ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ ئوغلى رول ئالغان كىنو «قەشقەر گۈلى» شىنجاڭدا قويۇلدى

爱酷艺网
2020-10-23
来源:中国新闻网

ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ چوڭ ئوغلى شەھرىيار ئابدۇكېرىم قاتارلىقلار باش رول ئالغان كىنو «قەشقەر گۈلى»نىڭ تۇنجى قويۇش مۇراسىمى قەشقەر شەھىرىدە   ئۆتكۈزۈلدى

640-526.jpeg

ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەۋسىيەسى: 21-ئۆكتەبىر، «قەشقەر گۈلى» ناملىق كىنونىڭ تۇنجى قويۇش مۇراسىمى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلدى. كۆرۈرمەنلەر كىنونى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، بۇ بىر مەيدان كاتتا كۆرۈنۈشلەر يىغىلىشىدىن «يېڭى قەشقەر»نى ھېس قىلدۇق، دېيىشتى.

بۇ كىنودا، ئەر باش پېرسوناژ شېنجېندىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپتە شىنجاڭنىڭ ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ مۇدىرى، ئايال باش پېرسوناژ قەشقەردىن بۇ سىنىپقا يېتەكچىلىككە كەلگەن ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئىككىسى بىرگە ئىشلەش جەريانىدا قەلب رىشتىسى بىربىرىگە باغلىنىپ قالىدۇ. لېكىن تۈرلۈك ئوششاق ئىشلار سەۋەبلىك بىرگە بولالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئەر باش پېرسوناژ ئايال باش پېرسوناژ قالدۇرۇپ كەتكەن مۇھەببەت سوۋغىسى - تاجىك نېيىنى ئېلىپ قەشقەرگە كېلىدۇ ۋە ئايال باش پېرسوناژنى ئىزدەيدۇ. بىر قاتار ئەگرى-توقايلىقلاردىن كېيىن ئىككىسى ئاخىرى گۈزەل ھەم سەمىمىي مۇھەببىتىنى تاپىدۇ.

640-524.jpeg

قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم شۇجىسى لى نىڭپىڭ، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمە ۋالىيسى پەرھات روزى قاتارلىقلار تۇنجى قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىمالىي رايون قوماندانلىق بۆلۈمىنىڭ قوماندانى چياۋ شياڭخۇانىڭ دېيىشىچە، كىنونىڭ كۆرۈنۈشلىرىگە قەشقەر شەھىرى، مارالبېشى ناھىيەسى، تاشقورغان ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىن مەنزىرە تاللانغان بولۇپ، ئەنئەنىۋى كەيپىيات بىلەن زامانىۋى سالاپەت تەڭ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، كىنودا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى، قويۇق مەدەنىيەت ئاساسى، ئۆزگىچە يەرلىك ئۆرپ-ئادەتلىرى نامايان قىلىنىپلا قالماي، يەنە نامراتلىقنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنى تەرەققىي تاپقۇزۇشتىكى مول مۇۋەپپەقىيەتلىرىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىلگەن.

640-525.jpeg

تۇنجى قويۇش مۇراسىمىدا، قىسمەن ئارتىسلار كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

شىنجاڭدا «قەشقەرگە كەلمىسىڭىز شىنجاڭغا كەلمىگەن بولىسىز» دەيدىغان گەپ بار. قەشقەر شىنجاڭنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، «قەدىمىي يىپەك يولى بويىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت» دەپ تەرىپلىنىدۇ. شىنجاڭ بويىچە تۇنجى بولۇپ دۆلەت دەرىجىلىك تارىخ-مەدەنىيەت شەھىرى دەپ نام ئالغان، 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەشقەر شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر.

1125860056_15869406090891n.jpg


WechatIMG7.jpeg

كىنو سۈنئىي ھەمراھ قانىلى پىروگرامما ئىشلەش مەركىزى كىنو ئىجادىيەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى لىنىڭ مۇنداق دېدى:

-«قەشقەر گۈلى» ناملىق بۇ كىنونى كۆرۈپ بەكمۇ ھاياجانلاندىم، بۇ ئەسەر كۆزلەنگەندىنمۇ ئارتۇق ياخشى چىقىپتۇ. بىز كىنودىن قەشقەرنىڭ ئادەم گۈزەللىكى، مەنزىرە گۈزەللىكى ۋە مەدەنىيەت گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇق. مەن بۇ كىنونىڭ قەشقەرنىڭ يارقىن نام كارتوچكىسىغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىغا، ھەم بۇندىن كېيىن شىنجاڭنى، قەشقەرنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان تېخىمۇ كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ باشلىقى لى دېخۇا، فىلىمدە ئەكس ئەتكەن ئالاھىدە ئۈنۈملەر قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئىجادىيەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر ۋە ئارتىسلارنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجىرىگە لايىق بولدى، دېدى. بۇ كىنونىڭ سېنارىيە يازغۇچىسى خۇاڭ گۇاڭشېڭ، بۇ كىنودا بىر جۈپ ياشنىڭ مۇھەببەت رىشتىسى ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ «يېڭىچە» بىر فىلىمى يارىتىپ بېرىلدى، يەنى، يېڭى بىر ئەۋلاد ئارتىسلار رولغا چىقىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا بارلىققا كەلگەن يېڭىچە تۇرمۇشى، يېڭىچە قىياپىتىنى نامايان قىلىپ بەردى، دېدى.

640-526.jpeg

ئارتىسلار نەق مەيداندا (ماتېرىيال سۈرەت)

WechatIMG9.jpeg

تۇنجى قويۇش مۇراسىمىدا، فىلىم رېژىسسورى فاڭ جۈنلياڭ، ئارتىس چېن يىلۇڭ، جاۋ يى قاتارلىقلار ۋىدېئو ئەۋەتىپ تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛ ئايال باش پېرسوناژ رولىغا چىققان خەن يۈنو ۋە باشقا ئارتىسلار نەق مەيداندا كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئالاقىدار ھۆكۈمەت تارماقلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە-شەھەرلەردىن كەلگەن خىزمەتچى خادىملار ۋە جەمئىيەتتىن تەكلىپ قىلىنغان كۆرۈرمەنلەر بىرلىكتە بۇ فىلىمنى كۆردى.

كۆرۈرمەن جاڭ لياڭچېڭ فىلىمنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:

-بۇ كىنودا كۆرۈنۈشلەر ۋە كىرىشتۈرۈلگەن مۇزىكىلارنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ، ۋەقەلىكنىڭ يىپ ئۇچى قىزىقارلىق كىرىشتۈرۈلۈپتۇ، ھەر بىر ئارتىسنىڭ ئورۇنداش ماھارىتى قالتىسكەن، شىنجاڭ كىنوچىلىقىدىكى بىر قېتىملىق «كاتتا كۆرۈنۈش يىغىلىشى» دېسەك بولىدىكەن. ئازادە، خۇشال كەيپىيات ئىچىدە قەشقەرنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىپ چىقتۇق.

كۆرۈرمەن ئابدۇسالام مۇنداق دېدى:

-مەن قەشقەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، كىنودىن قەشقەرنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇش ھالىتىنى كۆردۈم. فىلىم رەسمىي قويۇلۇشقا باشلىغاندا، چوقۇم بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشۇپ، بېلەت سېتىۋېلىپ يەنە بىر كۆرىمەن.

640-527.jpeg

كىنونىڭ ئاخىرىدىكى خەتلەردىن قارىغاندا، بۇ كىنونى كىنو سۈنئىي ھەمراھ قانىلى پىروگرامما ئىشلەش مەركىزى ۋە جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى شىنجاڭ شۆبىسى بىرلىكتە ئىشلىگەن، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى شىنجاڭ شۆبىسى، قەشقەر كونا شەھەر ساياھەت-مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ خۇالىڭ كىنوچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىقلار بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالغان.

0b46f21fbe096b63921b3fcfea6f2f42eaf8ac96.jpeg


WechatIMG8.jpeg