جۇڭگودىكى كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئۇنىۋېرسال پىروگىراممىلارنىڭ بىرى بولغان «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى» 2012-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك پىروگىراممىنى يولغا قويغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى پىروگراممىلار قاتارىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە، يىلدىن-يىلغا ئوخشىمايدىغان، ئەمما ئېلىمىز ئىچى-سىرتىدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە، مىليونلىغان مەستانىلەر قوشۇنىغا ئىگە يېتەكچىلەر، ھەر قېتىمدا ئۆزگىرىپ، يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان مۇسابىقە قائىدىلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرغان بولسا، ھەر قانچە ئۆزگەرسىمۇ، ئۆزىنىڭ خاسلىقى ۋە ئۇسلۇبىدىن ئايرىلمايدىغان «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى»، «رەھىمسىزلىك»تىن ئىبارەت كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن ھەممىنى جەلپ قىلىپ كەلدى.
تۇنجى سان پىروگراممىدىكى جىكې جۈنيى، ۋۇ موچوۋ، جىن جىۋېنغا ئوخشاش تەسىرى كۈچلۈك ماھىرلار خېلى كۆپ بولسىمۇ، ئاخىرىدا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئانچە تارتمىغان لياڭ بو چېمپىيون بولدى، ئەمدى بىز دىققىتىمىزنى «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى»نىڭ بۇ سانىغا قارىتايلى، بۇ يىلقى «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى»مۇ كونا قائىدىسى بويىچە يەنە بىر يېڭى يېتەكچىنى كۈتۈۋالدى، ئۇ بولسىمۇ ئېلىمىزنىڭ داڭلىق ئايال مودا ناخشىچىسى لى يۈچۈن، ئۇنىڭدىن باشقا يېتەكچىلەر كۆپچىلىككە ناتونۇش ئەمەس، ئۇلار بولسا، لى جيەن، ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيون يېتەكچى لى روڭخاۋ ۋە شيې تىڭفېڭ.
ئالدىنقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا بۇ ساندىكى «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى»نىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنى سەل تۆۋەنلىدى دېسەك قىلچە مۇبالىغە قىلغان بولمايمىز، چۈنكى يېتەكچىلەر ئىچىدە گەرچە لى جيەن ئۆزىنىڭ سالماق تۇتقان ئاساستا، بىر قىسىم پاساھەتلىك سۆزلەرنى قىلسىمۇ، قالغان ياش يېتەكچىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا ماسلىشالايدىغانلار يوق، كۆرۈرمەنلەرمۇ چوقۇم نا يىڭنىڭ يۈز-خاتىرە قىلمايدىغان مىجەزى، يۈ چېڭچىڭ بىلەن ياڭ كۈنگە ئوخشاش قىزىقارلىق گەپلىرى بىلەن ھەممىنى كۈلدۈرىدىغان يېتەكچىلەرنى ياقتۇرۇشى مۇمكىن، ئەمما ئېتىراپ قىلماي ئامالىمىز يوقكى، «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى»نىڭ يېتەكچىلەر قوشۇنى ياشلىشىشقا قاراپ قەدەم قويدى، بۇنىڭ ئاساسى كۆرۈرمەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دەل شۇلارنى ياقتۇرىدىغان ياشلاردىن تەركىپ تاپقان.
بۇ يىلقى جۇڭگو ياخشى ئاۋازىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇ بولدىكى ئىجادىي ناخشا ھەم ئىجادىيەتچىلەرنىڭ سانى، باشقا ھەرقانداق يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا خېلىلا كۆپ، جاۋ زىخۇا، جيا يىتېڭغا ئوخشاش ئىجادىي ماھىرلار ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان ناخشىلىرىنى ئېيتىپ كۆپچىلىكنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى، ئاۋغۇست ئايلىرىنىڭ ئاخىرى باشلانغان 2020-يىللىق «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى» بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا قائىدىسىنى يەنە ئۆزگەرتكەن بولۇپ، بېشىدا تۆت يېتەكچى تاللىغان ماھىرلار گۇرۇپپىسى ئىچىدىن بۇ ساندىكى «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى»نىڭ ئەڭ كۈچلۈك گۇرۇپپىسىنى باھالاپ چىقىدۇ، نەتىجىدە كەسكىن ئېلىشىش ئارقىلىق، لى جيەن گۇرۇپپىسى بىلەن شيې تىڭفېڭ گۇرۇپپىسى چېمپىيونلۇقنى تالاشتى، شىنجاڭلىق قازاق قىز مەدىنە دۇمان بىلەن ئىجادىي ناخشىچى جيا يىتېڭ ئەڭ ئاخىرىدا مەيدانغا چۈشتى، گەرچە مەدىنە دۇمان ئۆزىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن يېتەكچىلەرنىڭ يۈرىكىنى ئېزىۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بىر-بىرىدىن ئېسىل ئىجادى ناخشىلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇۋاتقان جيا يىتېڭ يەنىلا باھالىغۇچىلار ئەترىتىنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈردى، ئاخىرىدا شيې تىڭفېڭ گۇرۇپپىسى 2020-يىللىق «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى»نىڭ ئەڭ كۈچلۈك گۇرۇپپىسى شەرىپىگە ئېرىشتى.
نۆۋەتتە بۇ يىلقى «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى» ئەڭ ھالقىلىق باسقۇچقا قەدەم قويغان بولۇپ، 23-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن سانىدا 18 نەپەر ماھىردىن توققۇزنى تاللاش پائالىيىتىنىڭ تۇنجى باسقۇچى ئاخىرلاشتى، نەتىجىدە پەن خوڭ، سۇ ۋېي، سوڭ يۈنىڭ قاتارلىق ئۈچ نەپەر ماھىر توققۇز كۈچلۈك قاتارىغا كىردى، گەرچە لى يۈچۈن ئېلىپ قېلىش ئۈچۈن بارلىق چارە-تەدبىرلىرىنى ئىشقا سالغان بولسىمۇ، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن جاۋ زىخۇا، چيەن جياڭتاۋ قاتارلىق ھەممىنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن ئىجادىيەتچىلەر بۇ سەھنە بىلەن خوشلاشتى، بەلكىم بۇ يەردە «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى»نىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ «رەھىمسىزلىك» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشنىڭ ئورنى بار ياكى يوقلۇقىنى بىلمىدىم، ئەمما بۇ يىلقى «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى»نىڭ ئەڭ ھالقىلىق باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتتىم، «ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقا»، بۇ يىل گەرچە يېتەكچىلەر كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالمىغان بولسا، ئەمما بىر-بىرىدىن تالانتلىق ماھىرلارنىڭ ئۆزگىچە ئورۇنلاش ماھارىتى چوقۇم ھەممىڭلارنى رازى قىلىشى مۇمكىن.
ئەگەر قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار ھەر ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 21:00دە ئۆتكۈزۈلىدىغان «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى» پىروگراممىسىدا بولسۇن، بۇ پىروگرامما جېجياڭ سۈنئىي ھەمرا تېلىۋىزىيە قانىلىدا قويۇلىدۇ.