تاماشا ساھەسىدىكى بويى پاكارراق كەلگەن بەش ئايال چولپان

ئەلكۈيى تورى
2020-11-24
来源:nur.cn

ئايال چولپانلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم چىرايلىق ھەم بويى ئېگىز، پۇتلىرى ئۇزۇن بولامدۇ؟ بۇنداق بولۇشى ناتايىن، نېمىلا دېگەن بىلەن ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى بولىدۇ، گەرچە بويى ئېگىز، پۇتى ئۇزۇن چولپانلار تېخىمۇ بەكرەك ئالقىشلىنىشى مۇمكىن دەپ قارىساقمۇ، لېكىن كىچىك، ئوماق تىپتىكى ئايال چولپانلارنىڭمۇ تاماشا ساھەسىدە بەلگىلىك ئورنى بازىرى بار.
ئەمدى بىز بويى ئانچە ئېگىز بولمىغان ئايال چولپانلار بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:

1. تەن سوڭيۈن

ئۇنىڭ ئورگان تەرەپ ئېلان قىلغان بوي ئېگىزلىكى 162 سانتىمېتىر. نۇرغۇن چولپانلارنىڭ ئورگان تەرەپ ئېلان قىلغان بوي ئېگىزلىكى يالغان، ئەمەلىيەتتە تەن سوڭيۈن تەخمىنەن 158-160 سانتىمېتىر ئەتراپىدا.
ئۇنىڭ بويى ئانچە ئېگىز بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن تەن سوڭيۈن ناھايىتى روھلۇق ۋە چىرايلىق. بولۇپمۇ كۈلگەن ۋاقىتتا قارىماققا بەك تاتلىق ھەم ئوماق كۆرۈنىدۇ.
«بۇژغۇنلار» (浪花一朵朵) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ئەر باش پېرسوناژ شيوڭ زىچى بىلەن بىللە تۇرغان مەنزىرىنى ئەسلىگىنىمىزدە، ئۇلارنىڭ بويى «ئەڭ ئوماق بوي ئېگىزلىكى پەرقى»گە تەۋە.

2. شېن يۆ

ئۇنىڭ ئورگان تەرەپ ئېلان قىلغان بوي ئېگىزلىكى 160 سانتىمېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تەن سوڭيۈننىڭ بوي ئېگىزلىكى ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. شېن يۆ بۇ يىل ئەمدىلا 23 ياشقا كىرگەن بولۇپ، كۈلسە تەن سوڭيۈندەك تاتلىق كۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ مىجەزى ساپ ۋە يېقىملىق، ئۇنىڭ تۇرقىمۇ قارىماققا كىچىك ۋە نەپىس بولۇپ ئاسانلا يات جىنىستىكىلەرنىڭ قوغداش ئىستىكىنى قوزغايدۇ. «ساپ گۈزەللىكىمىزگە» (致我们单纯的小美好) ناملىق فىلىمدە خۇ يىتيەن بىلەن ھەمكارلىشىشىمۇ ئادەمنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرىدۇ.

3. ۋاڭ زېۋىن

ئورگان تەرەپ ئېلان قىلغان بوي ئېگىزلىكى 162 سانتىمېتىر، لېكىن ئەمەلىيەتتە 158 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن.
ۋاڭ زىۋېن «شادلىق قەسىدىسى» (欢乐颂) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا چۈ شياۋشياۋنىڭ رولىنى ئېلىپ داڭق چىقارغان. بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن ۋاڭ زىۋېن ئۇنىۋېرسال پروگراممىلىرىغا ئانچە قاتنىشىپ كەتمەيدۇ، ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تىياتىرنى ياخشى ئىشلەشنىلا ئويلايدۇ.
ئۇ ئىلگىرى مىكرو بىلوگدا يوگا مەشىق قىلغان سۈرەتلەر چىقىپ تۇراتتى. ۋاڭ زىۋېن ناھايىتى چىرايلىق ئۇنىڭ ئۈستىگە ئورۇق، كىيىنىشلىرىمۇ ناھايىتى مودا بولۇپ، قارىماققا 170 سانتىمېتىردەك كۆرۈنىدۇ.

4.ياڭ روڭ

ئورگان تەرەپ ئېلان قىلغان بوي ئېگىزلىكى 161 سانتىمېتىر، ئەمەلىيەتتە ۋاڭ زىۋېن بىلەن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. ياڭ روڭ بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن بولۇپ، تاماشا ساھەسىدىكى ياش چولپانلارغا تەۋە ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭ ئاسرىغان چىرايى ئەمەلىي يېشىغا پەقەتلا ماس كەلمەيدۇ.
ياڭ روڭنىڭ يۈزى ناھايىتى نەپىس، بولۇپمۇ تارىخىي تىياتىرلاردا ھەقىقەتەنمۇ كلاسسىك گۈزەلگە تەۋە. لېكىن ياڭ روڭنىڭ تەلىيى ئىزچىل ياخشى ئەمەس، بولمىسا ئۇ بۇ يېشىدا ئەمەلىي كۈچى بىلەن ھازىرقىدەك نەتىجىگە ئىگە بولمايتتى.

5. جۈ جىڭيى

ئورگان تەرەپ ئېلان قىلغان بوي ئېگىزلىكى 159 سانتىمېتىر بولۇپ، ئەمەلىي بوي ئېگىزلىكىدىن ئانچە پەرقلەنمەسلىكى مۇمكىن، جۈ جىڭيى تاماشا ساھەسىگە قەدەم قويۇشىغىلا كىشىلەر تەرىپىدىن «4000 يىلدا بىر ئۇچرايدىغان ساھىبجامال» دەپ ئاتالغان، لېكىن ئىزچىل تالاش-تارتىش بولۇپ كەلگەن.
بىراق ياخشى يىرى، ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە ئۆزىنىڭ قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشى ئارقىسىدا، ئاخىرى ياخشىلىنىپ «يۈنشى قىسسىسى» (云汐传)دە ئايال باش رولچىنىڭ رولىنى ئالغان، ئۇنىڭ ئىپادىسى ھەقىقەتەنمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. ئەمدىلا 26 ياشقا كىرگەن جۈ جىڭيىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.
بۇ ئايال چولپانلارنىڭ ھەقىقىي بوي ئېگىزلىكىنى كۆرۈپ، قانداق تونۇشقا كەلدىڭلار؟ ئىنكاس رايونى ھەر ۋاقىت سىلەرنى قارشى ئالىدۇ.