يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كرىستىيانو رونالدونىڭ قىز دوستى جورجىنا تاماشا ساھەسىدىكى داڭلىق ئەربابلارغا ئايلاندى، ھەر قايسى چوڭ مودا كىيىم ھەپتىلىكى، كىنو بايرىمى، كېچىلىكلەردە ئۇنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدىغان بولدى. شۇنداقلار جورجىنا يەنە ئۇنىۋېرسال سەنئەت ساھەسىگە يۈرۈش قىلىشقا باشلىدى. يېقىندا، ئۇ ئىسپانىيە antena3 تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «نىقابلىق ناخشىچى» (蒙面歌手) ناملىق ئۇنىۋېرسال سەنئەت پروگراممىسىغا قاتناشتى ھەمدە توردا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى، بۇ ھەم جورجىنانىڭ تۇنجى قېتىم ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ «نىقابلىق ناخشىچى»نىڭ شەكلى جياڭسۇ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىنىڭ «نىقابلىق ناخشا شاھى» (蒙面歌王) غا ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، قاتناشقان چولپانلارنىڭ ھەممىسى نىقاب تاقاپ ناخشا ئېيتىش ئارقىلىق ئۆزىنى نامايان قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىمۇ پروگراممىنىڭ ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتىسىنىڭ بىرى. بۇ پروگرامما ئىسپانىيە ۋاقتى چارشەنبە كۈنى كەچتە كۆرسىتىلىدۇ، 26 ياشلىق جورجىنا پروگراممىدا شىردەك ياسىنىپ، «Dnot control» ناملىق ناخشىنى ئېيتقان. ئەپسۇس، جورجىنانىڭ ناخشا ئېيتىش ماھارىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي، ئېرىشكەن ئاۋاز سانى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، بىرىنچى نۆۋەتتە ئېچىنىشلىق شاللىنىپ كەتكەن.
قائىدە بويىچە، شاللىۋېتىلگەن ماھىرلار نەق مەيداندا نىقابىنى ئېچىپ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلايدۇ، جورجىنا بولسا بۇ پەسىللىك پروگراممىدىكى تۇنجى نىقابى ئېچىلغان ماھىر بولۇپ، شىرنىڭ يۈزىنى ئېچىشتىن بۇرۇن، جورجىنا بەزى يىپ ئۇچلىرىنى ئاشكارىلىغان، لېكىن باھالاش ئۆمىكىدىكى بىرنەچچە ئەزىز مېھمان شىر نىقابىنىڭ ئارقىسىدىكى ئادەمنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالمىغان. پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ تەقەززاسى بىلەن، جورجىنا ئاستا ـ ئاستا نىقابىنى ئېلىۋەتكەن بولۇپ ئەزىز مېھمانلار ۋە تاماشىبىنلارنىڭ ھەممىسى جورجىنانى كۆرۈپ ھاڭ ـ تاڭ قېلىپ، قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن.
ئارقىدىن جورجىنا يەنە شاللىنىش تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ پىروگراممىنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىشىم، مەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم، بىردىنبىر يامان بولغىنى بۇ شىر كىيىمىنى كىيىپ بەك ئىسسىپ كەتتىم».
گەرچە پروگرامما گۇرۇپپىسىدىن باشقا ھېچكىم جورجىنانىڭ بۇ پروگراممىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا «نىقابلىق ناخشىچى»غا نۇرغۇن پايدا ئېلىپ كەلدى، ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈچ مىليون 700 مىڭ ئادەم بۇ پروگراممىنى كۆرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى ئىسپانىيەدە كۆرۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان، شۇنداقلا ئىسپانىيەدە يېقىنقى سەككىز يىلدا كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئۇنىۋېرسال سەنئەت پروگراممىسىغا ئايلانغان.