«مەن رىۋايەت» (我是传奇) بولسا 2007-يىلى قويۇلغان فانتازىيەلىك فىلىم، شۇ ناملىق روماندىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن، ھوللىۋودتىكى داڭلىق چولپان ۋىل سىمىس باش رول ئالغان، ئارىدىن 12 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ يەنىلا كىنو مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىكى كۆزنى چاقنىتىدىغان فانتازىيەلىك فىلىم بولۇپ كەلمەكتە.
تۇغۇلۇش، قېرىش، كېسەل بولۇش، ئۆلۈشلەرنىڭ ھەممىسى تەبىئەت قانۇنىيىتى، ئۆلۈم ئەمەلىيەتتە قورقۇنچلۇق ئەمەس، ئەمما تەنھالىق ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى يوقىتىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت تەنھا ئۆتكەن كىشىلەر قەلبىدە ۋە فىزىيولوگىيىسىدە توسالغۇ پەيدا بولىدۇ، جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ، ئۆزىنى زادى چىقىشالمايدىغاندەك ھېس قىلىپ، تەشۋىشلىنىدۇ، تەرسالىشىدۇ، فىلىمدىكى باش پىرسۇناژ روبېرت (ۋىل سىمىس رول ئالغان) دەل مۇشۇنداق بىر ئادەم. ئۇ ۋىرۇسنىڭ دورىسىنى ئىزدەش ئۈچۈن يۇقۇم رايونىدا قالىدۇ، روبېرت ئۇزۇن مۇددەت ئۆزى يالغۇز ياشاپ، جەسەتلەر بىلەن جەڭ قىلغاچقا، غېرىبلىق ئۇنى يىقىتىۋېتىشكە تاسلا قالىدۇ، بەختكە يارىشا ھايات قالغانلار ۋاقتىدا يېتىپ كېلىپ، روبېرتنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى ئويغۇتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا بولسا ۋىرۇس ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ.
1. ئوخشىمايدىغان مۇردىلار كىنوسى، يالغۇزلۇقنىڭ يالغۇزلۇقنى يېڭىشى
كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان مۇردىلار ھەققىدىكى كىنولارنىڭ ۋەقەلىكى ئادەتتە كۆرۈنۈشتە قانلىق، ھەرىكەتتە زوراۋانلىق ۋە كەيپىياتتا جىددىي بولۇپ، كىشىلەر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە مۇردىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، ئۆز نەپسى ئۈچۈن بىر-بىرىنى چىشلىشىدۇ، ئەخلاق ۋە قانۇنمۇ يوققا چىقىدۇ.
ئەمما «مەن رىۋايەت» دېگەن بۇ فىلىم ناھايىتى پەرقلىق، ناھايىتى ئۆزگىچە بولۇپ، ۋەقەلىك بىر ئادەم ۋە بىر ئىت، بىر شەھەرنى چۆرىدىگەن جىددىي تەسىر قوزغىغان فانتازىيەلىك فىلىم، ۋىل سىمىس خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان گىگانت چولپان بولۇشقا مۇناسىپ، بىر ئادەمنىڭ ھەرىكىتى، سۆز-ھەرىكىتى تاماشىبىنلارنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغاپ، فىلىمنىڭ پۈتۈن جەريانىنى جىددىيلەشتۈرۈپ، غىدىقلاپ نىجاتكار ئوبرازىنى تىكلەپ، بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق مۇردىلار بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئاخىرىدا ئىنسانلارنى قۇتقۇزىدىغان دورىنى ياساپ چىقىدۇ.
2. قىيىنچىلىق ئالدىدا تەنھالىق ئۈستىدىن غالىب كېلىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك
ھېكايە 2009-يىلى يۈز بەرگەن بولۇپ، فىلىمنىڭ بېشىدا ئىنسانلارنىڭ داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغانلىقى، كلون ھەمدە ئىلغار گېن تېخنىكىسى ئارقىلىق نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغان كېسەللىكلەر ئۈستىدىن غالىب كەلگەنلىكى، بولۇپمۇ فىلىمدە تىلغا ئېلىنغان راك كېسىلى ھەققىدە توختىلىپ، ئىنسانلار ئۆزلىرى ئىگىلىگەن تېخنىكىدىن ئىنتايىن پەخىرلەنگەن. كىشىلەر خۇشال بولۇۋاتقاندا، ئاپەتمۇ يېتىپ كەلگەن، ئادەملەرنىڭ گېنىدا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولۇپ، ۋىرۇس پۈتۈن شەھەرگە يامراپ، مانخاتتون شەھىرى ئايرىۋېتىلىدۇ، پولكوۋنىك روبېرت دۆلەت ۋە ئىنسانلارنىڭ ھالاك بولۇشىنى توسۇش ئۈچۈن ۋىرۇسقا قارشى دورا ئىزدەيدۇ.
زور ئاپەت، زور قىيىنچىلىق ئالدىدا، ھەربىيلەر بىرىنچى بولۇپ ئەڭ ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىدۇ، ئۇلار ھەققانىيەت يولىدىن قايتمايدۇ، دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن، شەخسىي مەنپەئىتىدىن ۋاز كېچىپ، ھايات ـ ماماتىغا قارىمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، فىلىمدە توغرا قىممەت قارىشى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى تىكلەيدۇ. روبېرت مانا مۇشۇنداق ھەربىي، غېرىبسىنىشقا رازىكى، بۇرچىنى ئادا قىلىدۇ.
3. تەنھالىق ئىچىدىن ئۆزىنى ئىزدەش
مانخاتتون شەھىرى ۋىرۇس ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئۈچ يىلدىن كېيىن، شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرى ئوت ـ چۆپ، ئەخلەت بىلەن قاپلانغان، بىرمۇ ئادەم يوق، ھېچقانداق ھاياتىي كۈچى يوق ئىدى، كۈندۈزى روبېرت سام (بىر ئىتنىڭ ئىسمى) نى ئەگەشتۈرۈپ، مۇسابىقە ماشىنىسىنى ھەيدەپ شەھەرنى ئايلىناتتى. قارىماققا ناھايىتى مەمنۇندەك كۆرۈنگەن ئۇلار، ئەمەلىيەتتە گۆش يېمىگىلى ناھايىتى ئۇزۇن بولغان بولۇپ، ئولجا ئىزدەۋاتاتتى، شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە ياۋايى ھايۋانلار بار ئىدى. روبېرت دائىم ماشىنا ھەيدەپ بىر كىتابخانىغا بارىدۇ، چۈنكى ئۇ يەردە نۇرغۇن مودېللار بار بولۇپ، مودېللار بىلەن پاراڭلىشالايتتى، پەقەت مۇشۇنداق بولغاندىلا، ئۇ ئاندىن جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ، ئۆزىنىڭ بۇ شەھەردىكى تەنھا ئادەم ئەمەسلىكىنى ھېس قىلالايتتى.
تەنھالىق ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئاستا-ئاستا يۇتۇپ كەتتى، پەقەت مودېللار بىلەن ئۈزلۈكسىز پاراڭلاشقاندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. رېئال جەمئىيەتتە، مەيلى ئۆگىنىش ياكى خىزمەت جەريانىدا بولسۇن، دائىم باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولغاندا، ھەم غەم قايغۇنى تۈگەتكىلى بولىدۇ، ھەم قىممىتى بار ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ. چۈنكى ئادەم بىر خىل توپلىشىپ ياشايدىغان جانلىق، كوللېكتىپتىن ياكى جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قالسا، ئۆزىڭىزنى بۆسۈپ ئۆتەلمەيسىز.
4. تەنھالىقنى تۈگىتىپ، يۈكسىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك
بىر قېتىملىق كېلىشمەسلىكتە، سامنى مۇردا چىشلەپ يارىلاندۇرۇپ قويىدۇ، ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، روبېرت كۆز يېشى قىلىپ ئۆزىنىڭ بىردىنبىر ھەمراھى سامنى ئۇزىتىپ قويىدۇ، چۈنكى ئۇ سامنىڭ غەلىتە مەخلۇققا ئايلىنىپ قېلىشىنى ئەسلا خالىمايتتى، بۇ چاغدا روبېرتنىڭ پىسخىكا مۇداپىيە لىنىيەسى پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ كېتىدۇ، ئىلگىرى سامنىڭ ھايات چېغىدا ئاز دېگەندىمۇ بەزى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بار ئىدى، ھازىر ئۇنىڭ بىردىنبىر قىلماقچى بولغىنى مۇردىلار بىلەن بىللە ئاخىرقى تىنىقى قالغۇچە ئېلىشىش. كەچتە روبېرت ماشىنا ھەيدەپ ئۆلۈش ئىرادىسى بىلەن مۇردىلار بىلەن ئېلىشىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە، بىر ھايات قالغۇچى ئۇنى قۇتقۇزىدۇ. ئۇ ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەي قالىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىدىن باشقا ھايات قالغۇچىلارنى كۆرىدۇ، روبېرتنىڭ كەيپىياتى بىردىنلا تۇراقلىشىپ، كۈرەش ئىرادىسى يەنە بىر قېتىم ئويغىنىدۇ، ئاخىرىدا مۇردىلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ياشاش ئۈمىدىنى تېپىشىغا ياردەم قىلىدۇ.
يالغۇزلۇق ھېس قىلغاندا، بىز يەكلەشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز، ھەر قېتىملىق چىقىشىپ ئۆتۈش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەندىلا، ئاندىن تەنھالىقتىن قۇتۇلۇپ، كۆلەڭگىدىن قۇتۇلۇپ، گۈزەل ئەتىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرەلەيمىز.
خاتىمە:
بۇ فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى بەك قالتىس، ئادەمنىڭ پۈتۈن جەريانغا كۆزى قىيماي بىر سېكۇنتىنىمۇ قولدىن بەرگۈسى كەلمەيدۇ، ئىشىنىمەنكى كۆپچىلىكمۇ ئوخشاش ھېسسىياتتا. تۇرمۇشتا يالغۇزلۇق ھەممە يەردە مەۋجۇت، بىز پىكىر ئالماشتۇرۇشنى، پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئۆگەنگەندىلا، ئاندىن تەنھالىقنى يېڭەلەيمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆزىمىزمۇ ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، تېخىمۇ ياخشى ئەتىگە ئېرىشەلەيمىز.