چېڭلوڭ باش رول ئالغان يېڭى فىلىم بېلەت كىرىمىدا ئېغىر زىيان تارتتى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-30
来源:تېڭشۈن تورى




25 -نويابىر كەچتە 33 - نۆۋەتلىك جۇڭگو ئالتۇن خوراز مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى شيامېندا ئۆتكۈزۈلدى، چېڭلوڭ تەكلىپكە بىنائەن قاتناشقان بولۇپ، مۇراسىمدا سۆز قىلىپ مۇشۇنداق قىيىن بىر يىلدا دۆلىتىمىز كىنو بازىرىنى قايتا گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان سەنئەت ساھەسىدىكى بارلىق كىشىلەر ھەمدە خەلقنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئۈن-تىنسىز كۈرەش قىلىۋاتقان يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدىكى بارلىق خادىملارغا چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

چېڭلوڭنىڭ يېڭى فىلىمى «ئاۋانگارتلار»(急先锋) بۇيىل كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئەڭ ئالقىشغا ئېرىشكەن ئىككى فىلىم «جياڭ زىيا»(姜子牙) ۋە «مەن ۋە مېنىڭ يۇرتۇم» (我和我的家乡)دىن بىر كۈن ئىلگىرى قويۇلغان بولۇپ، ئەسلىدە بېلەت كىرىمى جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ دەپ قىياس قىلىنغانىدى، ئويلىمىغان يەردىن بېلەت كىرىمى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. 9-ئاينىڭ 30-كۈنى قويۇلغاندىن تارتىپ 11-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە فىلىم «ئاۋانگارتلار»نىڭ ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 294 مىليون يۈەن بولۇپ، ھەتتا فىلىمگە سالغان مەبلەغنىمۇ تىرىلدۈرىۋالغىلى بولمىدى. 11-ئاينىڭ 30-كۈنى قويۇلۇشتىن توختىغانغا قەدەرمۇ بېلەت كىرىمىدە ئانچە ئۆزگىرىش بولمىدى.


بۇ فىلىم ئېرىشكەن 294 مىليون يۈەن بېلەت كىرىمىدىن فىلىم تارقاتقۇچى ئورۇنغا بېرىلىدىغان 105 مىليون يۈەن ۋە چېڭلوڭ، ياڭ ياڭ، ئەي لۇن قاتارلىق ئارتىسلارغا بېرىدىغان فىلىم ھەققى ۋە باشقا بارلىق چىقىملارنى چىقىرىۋەتكەندە فىلىمگە سېلىنغان 395 مىليون يۈەن مەبلەغ يەتمەيلا قالماستىن تېخى 290 مىليون زىيان تارتقانىدى. دوۋبەن نومۇرىمۇ ئاران 4.8 بولۇپ، بۇ فىلىمنى ئېغىر زىيان تارتتى دېيىشكە بولاتتى.