چېڭلوڭ ھەممىمىزگە تونۇشلۇق شەخس، ھەتتا چېڭلوڭنى جۇڭگونىڭ ئىسىم كارتىسى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ تېمىنى كۆرىۋاتقانلارنىڭ يېشىنىڭ قانچىلىك چوڭ بولىشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم چېڭلوڭنىڭ «A پىلان» (A计划)، «ساقچى ھېكايىسى» (警察故事)، «ئۇچار بۈركۈت پىلانى» (飞鹰计划) قاتارلىق نادىر كىنولىرىنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. چېڭلوڭ بىزگە نادىر كۆرۈنۈشلەر، قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى تەقدىم قىلدى، كىشىدە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغىنى يەنىلا كىنودىكى ئاشۇ راۋان ھەرىكەتلىك مۇشتلىشىش كۆرۈنۈشلىرى بولۇپ، بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن. بۇ نادىر كۆرۈنۈشلەردە چېڭلوڭنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىدىن باشقا، پەردە ئارقىسىدىكى كوللېكتىپ-چېڭ جەمەتى سىنىپىنىڭ چېڭلوڭ بىلەن بولغان ياخشى ماسلىشىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
چېڭلوڭ «A پىلان» ناملىق كىنو بىلەن نام چىقىرىشقا باشلىغان، ئەمەلىيەتتە چېڭلوڭنىڭ ئېغىزىدا ئۇنىڭ چېڭ جەمەتى سىنىپى چۈشۈپ باقمىغان، چېڭلوڭنىڭ نام-ئابرويى ھەقىقەتەن كۆزنى قاماشتۇرىدۇ، شۇڭا چېڭ جەمەتى سىنىپى يىللاردىن بۇيان سەھنە ئالدىغا چىقىشقا ئامالسىز قالدى، بۈگۈن سىلەرگە چېڭ جەمەتى سىنىپىدىن يېتىشىپ چىققان مۇنەۋۋەر ئارتىسلارنى تونۇشتۇرۇپ چىقاي.
چېڭ جەمەتى سىنىپىنى ئەمەلىيەتتە ئەڭ بۇرۇن 1976-يىلى چېڭلوڭ بىر قىسىم جۇڭگو شياڭگاڭلىق سەنئەتكارلار بىلەن ھەمكارلىشىپ قۇرغان، 1985-يىلىغا كەلگەندە «A پىلان» 4-نۆۋەتلىك جۇڭەو شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەرىكەت لايىھەلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، شۇ سەۋەبلىك چېڭ جەمەتى سىنىپى رەسمىي باش كۆتۈرۈپ چىققان، بۈگۈنكى كۈندە چېڭ جەمەتى سىنىپى دۇنيا بويىچە ئەڭ داڭلىق، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كىنو-تېلېۋىزىيە ئالاھىدە ئۈنۈم كوللېكتىپى بولۇپ قالدى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكەتلىك كىنو ئەسەرلىرى ئىچىدە چېڭ جەمەتى سىنىپىنىڭ ئەزالىرى ياكى چېڭ جەمەتى سىنىپىدىن يېتىشىپ چىققانلار بار. 2017-يىلى چېڭ جەمەتى سىنىپى ئامېرىكا، گېرمانىيە، رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون چەتئەللىك ئالاھىدە ماھارەت كۆرسەتكۈچىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ پەخرىي ئەزاسىغا ئايلاندى.
چېڭ جەمەتى سىنىپى كىنولاردىكى «ئۇچار يولۋاس ئەترىتى» (飞虎队) بولۇپ، باتۇر ۋە جۈرئەتلىك، قولىدىن ھەرقانداق ئىش كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېكراندا پەيدا بولۇشى كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان نادىر نومۇرلاردىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگو شياڭگاڭنىڭ ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلىش رېژىسسورى رۇ لىن جۇڭگو شياڭگاڭ ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىدا ئەڭ ياخشى ھەرىكەت يېتەكچى رېژىسسورى بولغان بولۇپ، ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ (9 قېتىم) بولغان، چېڭ جەمەتى سىنىپى جۇڭگو شياڭگاڭدا ناھايىتى زور مەرتىۋە ئىگە. چېڭ جەمەتى سىنىپى چېڭلوڭنىڭ ھاياتى ۋە چېڭلوڭنىڭ رىۋايىتىنى ياراتقان ئۇلۇغ سىنىپ ھېسابلىنىدۇ، جۇڭگو شياڭگاڭ گۇمپا كىنوسىنى ئىشلەش جەريانىدا، ئىزچىل تۈردە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئەنئەنىۋى ماھارەت كۆرسىتىش ھەرىكىتى ۋە زامانىۋى ئالاھىدە ماھارەت كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى تاماملىغان بولۇپ، ئۇلار جەمئىي يەتتە قېتىم جۇڭگو شياڭگاڭ ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 30 يىلغا سوزۇلغان ۋاقىت ئىچىدە چېڭ جەمەتى سىنىپى دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك چېڭلوڭنىڭ نام-شۆھرىتى ئوراپ كەلگەن، ئۇلارنىڭ قان-ياشلىرى، ئاغرىقلىرى ۋە يارىلىرى تاماشىبىنلارنىڭ چېڭلوڭنىڭ گۇمپا كىنولىرىغا بولغان ئالقىش سادالىرىغا غەرق بولغان. پەردە ئارقىسىدىكى ئۇلار جۇڭگو شياڭگاڭ كىنوچىلىقى ئۈچۈن يەتكىلى بولمايدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقان.
لۇ خۇيگۇاڭ
لۇ خۇيگۇاڭ تايلاندتىكى خۇاچياۋ بولۇپ، ئەسلىدە تايلاند چامباشچىسى ئىدى، ھەتتا تايلاند چامباش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان، كېيىن پۇرسەتنىڭ تاسادىپىي توغرا كېلىپ قېلىشى بىلەن جۇڭگو شياڭگاڭ كىنو چەمبىرىكى بىلەن ئۇچراشقان. لۇ خۇيگۇاڭ چېڭ جەمەتى سىنىپىغا يېڭى كىرگەن چاغدا، ئاساسەن قوشۇمچە رول ئالغان ياكى كۆزگە چېلىقمايدىغان كىچىك روللارنى ئالغان، 1994-يىلىغا كەلگەندە «مەست گۇمپىسى 2» (醉拳2)نى سۈرەتكە ئالغان، كېيىن لۇ خۇيگۇاڭ ماھارىتىگە تايىنىپ تەرەپ-تەرەپتە داڭ چىقارغان، شۇنىڭدىن كېيىن لۇ خۇيگۇاڭ بىۋاستە چېڭلوڭنىڭ قوغدىغۇچىسى بولغان. لۇ خۇيگۇاڭنى چېڭلوڭ كىنوسى ئىچىدە ئەڭ كۆپ رول ئالغان ھەم ھازىرغىچە چوڭ ئېكراندا بىر قەدەر جانلانغان چېڭ جەمەتى سىنىپىنىڭ ئەزاسى دېيىشكە بولىدۇ.
كۆپچىلىك بۇ رەسىمگە قاراپ بېقىڭلار، بۇنىڭ قايسى كىنو ئىكەنلىكىنى ئەسلىيەلەمسىلەر؟
جياڭ روڭفا
دائىم كىنولاردا «يوغان ئېغىز» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ كىشى جياڭ روڭفا بولۇپ، ئۇنى ئەڭ بۇرۇن چېڭلوڭغا ئەگەشكەن بىر تۈركۈم كىشىلەردىن دېيىشكە بولىدۇ، چېڭلوڭنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى كىنولىرىدا ئۇنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، مەسىلەن، «لوڭ بەگزادە» (龙少爷)دىكى باي بەگزادىنىڭ رولىنى ئالغان. جياڭ روڭفا ئادەتتە چېڭلوڭنىڭ كىنولىرىدا بىر قەدەر قىزىقارلىق روللارنى ئالىدۇ، مەسىلەن، «A پىلان»دىكى چېڭلوڭنىڭ قابىل ياردەمچىسى، «ساقچى ھېكايىسى»دىكى سالونا تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن بۇلاڭچى، «مۆجىزە» ناملىق كىنودا رول ئالغان دۆت ساقچى ئوبرازى قاتارلىقلار.
جاڭ جيانيەن
جاڭ جيانيەنمۇ چېڭلوڭنىڭ كىنولىرىدىكى قىزىقارلىق روللارنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، «ساقچى ھېكايىسى»، «A پىلان»دا چېڭلوڭدىن باشقا قىزىقارلىق كۆرۈنۈشلەرنى تاماملىغان. جاڭ جيانيەن 1980-يىلى چېڭ جەمەتى سىنىپىغا كىرگەن بولۇپ، كېيىن ئىزچىل خوڭ جىنباۋ، چېڭلوڭنىڭ كىنولىرىدا رول ئالغان. 1984-يىلى «چاكار» (公仆) كىنوسىدا رول ئېلىپ، جۇڭگو تەيۋەن كىنو ئالتۇن ئات مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن، ئىككىنچى يىلى جۇڭگو شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. ئۇ لى ليەنجيې، خوڭ جىنباۋ قاتارلىق داڭلىق ئارتىسلار بىلەن ھەمكارلىشىپ باققان.
فېڭ كېئەن
فېڭ كېئەن كىچىكىدىن تارتىپ دادىسىغا ئەگىشىپ كىنو ساھەسىگە كىرگەن بولۇپ، ئۇنى بالا چولپان دېيىشكە بولىدۇ، لېكىن چوڭ بولغاندىن كېيىن «ئەسكى چىراي» بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، چېڭلوڭنىڭ كىنوسىدا كۆپرەك سەلبىي رول ئالغان. بىراق ئۇ چېڭلوڭنىڭ كىنولىرىدا سەلبىي ئوبراز بولۇپلا قالماي، دەسلەپكى جۇڭگو شياڭگاڭ گۇمپا كىنولىرىدا فېڭ كېئەندىن ئىبارەت بۇ «ئەسكى چىراي» كەم بولغان ئەمەس.
جۇ رۇنجيەن
جۇ رۇنجيەن 1967-يىلى كىنو ساھەسىگە كىرىپ، چامباشچىلىقتىن ئاستا-ئاستا چامباشچىلىق يېتەكچىسىگە ئايلانغان، 1978-يىلى رەسمىي چېڭ جەمەتى سىنىپىغا قوشۇلغان. جوۋ رۇنجيەن «ساقچى ھېكايىسى»، «مەڭگۈلۈك ئەجدىھا» (飞龙猛将) قاتارلىق كىنولاردا رول ئالغان، گەرچە ئۇنىڭ نامى چىقمىغان بولسىمۇ، ئەمما چېڭ جەمەتى سىنىپى ۋە چېڭلوڭنىڭ نام چىقىرىشىغا زور تۆھپە قوشقان.
لى چياڭچۈەن
چېڭ جەمەتى سىنىپىدا ئەڭ دەسلەپتە ئاران بەش ئادەم بار ئىدى، لى چياڭچۈەن دەل شۇلارنىڭ بىرى، ئۇ 17 يېشىدا چامباشچىلىقنى ئۆگەنگەن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يوڭچۈن، قۇرۇق قول گۇمپىسى، تايلاند چامباشچىلىقى قاتارلىقلارنى ئۆگەنگەن، چامباشچىلىق ئاساسى پۇختا بولغاچقا، ئۇ بىر مەزگىل داڭلىق چامباشچىغا ئايلانغان. 1979-يىلى لى چياڭچۈەن چېڭ جەمەتى سىنىپىغا كىرگەن، ئۇنىڭ تۇنجى كىنوسى چېڭلوڭ 1982-يىلى باش رول ئالغان ھەرىكەتلىك فىلىم «لوڭ بەگزادە» بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن لى چياڭچۈەن ئاساسەن قوشۇمچە ۋە كىچىك روللارنى ئالغان.
لىن گوبىن
1985-يىلى چېڭ جەمەتى سىنىپىغا كىرىپ، چېڭ جەمەتى سىنىپىدا پەردە ئارقىسىدا خىزمەت قىلغان، چېڭلوڭنىڭ كىنولىرىدا قوشۇمچە رول ئالغان. چېڭ جەمەتى سىنىپى پارچىلانغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، چېڭ جەمەتى سىنىپىدىن ئايرىلىپ چامباشچىدىن ئارتىسقا ئايلانغان. 1993-يىلى لىن گوبىن جوۋ شىڭچى، ۋۇ مېڭدا، جوڭ لىتىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ «بۇزغۇنچىلىق شاھى» (破坏之王) ناملىق كىنودا رول ئالغان.
براد ئاللېن
بۇ ئىسىم كۆپچىلىككە ناتونۇش تۇيۇلۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ سۈرەتتىن ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ، ئۇ دەل «ئەينەك جام» (玻璃樽) ناملىق كىنودا بوكسچىنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس. براد ئاللېن چېڭلوڭنىڭ شاگىرتى، چۈنكى ئۇ چېڭلوڭنى ھۆرمەتلەپ چامباشچىلىقنى ئۆگەنگەن ھەمدە تىرىشىپ بوكس، قۇرۇق قول ماھارىتى، جۇڭگو چامباشچىلىقى قاتارلىق كۆپ خىل ئېقىملارنىڭ ئېلىشىش ماھارىتى ۋە ئالاھىدە ماھارەتلىرىنى ئۆگەنگەن. براد ئاللېننىڭ چېڭ جەمەتى سىنىپىنىڭ ئەزاسى بولۇپ قېلىشى ئەمەلىيەتتە ناھايىتى توغرا كېلىپ قالغان بىر ئىش.
1997- يىلى ئۇ جۇڭگودىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ مېلبۇرنغا قايتقان، ئەينى ۋاقىتتا «ياخشى ئادەم» (一个好人)نىڭ سۈرەتكە ئېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، چېڭلوڭغا «رەھمەت سىزگە» دېگەن بىر جۈملە سۆزنى قىلىش ئۈچۈن سۈرەتكە ئېلىش نەق مەيدانىغا ئوغرىلىقچە كىرگەن ھەمدە چېڭلوڭنى كۆرگەن، چېڭلوڭ بۇنىڭدىن ناھايىتى ھەيران قالغان، نېمە ئۈچۈن بىر چەتئەللىك ياش يىگىت دۆلەت تىلىدا سۆزلىيەلەيدۇ؟ ھەم ئۇنىڭ ئىلگىرى جۇڭگو چامباشچىلىقىنى ئۆگەنگەنلىكىنى بىلىپ، چېڭ جەمەتى سىنىپىنىڭ ئەزالىرى ئۇنىڭغا ئازىراق ھەرىكەتلەرنى ئۆگىتىپ قويغاندىن كېيىن نەق مەيداندا سىناق قىلىپ مەشىق قىلغان، ئاندىن چېڭلوڭ ئۇنى چېڭ جەمەتى سىنىپىغا تەكلىپ قىلغان، ئۇ چېڭ جەمەتى سىنىپىنىڭ ئەزاسى بولغان تۇنجى چەتئەللىك ھېسابلىنىدۇ.
چېڭ جەمەتى سىنىپىدىكى چېڭلوڭنىڭ كىنولىرىدا دائىم رول ئالغان بىر نەچچەيلەننى بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە تونۇشتۇرۇپ تۇرايلى، يەنە باشقا ئارتىسلارنى كېيىن يەنە تونۇشتۇرۇپ قويىمىز.
گەرچە چېڭلوڭنىڭ يېشىنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، چېڭ جەمەتى سىنىپى بىلەن چېڭلوڭنىڭ ھەمكارلىشىپ ئالىدىغان روللىرى بارغانسېرى ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما چېڭ جەمەتى سىنىپىنىڭ قەدىمى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-، 90-يىللىرىدىن باشلاپ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئارتىسلار تەدرىجىي ھالدا ئېلىمىز كىنوچىلىقىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈك بولۇپ يېتىشىپ چىقتى.
يېقىندا قويۇلغان «جەڭ بۆرىسى» (战狼)، «قىزىل دېڭىز ھەركىتى» (红海行动)، «ياماشقۇچى» (攀登者)، «بېيجىڭدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى» (北京爱情故事) قاتارلىقلار نادىر كىنولارنىڭ ھەممىسىدە چېڭ جەمەتى سىنىپىنىڭ قوشقان تۆھپىسى ناھايىتى زور، بىز چېڭ جەمەتى سىنىپىدىكى ئەزالارنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىپ مەستانىلەرگە داۋاملىق نادىر كىنولارنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.