بۇ چولپانلار مۇناسىۋەت ئارقىلىق نام قازاندىمۇ ياكى ئۆز تالانتى ئارقىلىقمۇ؟

alkuyi.com
2020-11-24
来源:nur.cn

تاماشا چەمبىرىكىدە نان تېپىپ يېيىش ئەزەلدىنلا تەس، تالانتلىق چولپانلار ناھايىتى كۆپ، كىشىلىك مۇناسىۋىتى ياخشىلار ناھايىتى ئاز. كىم كىمنىڭ ئوغلى، كىم كىمنىڭ تۇتۇق قىزى، كىم كىمنىڭ جىيەن ئوغلى، جىيەن قىزى ئىكەنلىكىنى پات-پات ئاڭلاپ تۇرىمىز، لېكىن تالانتىمۇ يوق، كىشىلىك مۇناسىۋىتىمۇ يوقلارنىڭ بۇ چەمبىرەكتە پۇت تىرەپ تۇرىشى راستىنلا بەك تەس، شۇڭا بىز بۈگۈن بىر نەچچە چولپاننى مىسالغا ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قايسى چولپان ئۆز تالانتى ئارقىلىق نام قازاندى، قايسى چولپان مۇناسىۋەت ئارقىلىق نام قازاندى... بىر باھا بېرىپ باقايلى!

1.جاڭ گولى، جاڭ مو

جاڭ گولى جاڭ مونىڭ دادىسى. جاڭ مو «ئىككىنچى ئەۋلاد چولپان» بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ ئارتىس بولدى. بىراق دادىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مەيلى نام ـ ئاتىقى بولسۇن ياكى نەتىجىسى بولسۇن، جاڭ مو خېلى كۆپ پەرقلىنىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى يامان ئەمەس بولۇپ، دادىسىنىڭ يۈزىنى تۆكمىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، جاڭ مو ئائىلە زوراۋانلىقى، زەھەر چېكىش قاتارلىق ۋەقەلەر تۈپەيلىدىن ئۆزىنىڭ ئىستىقبالىغا ئولتۇردى.

2.چېن كەيگې، چېن خې

چېن كەيگې چېن خېنىڭ تاغىسى. چېن كەيگې كۆپچىلىككە ناتونۇش ئەمەس، ئۇ داڭلىق رېژىسسور، كىنو ـ تېلېۋىزىيە ساھەسىدە خېلى ئورنى بار. چېن خېنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىمۇ يامان ئەمەس، ئۇ «مۇھەببەت داچىسى» (爱情公寓)دە رول ئېلىپ بىر كېچىدىلا داڭق چىقارغان، ئۇ رول ئالغان زېڭ شياۋشيەننىڭ ئوبرازى تاماشىبىنلاردا بەك چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بولۇپ، كۆپچىلىككە نۇرغۇن خۇشاللىق ئاتا قىلغان. گەرچە بەزىلەر ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىدىن گۇمانلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كېيىنكى ئەسەرلىرىدىن قارىغاندا يەنىلا زور ئىلگىرىلەش بولغان.

3. جياڭ ۋېنلى، ما سىچۇن

ما سىچۇن جياڭ ۋېنلىنىڭ جىيەن قىزى. ماسىچۇن كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئالغان، يەنە كۆپلىگەن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، مەسىلەن 53-نۆۋەتلىك جۇڭگو تەيۋەن كىنو ئالتۇن تۇلپار مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتى قاتارلىقلار، جياڭ ۋېنلى كىنو خانىشى دەرىجىلىك شەخس بولۇپ، مەرتىۋىسىمۇ خېلىلا يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ.

4. خەن خوڭ، جاڭ يىشەن

خەن خوڭ جاڭ يىشەننىڭ ھاممىسى. جاڭ يىشەن كىچىكىدىن تارتىپلا بالا چولپانغا ئايلانغان، ئۇ «بۇ ئائىلىگە قاراڭ» (家有儿女) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان، ليۇ شىڭ ئوبرازى 90-يىللاردا تۇغۇلغانلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولغان، جاڭ يىشەن قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن «جىنايەت» (余罪) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، خەن خوڭ مۇزىكا ساھەسىدىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك شەخس، ئۇ يەنە جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا قىزغىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، شۇنداقلا تاماشا ساھەسىدىكى ياخشى ئۈلگە ھېسابلىنىدۇ.

5.چېڭلوڭ، فاڭ زۇمىڭ

چېڭلوڭ فاڭ زۇمىڭنىڭ دادىسى. فاڭ زۇمىڭنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى يامان ئەمەس، ئەمەلىي كۈچى بار دېمىسەكمۇ، لېكىن ياش ئەۋلادلار ئىچىدە يامان ئەمەس ھېسابلىنىدۇ، ئۇ تۈز روللارنى ئېلىشقا ماس كېلىدۇ، بۇمۇ بىر خىل ئالاھىدىلىك. دادىسى چېڭلوڭغا كەلسەك، ئۇنى ھەممە ئادەم بىلىدىغان داڭلىق ئارتىس دېيىشكە بولىدۇ، 80-، 90-يىللاردا تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ كىنوسىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان.

6. خۇاڭ شياۋمىڭ، ياڭ يىڭ

ياڭ يىڭ بىلەن خۇاڭ شياۋمىڭ ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە. ياڭ يىڭ گەرچە «يېڭى تۆت ساھىبجامال چولپان»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى ئىزچىل كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ كەلمەكتە. ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ مۇناسىۋەتكە تايىنىپ بۈگۈنكى نەتىجىگە ئېرىشمىگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ تاماشا ساھەسىدىكى «ئەڭ پاكىز» ئايال چولپانلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ ئىزچىل ئۆزىنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىنى ناھايىتى ياخشى دەپ قارايدۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا خۇاڭ شياۋمىڭ قولمۇ قول ئۆگەتكەن ئىكەن. خۇاڭ شياۋمىڭ ئەينى يىللىرى تاماشا ساھەسىدىكى «مەشقاۋۇل» ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى زادى قانداق؟ بۇ توغرسىدا كۆپچىلىكنىڭ باھاسى بىردەك ئەمەس.

يۇقارقى چولپانلارنىڭ ئىچىدە سىزنىڭچە كىم ھەقىقىي تالانتىغا تايىنىپ نام قازاندى؟