۇ يىگىتى بىلەن دوست بولۇپ قېلىشنى خالايدىغاندەك قىلىدۇ. ئۈچىنچى، دىڭجېن بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان، نۇرغۇن تورداشلار خۇاڭ زىتاۋنى دىڭجېن بىلەن توختام ئىمزالاپ ئۇنى قول ئاستىدىكى سەنئەتكار قىلماقچى دەپ پەرەز قىلغان.

دىڭجېن تور دۇنياسىدا چولپانغا ئايلانغاندىن كېيىن نۇرغۇن تالانتلىقلارنى تاللاش پروگراممىلىرى ئۇنى قاتناشتۇرماقچى بولغان، بىراق بۇ ئەھۋال تورداشلارنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان، ئۇلار دىڭجېننى ئۆزىنىڭ چىنلىقىنى يوقاتسا بولمايدۇ، دەپ قارىغان، بۇ دەل باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئۇسۇلدا چولپانغا ئايلىنىشنىڭ سەۋەبى. ھازىر دىڭجېن شۇ جايدىكى ساياھەت تارماقلىرىدا ئىشلەۋاتىدۇ، شۇڭا باشقا ھەرقانداق شىركەتلەر ئۇنىڭ بىلەن ئاسانلىقچە توختام ئىمزالىيالمايدۇ.

خۇاڭ زىتاۋنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن دىڭجېننى ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى سەنئەتكار قىلماقچىمۇ ياكى دوست بولۇپ قالماقچىمۇ ياكى باشقا ئويلىرى بارمۇ، بۇنىسى بىزگە نامەلۇم. سىزنىڭ بۇنىڭغا قانداق پىكرىڭىز بار؟ ئىنكاس رايونىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىڭ.