سۇن خوڭلېي ئايالىنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىدى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-30
来源:腾讯




تاماشا چەمبىرىكىدە كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر چولپانلار شەرقىي شىمالدىن چىققان، مەسىلەن سۇن خوڭلېي، سوڭ جيا، جىڭ بورەن، ۋۇ شىن، لى بىڭبىڭ، جيا نەيلياڭ قاتارلىقلار.

خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىن چىققان بىزگە ئەڭ تونۇش چولپان سۇن خوڭلېي. سۇن خوڭلېي قاتناشقان «چەكلىك خىرىس» (极限挑战) پروگراممىسىنىڭ بىر سانى تورداشلار تەرىپىدىن ئەڭ تەسىرلەنگەن بىر سان بولۇپ باھالانغان، بۇ پروگرامما خاربىندا سۈرەتكە ئېلىنغان، بۇ سان كۆرسىتىلگەندىن كېيىن كۆرۈش نىسبىتى تېز ئۆرلەپ، «چەكلىك خىرىس»نىڭ ئۇنىۋېرسال پروگىراممىسىنىڭ پادىشاھلىق ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

شەرقىي شىمال «چاقماق ئۇسسۇل شاھى» سۇن خۇڭلېي

سۇن خوڭلېي خاربىنلىق بولۇپ، 1970- يىلى تۇغۇلغان، بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئېكراندىكى ئوبرازى يەنىلا قوپال، گەرچە قەددى-قامىتى ئاممىنىڭ گۈزەللىك قارشى ئىچىدىكى كېلىشكەن ھېسابلانمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سالاپىتى، سېھرىي كۈچى يەنىلا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، پەقەت رول ئالغان ئارتىسلار جەدۋىلىدە ئۇنىڭ ئىسمى بولسىلا، ئۇنىڭ بېلەت كىرىمى ئاساسەن ناچار بولمايدۇ، ئۇ رول ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرىمۇ ناھايىتى ياخشى بولۇپ، بىر-بىرىدىن ئېسىل.

ئۆسمۈر ۋاقتىدا ئۇسسۇلغا مەستانە بولغان سۇن خوڭلېي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا دائىم دەرستىن قېچىپ ئۇسسۇل مەشىق قىلغان، 1987-يىلى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسنىڭ ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن، «چاقماق ئۇسسۇل شاھى» دېگەن ناممۇ شۇنىڭدىن كەلگەن. ئۇ 25 يېشىدا مەركىزىي تىياتىر شۆيۈەنىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، كەسپىي ئوقۇشنى باشلىغان.

دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇ ئالغان رولنىڭ ھەممىسى قارا جەمئىيەت كاتتىباشلىرىنىڭ ئوبرازى بولۇپ، ياۋۇز، ئىنتايىن سوغۇق چىراي ئىدى، مەسىلەن «بويسۇندۇرۇش» (征服)، «يانفوننى ئېچىڭ» (落地请开手机) قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇنداق رول ئالغان، كېيىن بىر قىسىم «يېقىشلىق» روللارنى ئوينىدى، ئۇ خەي چىڭ بىلەن رول ئالغان «يانداش زەمبىرەكچى» (二炮手) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىنتايىن مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ، ئىككىسى رول ئېلىپ تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا تېخىمۇ رەڭدار تۈس قوشقان.

2016-يىلى ئۇ جاڭ شياۋبو رېژىسسورلۇق قىلغان «ياخشى ئەپەندىم» (好先生) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئەر باش رولچى لۇ يۈەننىڭ رولىنى ئالدى، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، كۆرۈش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، سۇن خۇڭلېي بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا رول ئېلىش تىپىنى ئۆزگەرتتى.

تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى سۇن خوڭلېي ياخشى ئەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپلا قالماي، 2014-يىلى ئۇ ئالتە يىل مۇھەببەتلەشكەن قىز دوستى ۋاڭ جۈندى بىلەن توي قىلىپ، ئىسمى جىسمىغا لايىق «ياخشى ئەپەندىم» بولۇپ قالدى، تۇرمۇش قۇرۇپ ئالتە يىلدىن كېيىن، سۇن خوڭلېي ئايالىنى كۆپچىلىككە ئاشكارىلىدى، قارىغاندا سۇن خوڭلېي ئايالىنى ناھايىتى ياخشى قوغدايدىكەن.

سۇن خوڭلېي بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ، ئالتە يىلدىن كېيىن ئاشكارىلانغان بۇ ئايال، دەل بىزگە تونۇش بولغان ئۇ!

ئۇنىڭ ئايالى ۋاڭ جۈندى 1985-يىلى تۇغۇلغان، ئىككىسىنىڭ يېشى 15 ياش پەرقلىنىدۇ، ئەمما ياش پەرقى ئىككىسىنىڭ توسالغۇسى ئەمەس، ۋاڭ جۈندى مۇزىكانت، ۋيېنا مۇزىكا شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن، ئۇ كۆپ خىل چالغۇلارنى چالالايدۇ، ئۇنى كۆپ ئىقتىدارلىق ئايال دېيىشكە بولىدۇ.

ھالبۇكى، ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى، 2019- يىلىدىكى «يېڭى دۇنيا» (新世界) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا، بىز ۋاڭ جۈندىنىڭ سىماسىنى كۆردۇق، نۇرغۇن تاماشىبىنلار شۇ چاغدا خۇرسىنغان ھالدا: «ئەسلىدە ئۇ سۇن خوڭلېينىڭ ئايالى ئىكەندە!»، دېيىشتى.

«يېڭى دۇنيا» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا سۇن خوڭلېي، جاڭ لۇيى، يىن فاڭ باش رول ئالغان، ئۇ بۇ تىياتىردا ئۈچ قېرىنداشنىڭ ئىچىدە ئاكىسى جىن خەينىڭ رولىنى ئالغان، ئۇنىڭ ئايالى ۋاڭ جۈندىمۇ بۇ تىياتىردا رول ئالغان، ئۇنىڭ بۇ تىياتىردا ئالغان رولى شېن شىچاڭنىڭ يەتتىنچى ھاممىسى بولۇپ، ناھايىتى نازۇك ئايال ئىدى، ئۇنىڭ يۇمشاق سۆزىمۇ ئادەمنى ئۇنىڭ سەھنە سۆزى ماھارىتىگە قايىل قىلىدۇ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ھەقىقەتەن تىرىشچان، كەسىپنى سۆيىدىغان ئايال ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

سۇن خوڭلېي تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا «باغرى يۇمشاق» بولۇپ، تۇرمۇشتا بەكلا مۇلايىم.

2017-يىلى ئىككىسىنىڭ قىزى تۇغۇلغان، لېكىن ئىككىيلەن قىزىنى قوغداشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن بولغاچقا، ھازىرغا قەدەر تاراتقۇلار تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنىپ باقمىغان، قىزى توغرىسىدا سۇن خوڭلېي پەقەت پروگراممىدا ئاندا-ساندا تىلغا ئېلىپ قويىدۇ، شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا قىزىغا بولغان كۆيۈنۈشىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، مەيلى «ئاتامان»نىڭ قىزى بولسۇن ياكى «ياخشى ئەپەندى»نىڭ قىزى بولسۇن، ئوخشاشلا بەختلىك.

گەرچە سۇن خوڭلېي تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا «باغرى يۇمشاق» پېرسوناژلارنىڭ رولىنى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن رېئال تۇرمۇشتا ھەقىقەتەن بىر مۇلايىم ئەر، ئۇ ھەمىشە ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنى ئەڭ ياخشى قوغدايدۇ، ھازىر 50 ياشقا كىرگەن سۇن خوڭلېينىڭ گۆدەك قىزى ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن كۆرسىتىدىغان تىرىشچانلىقلىرى بار، ئۇنىڭ بىزگە تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

دوستلار، ھەممىمىز سۇن خوڭلېينىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان، سىلەردە ئۇنىڭ قايسى رولى ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى؟