1990-يىلى قويۇلغان فىلىم «ئاشىق كۈيى 1» بىلەن نام چىقارغان ئارتىس راھۇل روي (Rahul Roy) سەكتە بولۇپ قېلىپ دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا. خەۋەردە دېيىلىشىچە، راھۇل كارگىلدا يېڭى فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا سەكتە بولۇپ قالغان. ئۇ ھازىر بومبايدىكى ناناۋاتى دوختۇرخانىسىدا.
ئىگىلىنىشىچە، راھۇل كارگىلدىكى ناچار ھاۋارايى سەۋەبلىك سەكتە بولۇپ قالغان. ئۇ دەرھال شۇ يەردىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان، ئاندىن بومبايدىكى دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن.
راھۇل ئەينى يىلى ماھېش بات رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىم «ئاشىق كۈيى 1» بىلەن تېزلا نام چىقارغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە بىر قىسىم خېلى داڭلىق فىلىملەردە رول ئالغان (ئەينى يىلى ئۇ فىلىم «سۆيگۈ قەلەندەرى»نى رەت قىلىپ، شاھرۇھ خاننىڭ بۇ فىلىمدە رول ئېلىشى ۋە چوپرا ئائىلىسى بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ، كېينكى كۈنلەردىكى زور مۇۋەپپەقىيىتىگە ئۇل سېلىشىغا سەۋەبچى بولغان. راھۇل روي بۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان). 2006-يىلى سالمان خاننىڭ پروگراممىسى «چوڭ خوجايىن»نىڭ بىرىنچى بۆلۈمىگە قاتناشقان ۋە چېمپىيون بولغان.