قوغدىغۇچى كىشىلەر ئىنتايىن ھەۋەس قىلىدىغان كەسىپلەرنىڭ بىرى، بەزى كىنو، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا قوغدىغۇچى ئىنتايىن كېلىشكەن بولۇپ چىقىدۇ، ئادەتتە قارا رەڭلىك كاستيۇم ـ بۇرۇلكا كىيىپ، قارا كۆزەينەك تاقاپ، ھەر ۋاقىت ئەتراپنى كۆزىتىپ، غوجايىنلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە چولپانلارنىڭ قوغدىغۇچىسىمۇ مەستانىلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدۇ.
بولۇپمۇ بەزى داڭلىق چولپانلار سىرتقا چىققاندا، ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىدىغان مەستانىلىرى كۆپ بولىدۇ، شۇڭا چولپانلار ئادەتتە قوغدىغۇچىلىرى بىلەن بىللە سىرتقا چىقىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، تۆۋەندە بىز ئۈچ چولپاننىڭ قوغدىغۇچىسىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچى.
سۈرەتتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ياڭ مى 10دىن ئارتۇق قوغدىغۇچىنى ئەگەشتۈرگەن بولۇپ، ئۇلار قول تۇتۇشۇپ ياڭ مىنى ئورىۋالغان، ياڭ مى ئاق رەڭلىك كۆينەك كىيىپ، ئوتتۇرىدا تۇرۇپ ئۆزىنىڭ چولپانلىق سالاھىيىتىنى نامايان قىلغان؛ داڭلىق چولپان ۋۇ يىفەننىڭ قوغدىغۇچىسىمۇ ئىنتايىن خەلقئارالاشقان بولۇپ، چەت ئەللىك قاۋۇل قوغدىغۇچىلارمۇ ئۇنى قوغداپ ماڭغان، قارىماققا، بۇ قوغدىغۇچىلارنىڭ جەڭگىۋارلىقىمۇ ناھايىتى يۇقىرىدەك كۆرىنىدۇ.
ئەڭ مۇھىمى ۋاڭ سىسوڭنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ، باشقىلارنىڭ قوغدىغۇچىلىرىغا زادىلا ئوخشىمايدۇ، ۋاڭ سىسوڭنىڭ ئىككى نەپەر قوغدىغۇچىسىنى بىرىنچى دەرىجىلىك ساھىبجامال دېيىشكە بولىدۇ، ئەسلىدە ۋاڭ سىسوڭنىڭ قوغدىغۇچىسىمۇ چىرايلىق ئايال قوغدىغۇچى ئىكەن، كۆپچىلىك قايسى چولپاننىڭ قوغدىغۇچىسىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ؟