دىلرابانىڭ سەنئەت يولىدىكى ئىسسىق-سوغوقلىرى

alkuyi.com
2020-11-24
来源:nur

دىلرابا «كاراتلىق مۇھاببەت» (克拉恋人) ۋە «زاماندىن ھالقىغان رىشتە» (三生三世十里桃花) بىلەن داڭق چىقارغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئۇنىڭ تەرەققىياتىمۇ ئوڭۇشلۇق بولۇپ كەتكىنى يوق. كېيىن ئۇ ئارقا-ئارقىدىن «چىرايلىق قىز لى خۇيجېن» (漂亮的李慧珍)، «چىن بەگلىكىدىكى ساھىبجامال لى جى» (秦时丽人明月心)، «ئوت جىلغىسىدىكى ساھىبجامال» (烈火如歌) ۋە «مىڭ بىر كېچە» (一千零一夜) قاتارلىق كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئالغان، لېكىن بۇ ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولمىغان.

شۇ مەزگىللەردە نۇرغۇن كىشىلەر دىلرابانى «سوۋۇپ» قالىدىغاندەك ھېس قىلغان ئىدى. بۇنىڭدىن مەستانىلەر ۋە شىركەت، تاماشىبىنلارمۇ ئازراق ئەپسۇسلانغان. «قىزىل گۈل» ئىكەنلىكى ئېنىق تۇرۇپ، سۈرەتكە تارتمىسا، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر كۆپ چىقمىسا، ئۇنىۋېرسال سەنئەت پروگراممىلىرىدا قىزغىنلىق خوراپ تۈگىسە... بۇ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇراتتى. لېكىن، ھازىر دىلرابانىڭ تەرەققىياتى ئىزىغا چۈشكەندەك ئىدى، ئۇ باشقا ئۇنىۋېرسال سەنئەت پروگراممىلىرىغىمۇ جىق قاتناشمايدىغان بولدى، ئەسەر جەھەتتىمۇ يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولۇشقا باشلىدى. بۇ يىل دىلرابانىڭ ئىككى تىياتىرى قويۇلدى، بىرى خۇاڭ جىڭيۈ بىلەن ھەمكارلاشقان «بەخت يېنىڭىزدا» (幸福触手可及)، يەنە بىرى گاۋ ۋېيگۇاڭ بىلەن ھەمكارلاشقان «زاماندىن ھالقىغان رىشتە 2» (三生三世枕上书).

بۇ ئىككى تېلېۋىزىيە تىياتىرى قويۇلغاندىن كېيىن خېلى ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولۇپ، گەرچە تەسىرى كۈچى ئىنتايىن زور ئەسەر ھېسابلانمىسىمۇ، لېكىن تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقى بىلەن باھا-پىكىرمۇ يامان ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىككى ئەسەر قويۇلغاندىن كېيىن دىلرابانىڭ چىراي ئىپادىسى يەنە بىر قېتىم كۆپچىلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، رول ئېلىش ماھارىتىمۇ كۆپچىلىكنىڭ ياخشى بولمىغان قاراشلىرىدىن قۇتۇلدى. بىلىشىمىز كېرەككى، ئەينى چاغدا دىلرابا «چىرايلىق لى خۇيجېن»غا تايىنىپ ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتىنى ئالغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىگە قارىتا نۇرغۇن گۇمان ۋە تەنقىدى پىكىرىنى بىلدۈرگەن، بۇ قېتىم تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئەمدى دىلرابانىڭ يەنە ئىككى تېلېۋىزىيە تىياتىرى قويۇلىدۇ. بىرى ۋۇ لېي بىلەن ھەمكارلاشقان «چاڭگې سەپىرى» (长歌行)، گەرچە ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا ئاچا-ئۇكا cp (بىر جۈپلار)نىڭكىدەك ھېسسىيات بولسىمۇ، ئەمما ئاشكارىلانغان سۈرەت ۋە فىلىمدىن قارىغاندا، بۇ ئىككەيلەننىڭ ئارىسىدا يەنە بىر قىسىم بىر جۈپلەردەك تۇيغۇ باردەك قىلاتتى، بۇ بەلكىم ئوخشىمىغان خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. يەنە بىرى ياڭ ياڭ بىلەن بىللە سۈرەتكە ئېلىۋاتقان «سىز مېنىڭ شەرىپىم» (你是我的荣耀)، بۇ تىياتىرنىڭ تەقەززالىق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى. ئەسلى ئەسەرنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، دىلرابا بىلەن ياڭ ياڭنىڭ cp بىرىكمىسى ناھايىتى يۇقىرى، كۆپچىلىك بۇ تىياتىرنىڭ قانداق بولىشىغا بىر نېمە دېيەلمىگەن، شۇڭا سۈرەتكە ئېلىۋاتقان ۋاقىتتىلا، ئالدىن زاكاز قىلىنىپ بولغان.

بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىۋېرسال سەنئەت پروگراممىسىغا قاتناشمىغان دىلرابا ھەقىقەتەن كۆپ ياخشى بولۇپ، ھېچ بولمىغاندا ئەڭ ئالقىشلىنىدىغان چولپان دېگەن ھالىتىنى ساقلاپ قالىدىكەن. بىراق، يېقىندا ليۇ خەيخېنىڭ ئوبراز يارىتىش مەسىلىسى تۈپەيلىدىن، تورداشلار بىر مەزگىل دىلرابانىڭ بۇرۇنقىدىن سەتلىشىپ كەتكەنلىكىدىن گۇمانلانغان بولۇپ، ھالىتى كۆرۈنەرلىك قېرىپ كەتكەندەك ئىدى.

دىلرابانىڭ ھازىرقى قىزغىنلىقى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىدىن قارىغاندا، پەقەت ئۇنىڭ ئىككى قويۇش ئالدىدا تۇرغان تىياتىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇلسا، پەقەت بىر تال بولسىمۇ ئالقىشقا ئېرىشسە، ئۇ يەنىلا كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدىكى «قىزىل گۈل» بولۇپ، ئوخشاشلا تاماشىبىنلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ.

دۇنيادا ھېچقانداق يول تۈپتۈز بولمىغىنىدەك، ھېچكىمنىڭ ھاياتىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىۋەرمەيدۇ، دىلرابانىڭ بۇ يولىدا چوڭ داۋالغۇش بولدى، مۇۋەپپەقىيىتى بولغىنىدەك مەغلۇبىيىتىمۇ ياندىشىپلا ئۇنىڭدىن نېرى بولمىدى. لېكىن بىز دىلرابانىڭ تىرىشچانلىقى ۋە قەيسەرلىكى بىلەن قىيىن ئۆتكەللەردىنمۇ ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ھەم تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى كۆپچىلىككە سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.