فەن بىڭبىڭ تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەرنىڭ يادىغا ئۇنىڭ 900 مىليون يۈەن جەرىمانە تۆلىگەن ئىشى، يەنە ئۇنىڭ لى چېن بىلەن بولغان مۇھەببىتى كېلىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم ئېتىراپ قىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ خەۋىرى چىقسىلا ئۇنى ھېچكىم ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، بولۇپمۇ يېقىندا ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۆسەك سۆزلەر يەنە تارقىلىشقا باشلىدى، ئۇنداقتا، فەن بىڭبىڭنىڭ قايتىدىن نام قازىنىشى ھەقىقەتەن قىيىنمۇ؟ تۆۋەندە بىز بۇ توغرسىدا ئورتاقلىشىپ باقايلى.
11-ئاينىڭ 17-كۈنى فەن بىڭبىڭ بىر پائالىيەتكە قاتناشقان، ئويلىمىغان يەردىن پائالىيەت جەريانىدا ئۈچ ئىشقا يولۇققان، بەلكىم بۇ ئۈچ ئىش ئۇنىڭ قايتىدىن نام قازىنىش يولىنى تېخىمۇ تەسلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن.
بىرىنچى ئىش، بەزىلەر خىزمەت توپىدا فەن بىڭبىڭنى ئاشكارا تىللىغان، بۇمۇ ئىشمۇ؟ فەن بىڭبىڭگە مۇناسىۋەتلىك ئىككى يىللىق خەۋەرنى خالىغانچە ئىزدەپ بېقىڭ، قايسى بىرسى فەن بىڭبىڭنى تىللىمىغان.
ئىككىنچى ئىش، كىنودا رولغا ئالغان كۆرۈنۈشى كېسىۋېتىلگەن.
لېكىن مەن كېسىۋېتىلگەن نۇسخىسىنى تاپالمىدىم، بەلكىم بۇ يوق ئىش بولۇشى مۇمكىن، راست يالغاننى پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ.
ئۈچىنچى ئىش، ياۋ چېن بىلەن فەن بىڭبىڭ بىللە سۈرەتكە چۈشكەندە، ياۋ چېن فەن بىڭبىڭنى ياراتمىغاندەك چىراي ئىپادىسىدە بولغان.
بىراق ياۋ چېن بىلەن فەن بىڭبىڭنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆچ-ئاداۋەت بولغان تەقدىردىمۇ، ياۋ چېننىڭ ئۇنداق سورۇندا ياراتمىغاندەك ئىپادە بىلدۈرۈشىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. پۈتۈن ئىشنىڭ ئالدى-كەينىگە قارايدىغان بولساق، بۇ پەقەتلا تورداشلار تەرىپىدىن كۆپتۈرۋېتىلگەن، خالاس.
سەنئەت ئىشلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، بىزنىڭ بەكرەك قىزىقىدىغىنىمىز فەن بىڭبىڭنىڭ ئۆزى، ئۇنىڭ يېقىنقى ئوغۇل دوستى بولسا لى چېن، بۇ ئىككەيلەننىڭ مۇھەببىتى ناھايىتى دەبدەبىلىك بولغان، لېكىن ئىككەيلەن يەنە بۇ مۇھەببەتنى پەقەت بىر جۈملە بىلەنلا ئاخىرلاشتۇرغان.
فەن بىڭبىڭنىڭ «بىز ئەمدى بىز ئەمەس، لېكىن بىز يەنىلا بىز» دېگەن خېتىنى كۆرگىنىمىزدە، كىشىگە بىرخىل ئەپسۇسلىنىش تۇيغۇسىنى بېرىدۇ، شۇنداق ياخشى بىرجۈپلەر «ئايرىلىمىز» دەپلا ئايرىلىپ كەتتى.
ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلگىنىمىزدە، ئۇلارنىڭ ئايرىلىپ كېتىشىنىڭ پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، پەقەت شۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ نەتىجە مۇددەتتىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا چىقتى، خالاس.
چۈنكى شۇ ئىش چىققاندىن كېيىن، لى چېننىڭ ئاپىسى ئۇلارنى توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن، فەن بىڭبىڭنىڭ ئۆيىدە خاتىرجەم ئولتۇرۇپ بالىلىق بولۇشىنى، ئەمدى خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتمەسلىكىنى ئېيتقان، ئۇ دېگەن جۇڭگودىكى ئەڭ داڭلىق ئايال چولپان فەن بىڭبىڭ تۇرسا، قانداقمۇ خاتىرجەم ئائىلە ئايالى بولۇشقا ماقۇل بولسۇن؟ بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇنى ئائىلە ئايالى قىلماقچى بولغان ئادەممۇ ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن ئەمەسمۇ، ئۇ ئادەم كىم؟ ئەلۋەتتە ۋاڭ شۆبىڭ، بۇ ئىككەيلەننىڭ پەرقى شۇكى، بىرەيلەن ئۇنىڭ كەسپىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەش مەزگىلىدە بۇ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان، يەنە بىرسى ئۇنىڭ كەسپىنىڭ تۆۋەن مەزگىلىدە بۇ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان.
فەن بىڭبىڭدەك بۇنداق ئاياللارغا نىسبەتەن، كەسپىنى بەك مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئائىلىسىدىن ۋاز كېچىش كىشىگە بىرخىل مېھىرسىز تۇيغۇ بېرىدۇ، قانداق خىلدىكى ئەرلەر ئۇنى خىزمىتىدىن ۋاز كەچكۈزۈپ، پەقەت ئائىلىسى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغان قىلالايدۇ؟