بۈگۈن، دۆلىتىمىزنىڭ فانتازىيىلىك فىلىمى «سەرگەردان يەر شارى»(流浪地球)نىڭ ئۇزارتىلغان نۇسخىسى «سەرگەردان يەر شارى: ئۇچۇش 2020 ئالاھىدە نۇسخا» 11-ئاينىڭ 26-كۈنى مەملىكىتمىزدىكى ھەر قايسى كىنوخانىلاردا قايتا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە يېڭى تەشۋىق سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، قايتا قويۇلىدىغان نۇسخا ئەسلىدىكى نۇسخىدىن 11 مىنۇت 44 سېكۇنت ئۇزارتىلغان. بۇ قېتىم ئورگان تەرەپ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن بېلەت باھاسىنى 15 يۈەندىن ئاشۇرۋەتمەيدىكەن.