53 ياشلىق بوللىۋود ئارتىسى ئاكشاي كۇمار ھىندىستان ۋېدا كۈتۈنۈش ئىلمى سەۋەبلىك ھەركۈنى كالا سۈيدۈكى ئىچىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ھىندىستاندا مىليونلىغان كىشى كالا سۈيدۈكىنى ئىچىدۇ، ئۇلار كالا سۈيدۈكىنىڭ مىدىتسىنا ئۈنۈمىگە ئىشىندۇ.
ئاكشاي كۇمار زۇڭلى مودىنىڭ پارتىيەسىنىڭ قىزغىن قوللىغۇچسى، بۇ پارتىيە كالا چىقىرىندىلىرىنىڭ دىيابېت، راك قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈنۈمىنى تەتقىق قىلىشقا زور مەبلەغ سالغان.
ھازىرچە كالا سۈيدۈكىنىڭ ھېچقانداق تىبابەت ئۈنۈمى بايقالمدى لېكىن مودىنىڭ پارتىيەسىدىكى سىياسىيونلار يۇقۇمنى داۋالاشتا كالا سۈيدۈكىنىڭ ئۈنۈمى بارلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا.
ئاكشاي كۇمار ئەنگلىيەلىك ئېكسپېدىتسىيىچى ۋە پروگرامما رىياسەتچى بېيىر گرىيللىس (Bear Grylls) بىلەن بىللە توردا ئورمانلىقنى ئېكسپېدىتسىيە قىلىشنى بىۋاستە كۆرسەتكەن.ئۇنىڭدىن پىلنىڭ گەندە چىيىنى ئىچىشكە ئۆزىنى قانداق قايىل قىلغانلىقىنى سورىغاندا، ئاكشاي: «مەن ئەنسىرىمەيمەن، مەن بەك ھاياجانلاندىم، ۋېدا كۈتۈنۈش ئىلمى بويىچە مەن ھەركۈنى كالا سۈيدۈكى ئىچىمەن، شۇڭا مەندە چاتاق يوق» دېگەن.
ئاكشاي كۇمار گرىيللىس بىلەن بىللە كارناتاكادىكى باندىپۇر يولۋاس قوغداش رايونىنى كېسىپ ئۆتكەن ھەمدە پروگرامما سۈرەتكە ئالغان. بۇ پروگرامما 9-ئايدا قويۇلدى.