تاماكا چېكىشنى ياخشى كۆرىدىغان تۆت ئايال چولپان

alkuyi
2020-10-23
来源:toutiao

كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدە تاماشا چەمبىرىكىدىكى ئايال چولپانلارنىڭ ھەممىسى قارىماققا ناھايىتى سالاپەتلىك كۆرىنىدۇ، لېكىن كۆپ قىسىم چولپانلارنىڭ تۇرمۇش بېسىمى يەنىلا ناھايىتى يۇقىرى، ئېكراندا ھەممىسى چىرايلىق بولسىمۇ، لېكىن ئاستىرىتتىن بېسىم تۆۋەنلىتىش پائالىيەتلىرىنى قىلىپ، ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىنى ياخشى ساقلايدۇ. لېكىن كۆپچىلىك بىر قىسىم ئايال چولپانلارنىڭ تاماكا چېكىش ئادىتىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ، بۈگۈن بىز بىرلىكتە تاماكا چېكىشنى ياخشى كۆرىدىغان تۆت نەپەر ئايال چولپان بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

جېڭ شۇاڭ

جېڭ شۇاڭنىڭ كىشىلەرگە بەرگەن تەسىرى ياۋاش قىزلارنىڭ ئوبرازى بولۇپ، چۈنكى ئۇنىڭ چىرايى ئىنتايىن سۈزۈك ۋە ئىزچىل مۇنەۋۋەر قىزنىڭ رولىنى ئېلىپ كەلدى. ئەگەر جېڭ شۇاڭنى تاكا چېكىدۇ دېسە بەلكىم نۇرغۇنلىغان مەستانىلەر ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن. جېڭ شۇاڭنىڭ قىياپىتى نەچچە يىل تاماكا چەككەن پېشقەدەم بەڭگىلەر ئوبرازىغا ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تاماكا تۇتقان قىياپىتىمۇ ئىنتايىن پىشقان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى مەستانىلەر قاتتىق مەسخىرە قىلغان. تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، لېكىن ئادەتتىكى ئادەملەر ئىچىدىمۇ كۆپ قىسىم ئادەملەر تاماكىدىن قول ئۈزەلمەيدۇ.

شۈ جىڭلېي

«ئەدەبىيات ـ سەنئەت سەنىمى» دەپ نام ئالغان شۈ جىڭلېي ئارتىس بولۇپلا قالماي، يەنە ناھايىتى داڭلىق رېژىسسور، ماھارەت جەھەتتە كامالەتكە يەتكەن دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ خەتتاتلىق ماھارىتىمۇ ناھايىتى قالتىس بولۇپ، ئەمما كۆپچىلىكنى ھەيران قالدۇرغىنى شۈ جىڭلېي تۇرمۇشىدا ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ماجياڭ ئويناشنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماكا چېكىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ، بۇنى ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىكى نورمال ھالەت دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ تاماكا چېكىشكە نىسبەتەن بىر قەدەر بىپەرۋاسىز ھالەتتە قارايدۇ، باشقىلار سۈرەتكە تارتىۋالغان ھالەتتىمۇ ئالاھىدە رەددىيە بەرمەيدۇ، شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قىزىقىشى ھەسسىلەپ ئاشتى، نېمىلا دېگەن بىلەن چولپان ئەمەسمۇ، لېكىن شەخسىي تۇرمۇشى ناھايىتى ئوچۇق، دەل ئۇنىڭ مۇشۇنداق خۇشخۇي ئىستىلى بولغاچقا، ئۇنى جامائەت پىكرىگە ئۇچراتمايلا قالماستىن، يەنە ئۇنى تېخىمۇ كۆپ مەستانىلەرگە ئىگە قىلغان.

لى شياۋرەن

قارىماققا ناھايىتى مۇلايىم ۋە تەمكىن كۆرۈنىدىغان لى شياۋرەن تونۇلغاندىن بۇيان، كۆپىنچە مۇلايىم ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك ئوبرازدا رول ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، لېكىن ئۇ ئاستىرىتتىن تاماكا چېكىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ ئۇنىڭ تاماكا چەككەن چاغدىكى نۇرغۇن سىن-سۈرەتلىرى بار بولۇپ، دائىم سۈرەتلىرى تارقىلىپ تۇرىدۇ، ئۇ بۇ كۆرۈنۈشلەرگە پەرۋا قىلمايدۇ. گەرچە لى شياۋرەن تاماكىنى كۆپ چەكسىمۇ، لېكىن تېرىسىنىڭ ئاقلىقىنى ساقلاپ كەلدى ۋە ئويلىمىغان يەردىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى مەبۇدىسىغا ئايلاندى.

نا يىڭ

ۋاڭ فېينىڭ يېقىن دوستى نا يىڭمۇ سېپى ئۆزىدىن پېشقەدەم تاماكا چەككۈچى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ تاماكا خۇمارى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، بىر قېتىملىق پائالىيەتكە قاتنىشىش جەريانىدا ئۇ يېقىن دوستى خۇ جۈن بىلەن بىللە ئولتۇرغان بولۇپ، شۇ كۈنى ئۇ چاچلىرى ئاقارغان ھالدا قاقاقلاپ كۈلۈپ قولىغا تاماكىسىنى قىستۇرۇۋالغانن، ئۇنىڭ بۇ تۇرقىغا قارا جەمئىيەتتىكى چوڭاملارنىڭ ئوبرازى ناھايىتى ماس كەلگەن، بەلكىم ئۇ ئادەتتىكى تۇرمۇشىدىمۇ تاماكا چېكىش ئارقىلىق ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن.