تاڭ يەننىڭ يېڭى تىياتىرىدىكى ئوبرازى مۇنازىرە قوزغىدى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-08
来源:سىنا تورى

خىزمەت ئورنىدا، ئاياللار ھامىلدار بولۇش، بالا تۇغۇش سەۋەبىدىن خىزمەت سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن، ئايال چولپانلارمۇ ھەم شۇنداق. يېقىندا، تاڭ يەننىڭ «يەنيەن رىۋايىتى» (燕云台) ناملىق يېڭى تىياتىرى قويۇلدى، ئۇ بۇ تىياتىرنى ئىشلەشكە باشلىغاندىلا ھامىلدار بولغان. ئەمەلىيەتتە ھامىلدار ۋاقتىدا فىلىم سۈرەتكە ئالىدىغان ئايال چولپانلار ناھايىتى كۆپ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە خىزمەت قىلمايدىغان ئايال چولپانلارنىڭ سانى يوق دېيەرلىك، بۇ ئەھۋال كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.

«يەنيەن رىۋايىتى» بۇلتۇر 4-ئايدا سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلانغان، شۇ چاغدا تاڭ يەننىڭ ھامىلدار بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغان، فىلىم ئىشلەش جەريانىدا ھەر قېتىم يېنىدىكى خىزمەتچى خادىملار ئۇنى يۆلىۋالىدىغان بولۇپ، ھەرىكىتى ناھايىتى قولايسىز ئىدى، دوۋ شياۋ بىلەن بىللە ئات مىنگەندە ئالاھىتەن سەھنە جابدۇقلىرىنى ئالماشتۇرغان، بۇنىڭدىن ئۇنى خان جەمەتى دەرىجىلىك تەمىناتتىن بەھرىمان بولغان دېيشكە بولىدۇ.

بۇ مەزگىلدە تاڭ يەن مەيلى ئېلاننى سۈرەتكە ئېلىش بولسۇن ياكى ئايرىم يىغىلىشقا قاتنىشىشتا بولسۇن، «يوغان قورسىقى» سۈرەتكە تارتىۋېلىنغان، يېنىدىكى خىزمەتچىلەرمۇ ئىنتايىن جىددىيلەشكەندەك كۆرىنەتتى.

تاڭ يەننىڭ ھامىلدار بولۇش ۋاقتىنى يوشۇرۇشى بىر قەدەر ياخشى بولسىمۇ، لېكىن بەزىلەر ئۇنىڭ فىلىم ئىشلەشكە باشلاشتىن بۇرۇنلا ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى پەرەز قىلغان.

ئۇنىڭ ئۈستىگە تاڭ يەن رول ئالغان بۇ تىياتىردا ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشلەر باشقىلارنىڭكىدىن كۆپ بولۇپ، كىشىلەرنى بۇ تىياتىرنىڭ سۈپىتىدىن ئەنسىرەتمەسلىك تەس ئىدى، شۇنداقلا تاڭ يەننىڭ نۇرغۇن ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشلىرىدە سىياقداش ئىشلىتىپ ئەپلەپ ـ سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىلگەن.

ئادەمنىڭ ھالىتى بىردەم سېمىز، بىردەم ئورۇق بولۇپلا قالماي، بەدىنى ۋە يۈزىدىمۇ سۇلۇق ئىششىق كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئەر باش پېرسوناژ دوۋ شياۋ بىلەن بىللە تۇرسا قارىماققا ئۇنىڭدىن قاۋۇل كۆرۈنگەن.

بولۇپمۇ تاڭ يەننىڭ ھامىلدار مەزگىلىدىكى قورسىقىنى توسۇپمۇ توسۇۋالغىلى بولمايدۇ.

تورداشلارمۇ ئايال ئارتىسلارنىڭ ھامىلدار بولۇپ قېلىشىدىن ئەمەس، بەلكى ھامىلدار بولۇپ قېلىشى تۈپەيلىدىن پۈتۈن تىياتىرنىڭ سۈپىتى ۋە ئىپادىسىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدىن نارازى بولغان، ھەتتا بەزى تورداشلار ھامىلدار ۋاقتىدا بەسلىشىپ ئەڭ ئاخىرىدا خىزمەتنى بۇزۇپ قويغانلارنىمۇ سۆرەپ چىققان.

ھامىلدار ۋاقتىدا سۈرەتكە ئېلىشقا كەلسەك، babyنىڭ سەلبىي تەسىرى ئەڭ كۆپ بولۇشى مۇمكىن، ئۇ ئوخشاشلا قورساق كۆتۈرۈپ فىلىم مەيدانىغا ئاتلانغان، جوڭ خەنلياڭ بىلەن بىللە رول ئالغان تىياتىرىدا ھامىلدار ئىكەنلىكى ئاللىقاچان بىلىنىپ قالغان، بىراق baby ئۆزىنىڭ كۆپچىلىككە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، يەنىلا تىياتىر ۋەقەلىكىنىڭ سۈپىتىگە ئازدۇر ـ كۆپتۇر تەسىر كۆرسەتكەن، تىياتىردا كۆپلىگەن روشەن سۈرەتلەر كىشىلەرنىڭ قۇسۇر تېپىشىغا تۈرۈتكە بولغان، شۇنداقلا babyنىڭ ئۈچ قېتىم سىياقداش ئىشلەتكەنلىكىمۇ ئاشكارىلانغان.

ئەمەلىيەتتە، ھامىلدار بولۇپ قالغان بولسىمۇ يەنىلا فىلىم ئىشلەۋاتقان نۇرغۇن ئارتسلار بار، مەسىلەن ياڭ مى ھامىلدار بولغان ئەھۋالدا «ئايرىۋېتىش پىرى» (分手大师) ۋە «ياشلىق دەۋر» (小时代)نى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشقان، بۇ ئىشنى گو جىڭمىڭمۇ ئۆز ئاغزى بىلەن تىلغا ئالغان.

شۇنداق بولۇپلا قالماي، جاڭ مېڭ بىلەن يىڭئېر فىلىم سۈرەتكە ئالغاندا بالىسىدىنمۇ ئايرىلىپ قالدى، ئۇنىڭ ئېرى فۇ شىنبو بۇ ئىش ئۈچۈن يىڭئېر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۇنىڭ داۋاملىق فىلىم ئىشلىشىگە يول قويمىغان.

بىراق، baby ۋە تاڭ يەن بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى، سەي شاۋفېن فىلىمگە قاتنىشىپ رولغا چىقىش ئالدىدا، ئۆزىنىڭ تاسادىپىي ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان، لېكىن ئۇ دەسلەپتە كۆپچىلىككە تەسىر كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن بۇ ئىشنى يوشۇرغان، فىلىم سۈرەتكە ئېلىش مەزگىلىدە، سەي شاۋفېن ۋە باشقا ئايال ئارتىسلار بىللە غىزالىنىپ، بىللە يېتىپ-قوپقان، پىژغىرىم ئىسسىقتا يېرىم كۈن شېغىل يولدا ماڭغان، ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلدار ئايال ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىنىشنى تەلەپ قىلمىغان، بەختكە يارىشا سەي شياۋ فېن پۈتۈن ھامىلدارلىق مەزگىلىنى بىخەتەر ئۆتكۈزگەن.

ئايال چولپانلارنىڭ خىزمەت مۇساپىسى ئىنتايىن زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھامىلدار بولۇش ۋە فىلىم ئىشلەش جەريانىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش سۈرئىتىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، ئۇلار پەقەت جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدۇ، گەرچە بۇ ئامالسىزلىقتىن بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئەسەرنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلماي بولمايدۇ.

تاماشىبىنلار تىياتىر كۆرگەندە ئەمەلىيەتتە ئارتىس بىلەن رولنى ئايرىۋېتىدۇ، ئايال ئارتىسنىڭ ھامىلدار بولۇش ـ بولماسلىقى ۋە شەخسىي تۇرمۇشىنىڭ قانداق بولۇشى رول بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئەڭ ئاخىرىدا كۆرۈلگەن ئۈنۈمنىڭ قانداق بولۇشىغا قارايدۇ، ئەگەر ئۈنۈمى ياخشى بولسا، ئەكسىچە «قورساق كۆتۈرۈپ جەڭگە ئاتلانغان» ئايال چولپان كەسىپنى قەدىرلەش ئۈلگىسى دەپ تەرىپلىنىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئەڭ تىپىك بولغىنى سەي شاۋفېن، لېكىن ئەگەر ئايال چولپانلارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى بەك ناچار، تۆۋەن سەۋىيەدە بولسا، تاماشىبىنلار پۈتۈن جەريانىدا پەقەت ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقىغىلا تىكىلىپ قاراپ تىياتىر ۋەقەلىكىگە كىرەلمەيدۇ، ئازراق مۇبالىغە قىلىپ ئېيتقاندا، بەزىدە ھەتتا ئايال چولپانلارنىڭ قورسىقى ئەر باش پېرسوناژنىڭكىدىن چوڭ كۆرۈنۈپ قالىدۇ، ئەگەر مۇشۇنداق ئۈنۈم بولسا، تاماشىبىنلارنىڭ رەھىم قىلىشىدىن ئۈمىد كۈتمەسلىك كېرەك.

قىسقىسى، ھامىلدار بولۇش مەسىلە ئەمەس، مەسىلە بولسا چىققان ئۈنۈمنىڭ قانداق بولۇشى، ئەگەر پۈتۈن تىياتىرنىڭ ھەممىسىدە سىياقداش ئىشلەتكەن كۆرۈنۈشلەر بولسا، بۇ ۋاقىتتا ھامىلدار بولۇش بولماسلىق ئانچە مۇھىم ئەمەس، لېكىن بىر ئارتىس بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسخىرىگە قېلىشى مۇمكىن.