«غەربكە ساياھەت» بولسا جۇڭگونىڭ قەدىمكى تۆت مەشھۇر ئەسىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قەدىمكىلەرنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئاز ئۇچرايدىغان مەدەنىيەت خەزىنىسىدۇر، ئاپتور بۇ ئەسەردە جانلىق پېرسوناژلار ئوبرازى ۋە قىزىقارلىق ھېكايە ۋەقەلىكى ئارقىلىق سانسىزلىغان ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلغان. «غەربكە ساياھەت»تە تاڭ سېڭ ئۇستاز ۋە شاگىرت بولۇپ تۆت كىشىنىڭ غەربكە نوم ئالغىلى بارغانلىقى، توققۇز يەردە توققۇز سەكسەن بىر قېتىملىق قىيىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاخىرىدا ھەقىقىي نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان.
ئەلۋەتتە، «غەربكە ساياھەت»كە نىسبەتەن كىشىلەرنىڭ تەسىراتى پەقەت كىتاب قاتلىمى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، يەنە كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ كىلاسسىك بولغىنى 1986-يىلى ئىشلەنگەن كونا نۇسخىدىكى «غەربكە ساياھەت» بولۇپ، بۇ بولسا ھەر بىر جۇڭگولۇق كۆرۈپ باققان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
نوم سەپىرىگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن، تاڭ سېڭنىڭ ئۈچ شاگىرتىغا چېتىشلىق نۇرغۇن ھېكايىلەر يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سۇن ۋۇكۇڭنىڭ كەچۈرمىشلىرى ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، سۇن ۋۇكۇڭ بولسا يىراق قەدىمكى زاماندا پەيدا بولغان خىسلەتلىك تاشتىن تۆرەلگەن تاش مايمۇن. كېيىنكى كۈنلەردە سۇن ۋۇكۇڭنىڭ جىسمى ئاسمان-زېمىن، قۇياش ۋە ئايدىن ئۆرنەك ئېلىپ چىمەنتاغنىڭ گۈزەل مايمۇن پادىشاھى بولۇپ قالىدۇ.
كىيىن چىمەنتاغدا يۈرۈپ زېرىكىپ كەتكەن سۇن ۋۇكۇڭ ياقا يۇرتلارغا چېقىپ، پېشۋا شۇبودى ھەزرەتنى ئۇستاز تۇتۇپ ماھارەت ئۆگىنىپ، 72 خىل ئۆزگىرىش ماھارىتىنى ئىگىلەپلا قالماي يەنە شەرقىي دېڭىز ئەجدارشاھ ئوردىسىنى پاراكەندە قىلىپ، ئالتۇن گۈرزىنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئوردىنى مالىمان قىلىدىغان قابىلىيەتكە ئىگە بولغان.
ئەلۋەتتە، ھېكايە ۋە پېرسوناژلارنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىغىچە دىققەت قىلىدىغان بەزى كۆرۈرمەنلەر تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن بىرقىسىم مەسىلىلەرنى بايقىۋالىدۇ، شۇنداقلا تەنقىدىي نەزەردە قارايدۇ. سۈن ۋۇكۇڭنىڭ شاپتۇللۇق باغنى مالىمان قىلغان كۆرۈنۈشلىرى ھەممەيلەنگە نىسبەتەن ناھايىتى تونۇش بولۇشى مۇمكىن، يەنە كېلىپ بىز بۇ يەردە بۇ مايمۇننىڭ ھەقىقەتەن ئىنتايىن جاھىللىقىنى ھېس قىلالايمىز.
بۇ جەرياندا كىشىلەر بىر قىسىم ئىنچىكە ھالقىلارغا دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن، يەنى سۇن ۋۇكۇڭ شاپتۇل يېگەندە پەقەت بىرلا چىشلەپلا تاشلايدۇ، ئۇنىڭ بۇ قىلىقى كىشىگە ناھايىتى ئىسراپخوردەك تەسىر بېرىدۇ. ئەجەبا سۇن ۋۇكۇڭنىڭ بۇ قىلمىشى ئىسراپخورلۇقتىن بولغانمۇ؟ ئېنىقكى ئۇنداق ئەمەس، بۇ يەردە بۇ مەسىلىگە مۇنداق چۈشەنچە بېرىلىدۇ.
بۇ ئىش پەقەت سۈرەتكە ئېلىش بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك. ھەممىمىزگە مەلۇم، كونا نۇسخىدىكى «غەربكە ساياھەت» بولسا بىر قەدەر قىيىنچىلىق شارائىتتا سۈرەتكە ئېلىنغان، يەنە كېلىپ مەبلەغ يېتىشمەسلىك مەسىلىسى سەۋەبلىك توختىتىپ قويۇلغىلى تاس قالغان. بىراق مۇشۇنداق جاپالىق شارائىتتىمۇ بۇ مۇنەۋۋەر ئارتىسلار ۋە خىزمەتچى خادىملار ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، بىزگە ئىنتايىن ياخشى بىر ئەسەرنى تەقدىم قىلدى.
سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا ۋەقەلىكنىڭ تېخىمۇ راۋان ۋە مۇۋاپىق بولۇشى ئۈچۈن، ئارتىسلارغا سەھنە جابدۇقلىرىنى تاللاش ۋە ئىشلىتىش جەھەتتە ئىنتايىن قاتتىق تەلەپ قويۇلدى. خان ئانىنىڭ شاپتۇلى تەبىئىيلا ئادەتتىكى شاپتۇلغا ئوخشىماسلىقى كېرەك، ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا بۇ ھالقىنى تېخىمۇ جانلىق گەۋدىلەندۈرگىلى بولىدۇ؟
بۇ چاغدا رېژىسسور بىر ئامالنى ئويلاپ تاپتى، يەنى قەغەزدىن دانىسىنى چوڭ ـ چوڭ شاپتۇللارنى ياسىتىپ، ئۇنىڭ بىر تەرىپىگە راست شاپتۇل ئورۇنلاشتۇرۇلدى، سۇن ۋۇكۇڭ شاپتۇل يېگەندە بولسا پەقەت راست شاپتۇل بار شۇ تەرىپىنىلا چىشلىيەلەيتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر تال شاپتۇلنى بىرنەچچە قېتىم ئارتۇق چىشلىۋەتسە ياكى جابدۇق شاپتۇلنىڭ باشقا بۆلىكىنى چىشلىۋالسا سۈرەتكە ئېلىش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتەتتى.