ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى: شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، مۇشۇ پەيتتە پىرلو چوقۇم كوماندىدىكى بىرىنچى مەرگەن كىرىستىيانو رونالدونى ئادەتتىن تاشقىرى سېغىنىۋاتىدۇ، لېكىن كىرىستىيانو رونالدونىڭ قىز دوستى جورجىناغا سېلىشتۇرغاندا، يۇۋېنتۇسنىڭ كىرىستىيانو رونالدوغا بولغان سېغىنىشى پەقەت بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدىغان بولۇشى مۇمكىن.
پورتۇگالىيە گېزىتى« Correio Manha» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ 26 ياشلىق مودېل ۋە كىرىستىيانو رونالدونىڭ تۆت بالىسى يۇقۇم سەۋەبىدىن نۆۋەتتە كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئايرىش داچىسىنىڭ يېنىدىكى يەنە بىر داچىدا تۇرغان.
يېقىنقى بىر قېتىملىق يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈشىدە رونالدونىڭ نەتىجىسى يەنىلا مۇسبەت چىققانلىقتىن، كىرىستىيانو رونالدو ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىگە قاتنىشالماي قالدى، بەلكىم پات يېقىندا بارسېلونا كوماندىسى بىلەن تۇنجى مەيداندىكى جەڭدە مەيدانغا چىقىشى مۇمكىن. ئەمما خۇش خەۋەر شۇكى، كىرىستىيانو رونالدونىڭ بالىلىرى بىلەن قىز دوستى جورجىنا ۋىرۇسنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىمىدى.
بۇ تاراتقۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « كىرىستىيانو رونالدو بىلەن جورجىنا ئاخىرى ئارام ئالالايدىغان بولدى! بۇ ئىسپانىيەلىك مودېل يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، نەتىجىسى مەنپىي چىققان، بۇ ئۇنىڭ داۋاملىق بالىلار بىلەن بىللە كۈندىلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. »
نۆۋەتتە جورجىنا بىلەن كىرىستىيانو رونالدو تورىندىكى بىر ھەشەمەتلىك ئۆيدە ئولتۇرىدۇ، نۆۋەتتە ئۇلار پەقەت ئىككىسى بىر داچىدا تۇرمايدۇ.
رونالدونىڭ ئانىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن بولغۇسى خوتۇنى ئۆينىڭ ئوخشىمىغان يېرىدە تۇرىدىكەن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ ھەشەمەتلىك ئۆي ئىككى قوشنا داچىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مۇستەقىل چىقىش ئېغىزى ھەمدە ئاز دېگەندە ئالتە ئېغىز ياتاق ئۆي ۋە ئوخشاش مۇنچىدىن تەركىب تاپقان ئىكەن.
جورجىنا دۇنيا بويىچە كىشىلەر ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەرنىڭ يېنىدىكى ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇزۇندىن بۇيان ئاخبارات ۋاستىلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان داڭلىق شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. يېقىندا، بۇ بەختلىك ئايال ئۆزىنى مەسخىرە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماي، ئۆزىنى ياش ۋاقتىدا« سەت ئۆردەك چۈجىسى» دەپ قارايدىغانلىقى كىرىستىيانو رونالدا سەۋەبلىك ھازىر دائىم« ھەسەتخور» نىڭ تەنقىدىگە ۋە زەربىسىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رونالدو بىلەن ئوخشاش، جورجىنانىڭ كىچىكىدىن تارتىپ چوڭ بولغان مۇھىتى ئانچە باياشات ئەمەس، ئۇنىڭ دادىسى زەھەر ئېلىپ ساتقانلىقى ئۈچۈن 10 يىل تۈرمىدە ياتقان.
» كىچىك ۋاقتىمدا، مەن بىر سەت ئۆردەك چۈجىسى ئىدىم، ھازىر ئاققۇغا ئايلاندىم. تۇغۇلغاندا، ھېچكىم مېنى كېيىن چىرايلىق بولىدۇ دېمەيدىكەنمىش. ئۇلار دائىم ماڭا مۇشۇنداق دەيدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىمنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى ھېچكىم مۇكەممەل ئەمەس. لېكىن بىزنىڭ پەقەت ئىككىمىزلا بار، بۇ ئەسلىدىنلا ناھايىتى ئالاھىدە. جورجىنا چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا شۇنداق دېدى.
جورجىنا ئەزەلدىنكىرىستىيانورونالدونىڭ كەينىدىكى ئۆزىنى ئەڭ قوللايدىغان ھېلىقى ئايال بولۇپ، رونالدونىڭ تۆت بالىسىغا ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇش ئارقىلىق دۇنياغا كەلگەن كەلگەن كىچىك رونالدو ۋە پىروبىركا بوۋىقى (پىروبىركا بوۋىقى) ، شۇنداقلاكىرىستىيانورونالدوغا ئۆزى تۇغۇپ بەرگەن كىچىك قىزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلگەن.
گەرچە جورجىناغا ھېچقانداق نام بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما 35 ياشلىق بۇ گىگانت چولپان كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر كۈنى جورجىناغا توي تەكلىپى قويىدىغانلىقىنى ئاشكارا بىلدۈرگەن.
يۇۋېنتۇس بىلەن بارسېلونانىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىسى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى سەھەردە باشلىنىدۇ.