«كۆرۈمسىز» دېگەن نامغا ئېرىشكەن بەش ئەر چولپان

爱酷艺
2020-10-21
来源:直播8

بىر چولپاننىڭ چىرايى ئۇلارنىڭ تاماشا ساھەسىدىكى تەرەققىياتىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ دېيەلمىسەكمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا چوقۇم پايدىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. مەيلى ئەر چولپان بولسۇن ياكى ئايال چولپان بولسۇن، بىر كېلىشكەن قەددى-قامىتى ياكى گۈزەل رۇخسارى بولسا، ئۇلارنىڭ سەنئەت يولى تېخىمۇ داغدام بولۇپ تېخىمۇ كۆپ تاماشىبىنلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ. بىراق، تاماشا چەمبىرىكىدىكىلەر چىراي گۈزەللىكىگە مۇتلەق قارىمايدۇ، بەزىلىرى ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ نام قازىنىدۇ. گەرچە ئۇلار ئانچە چىرايلىق بولمىسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىك ئۇلارنىڭ رول ئېلىش قابىلىيىتىگە قايىل بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇنچە سەت ئەمەسلىكىنى بايقايدۇ.

خۇاڭ بو ئۇزۇن يىل رول ئالغان بولسىمۇ، كېيىن ئاستا-ئاستا كۆپچىلىككە تونۇلدى، كۆپچىلىك ئۇنى چۈشىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىگە قايىل بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇاڭ بونىڭ ئۇنىۋېرسال ھۈنىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ سۆز قىلىشقا ناھايىتى ماھىر ئىكەنلىكىنى، يەنە تېخى ناخشا ئېيتالايدىغانلىقىنى، ھەم باشقىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى بىلىدىغانلىقىنى، كۆڭۈل ئېچىش چەمبىرىكىدە ئاز ئۇچرايدىغان ئەڭگۈشتەر ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇنىڭ چىراي-تۇرقى تاماشا چەمبىرىكىدە ئانچە كېلىشكەن ھېسابلانمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى يەنىلا تورداشلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ تەقى-تۇرقى ئۇنچە سەت ئەمەس، ھەتتا كېلىشكەن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ «ئۇنتۇلماس تاماقخانا»(忘不了餐厅) فىلىمىدىكى ئىپادىسى كىشىنى تېخىمۇ مەمنۇن قىلىدۇ.

ۋاڭ دالۇ بىر نەچچە قېتىملىق ئۇنىۋېرسال پىروگراممىغا قاتناشقاندىن كېيىن، كۆپچىلىك ئۇنىڭ كېلىشكەن يىگىت ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى، ئۇ ناھايىتى يۇمۇرىستىك ئارتىس بولۇپ، ۋېي داشۈن بىلەن بىللە بولسا ھەر خىل غەلىتە ئىشلارنى قىلىپ يۈرەتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ يامان ئەمەس ئارتىس، بەلكىم ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىلىرىغا كۆپ قاتناشقانلىق سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، كۆپچىلىك ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ كېلىشكەن رۇخسارىنى ئۇنتۇپ قالدى.

جاڭ يىشەن نۇرغۇن بالا چولپانلار ئىچىدە خېلى ياخشى تەرەققىي قىلغىنى ھېسابلىنىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇ رول ئالغان ليۇ شىڭنى كۆرگەن. تەبىئىيكى، ئۇنىڭ تەقى-تۇرقىدىن ئانچە رازى بولمىغان، بەلكىم ئۇ چاغدا ئۇ تېخى تولۇق تونۇلمىغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇ ھەتتا ئوماقمۇ ھېسابلانمايتتى. پەقەت ئۇنىڭ بەك كەپسىز ئىكەنلىكى ئېسىمىزدە. بىراق، چوڭ بولغاندىن كېيىن جاڭ يىشەن بىر توپ مۇتتەھەمنى باشلاپ تاماشا چەمبىرىكىگە قايتىپ كەلدى، ئۇلار بىر-بىرىدىن قوپال ئوبرازلارنى ئورۇنلىغاندىن كېيىن، بىز ئاخىرى چوڭ بولغاندىن كېيىنكى «جاڭ يىشەن»گە يەنە بىر قېتىم نەزەر سالدۇق، بەلكىم ئۇ ھەقىقىي كېلىشكەن ھېسابلانماسلىقى مۇمكىن، لېكىن بۇ خىل كېلىشكەن يىگىتنى نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدۇ.

سۇن خۇڭلېي گەرچە ئۆزىگە ناھايىتى چىرايلىق نام بەرگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ تەقى-تۇرقى ئانچە كېلىشكەن ئەمەس، بولۇپمۇ ئۇ رول ئالغان قارا گۇرۇھنىڭ كاتتىبېشىنىڭ رولىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ياۋۇز ۋە تەھدىت كۈچىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. چىرايىنىڭ قانداقلىقىغا كەلسەك، ئۇنى قىزلار بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇپ قالىدۇ دېسە مېنىڭچە بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەسلىكى مۇمكىن. كېيىن ئۇ قاتناشقان ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىلىرىنى كۆرۈپ، ئەسلىدە ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا ئۇنداق ياۋۇزلارچە ھالەتنىڭ يوقلۇقىنى، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئوماق قىياپىتىنىڭمۇ بارلىقىنى ھېس قىلدۇق. ئەمەلىيەتتە سۇن خۇڭلېينىڭ رول ئېلىشتىكى ئەستايىدىللىقى، رولغا بولغان تەلىپىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، يەنە ئۇنى بەك كېلىشكەن دەپ ھېس قىلساقمۇ بولىدۇ.

ئىلگىرى مودېللارغا قاراپ مودىنى چۈشەنمەيتتۇق، بىر ئوبدان ئادەم نېمىشقا بۇنچە سەتلىشىپ كېتىدۇ؟ دەيتۇق. جاڭ لياڭنىڭ مودېل ماڭغىنىنى كۆرگەندە بۇ ئەرنىڭ بەك كۆرۈمسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. كېيىن ئۇنىڭ ھەر كۈنى ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىلىرىغا قاتناشقانلىقىنى، ھەر كۈنى سەۋرچان ۋە ئەستايىدىل بولغانلىقىنى كۆردۇق، كېيىن «جۇڭگوچە تاماقخانا»دا ئۇنىڭ ئەستايىدىل تاماق ئېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق، ئەمەلىيەتتە ئەستايىدىل ئەر كىشىنىڭمۇ ناھايىتى كېلىشكەن ئىكەنلىكىنى، يەنە كېلىپ غەلىتە گىرىم قىلىشتىن ئايرىلغانلىقىنى بايقايمىز. ئاددىي چىرايغا ئىگە بولغان جاڭ لياڭنىڭ چىرايى ئەمەلىيەتتە سەت ئەمەس بولۇپ، بەدەن قىياپىتى تېخىمۇ قالتىس ئىدى.

ئەمەلىيەتتە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان ئۆزىنى «بېزەش»نى ياخشى كۆرىدىغانلار بار، فىلىمدە كىم كېلىشكەن بولسا شۇلارنى دورايدىغانلارمۇ بار، لېكىن قۇرۇق چىرايلا بولۇپ، ئەمەلىي كۈچى بولمىسا، يېڭى-كونا ئالمىشىش مۇشۇنداق تېز بولغان تاماشا چەمبىرىكىدە روناق تاپالىشى ناھايىتى تەس. ئىزچىل نام چىقىرىش ئۈچۈن چوقۇم ئەمەلىي كۈچى بولۇشى كېرەك. بۇنىڭغا سىلەر قانداق قارايسىلەر؟ سۆز قالدۇرۇشىڭلارنى قارشى ئالىمىز.