10 يېشىدا بەش تۈرلۈك ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن قىز-ئېمما ۋاتسون

ئەلكۈيى تورى
2020-10-21
来源:تېڭشۈن تورى

بىز ئەينى چاغدا، 10 يېشىدىلا ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ئۇتۇق قازانغان بۇ قىزنىڭ پەقەت «خاررى پوتتېر»دىكى خېرمىن ئىكەنلىكىنىلا بىلەتتۇق، ئەمما ئۇنىڭ رېئاللىقتىكى تىرىشچان قىز ئېمما ۋاتسون ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتۇق.
ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئاشۇ ئەقىللىق، قەيسەر، بۈدرە چاچلىق ئوماق قىز خېرمىن پۈتۈن دۇنيادىكى تاماشىبىنلارنىڭ ئىزچىل ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلدى.
ئېمما ۋاتسون 1990-يىلى تۇغۇلغان، «خاررى پوتتېر» فىلىمىدە رول ئالغان، ئۇ 10 يېشىدىلا ئوسكارنىڭ بەش تۈرلۈك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 19 يېشىدا 21-ئەسىردىكى ئەڭ يۇقىرى بېلەت كىرىمى كاپالىتىگە ئىگە ئايال چولپان بولۇپ باھالانغان.
2013-يىلى ئۇ يەنە سىكارلىت جوھانسون قاتارلىق تەڭداشسىز ئايال چولپانلاردىن ئېشىپ، ئەنگلىيە كىنو ژۇرنىلى «ئىمپېرىيە» تەرىپىدىن يىللىق 50 نەپەر جەزبىدار ئايال چولپاننىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
ئۇ ئەلا ئۆگىنىش نەتىجىسى بىلەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بولۇپ، ئېممانى كىشىلىك تۇرمۇشتىكى يەڭگۈچى دېيىشكە بولىدۇ.
توردا مۇنداق بىر گەپ بار:
ـــ مېنىڭ يىگىرمە نەچچە ياشلىق ئېمما بولغۇم بار. گۈزەللىك، تەجرىبە، مۇۋەپپەقىيەت ھەممىسىدە ئېمما بار.
گەرچە قارىماققا ئېمما ھەممە ئادەم ھەۋەس قىلىدىغان بىر قىز بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر ئۇنىڭ كىشىلىك ھاياتىنىڭ قانداق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

ئېمما پارىژدا تۇغۇلغان، ئاتا-ئانىسى كامبرىج داشۆسىنى پۈتتۈرگەن ئادۋوكاتلار ئىدى. ئەپسۇس ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى، ئېمما بەش ياش ۋاقتىدىلا ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتتى. ئادەتتە ئېمما ئىنىسى بىلەن بىللە ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرىدۇ، ھەپتە ئاخىرىدا لوندوندىكى دادىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىدۇ.
كىچىك ئېمما ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، يەنە ئىقتىسادىي جەھەتتە مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. دادىسى ئېمماغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئۇنى ئەڭ ياخشى خۇسۇسىي ياتاقلىق مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىدۇ. ئۇ يەردە، ئېمما قىلىچۋازلىق، سەنئەت، ئەدەبىيات قاتارلىقلارنى ئۆگىنىپ، ئەڭ ياخشى مائارىپ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەپسۇس، كېيىن ئېممانىڭ دادىسى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئىچىدە قېلىپ، ئېممانى ئۇ مەكتەپتە داۋاملىق ئوقۇتالمايدۇ.

كىچىك ئېمما ئىش ئۇقىدىغان قىز، ئۇ بۇنى سەزگەندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئوقۇيدۇ. چوڭ بولغاندا بىر قېتىملىق زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇ چاغدا دادامنىڭ راستىنلا پۇلى يوق ئىدى، ئۇنىڭ مېنى ئۇ مەكتەپكە ئەمدى ئاپىرىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم، شۇڭا ئۆزۈم مەكتەپتە ياخشى ئوقۇمىسام بولمايتتى.
بالىلىق چاغلىرىدىكى كەچۈرمىشلىرىگە ئائىلە ئۆزگىرىشى قوشۇلۇپ، ئېمماغا ئۆچمەس تەسىر كۆرسەتكەن، شۇڭا رېئاللىقتىكى ئېمما خېرمىنغا ئوخشاش، ھەرقانداق ئىشتا ئۆزىگە تايىنىدۇ، ھەرقانداق ئىشقا ئىنتايىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ ئۇ رولغا تاللىنىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىپ بېرىدۇ.
كېيىن 10 ياشلىق ئېمما بىر پۇرسەتكە ئېرىشىدۇ، ئۇ بولسىمۇ «خارى پوتتېر»دا رول ئېلىش بولۇپ، رېژىسسور ئېممانىڭ تىياتىر ئوقۇتقۇچىسى ئارقىلىق ئۇنى بايقايدۇ. ئۇ ئىلگىرىكى سەھنە فىلىملىرىدىن بۇ قىزنىڭ ئويۇندىكى ئىشەنچىسىنى ھېس قىلىپ ئۇنىڭغا قايىل بولىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئېمما ئۇ چاغدا ئەڭ مۇۋاپىق نامزات ئەمەس ئىدى.
خېرمىن كىنودىكى مۇھىم پېرسوناژ، ئۇنىڭ رولىنى ئالغۇچى چوقۇم بۇ رولغا چەكسىز يېقىنلىشىشى كېرەك، ئەگەر ياخشى رول ئالالمىسا، «خارى پوتتېر»نىڭ خاسلىقى يوقايدۇ.

شۇڭا رېژىسسورنىڭ يۇقرى ئۆلچىمى بار بولۇپ، بۇ رولغا نۇرغۇن نامزاتلار بار ئىدى، ئېمما ئۇ چاغدا نامزاتلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھېچقانداق ئۈمىد كۈتمىگەن ئىدى.
« خارى پوتتېر»نىڭ ئاپتورى JK روۋلىڭ ئېمانى ياقتۇرۇپ قالغان بولۇپ، ئۇ باشتىلا ئېمانىڭ رول ئېلىشىنى ئۈمىد قىلغان.
روۋلىڭ ئۆز قەلىمى ئاستىدىكى خېرمىننى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدۇ، ئېممادا خېرمىننىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى بار. بىراق، ئارتىس تاللاشنى يازغۇچى بەلگىلىيەلمەيدۇ، روۋلىڭ ئېممانى ياخشى كۆرسىمۇ، لېكىن بۇ رولنى ئېمما ئۆزى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.
ئېما ئەڭ ئاخىرىدا روۋلىڭنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى، ئەمدىلا 10 ياشقا كىرگەن ئېمما نەچچە قات سىناقنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، «خارى پوتتېر» فىلىمىدىكى خېرمىن رولىنى ئېلىشقا تاللاندى.
كېيىنكى 10 يىلدا، ئېمما يەنە «خاررى پوتتېر» يۈرۈشلۈك فىلىمىدىن سەككىزىگە قاتناشقان.
قوڭۇر رەڭلىك بۈدرە چاچ، سۈزۈك چوڭ كۆزلەر… ئېممادىكى تەبئىي گۈزەللىك ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، ئۇنى يەنە كۆپ بېزەشنىڭ ھاجىتى يوق، ئېمما ئۆز ئۇسلۇبىدا رول ئېلىپ، بىزگە خېرمىن ئىسىملىك بۇ سېھىرگەر كىچىك مەلىكىنى تونۇتتى.

ئېممانىڭ ئىپادىسى روۋلىڭنىڭ قىياسىنى ئىسپاتلىدى، ئۇنىڭ ئىشەنچىگە يارىشا جاۋاب قايتۇردى.
باشقا بالىلار جاپالىق ئوقۇپ نام چىقىرىشنى ئارزۇ قىلسا، ئېمما «خاررى پوتتېر» بىلەن نام چىقارغان، بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇنىڭ بالىلىقىنىڭ تەڭدىن تولىسى سۈرەتكە ئېلىش بىلەن ئۆتكەن.
ئەينى يىلى «خاررى پوتتېر» فىلىمى مەيدانىدا ئېمما «One-Take Watson» دەپ ئاتالغان بولۇپ، مەنىسى ئۇ ئاساسىي جەھەتتىن بىر قېتىمدىلا رولنى ياخشى ئالالايدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ سەھنە سۆزىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپلا قالماي، يەنە خاررى بىلەن روننىڭ سەھنە سۆزىنىمۇ ئېسىدە ساقلىۋالىدۇ.
كىچىك دوستلىرى سەھنە سۆزىنى ئەسلىيەلمىسە، يەنە ئاستاغىنە ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ.

بۇمۇ تېخى ھېچقانچە ئىش ئەمەس. ئېمما سۈرەتكە ئېلىش ۋاقتىدىن سىرت چاغلاردا، ھەتتا ھەر كۈنى بەش سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ دەرس ئۆگىنىش قىلىدۇ.
ھەر ۋاقىت كىتاب ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، - دېدى ئېمما.
كىچىك ۋاقتىدا، مۇخبىر ئېمما بىلەن فېردوننى زىيارەت قىلىپ، سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن دەرس ئوقۇمىسا قانداق بولىدىكەن دەپ سورىغان ئىدى.
فېردون خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:
ـــ تاپشۇرۇق ئىشلىمىسە بەك پەيزى بولىدىكەن!
ئېمما ئەستايىدىللىق بىلەن مۇنداق دېدى:
ـــ گەرچە دەرسكە بارمىغان بولساقمۇ، بىراق بىزگە، بىرگە بىر يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولدى.

ئۇ ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، سائەت ئالتە يېرىمدا مەيدانغا تەييارلىق قىلدى، 12 سائەت خىزمەت قىلدى، فىلىم ئىشلەش ئارىلىقىدا ئۈچ سائەت ئۆگىنىش قىلدى، فىلىم ئىشلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۆگەندى، ئەزەلدىن ئارقىدا قېلىپ باقمىدى.
ئاخىرىدا ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۈچ داڭلىق مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئوكسفورد داشۆسىمۇ بار بولۇپ، ئاخىرىدا ئۇ تولۇق كۇرسقا قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى ئاران %8 بولغان بروۋن داشۆسىنى تاللىدى.
ئەلاچى قىز ئېمما تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش ۋە ئورۇنلاش سەنئىتى جەھەتتە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي، مەكتەپتە بىكار ۋاقىتلىرىدا رەسىم سىزىش، شېئىر يېزىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
2013-يىلى ئۇ يوگا سالاھىيىتىگە ئېرىشتى، ھەمدە سۇغا شۇڭغۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئۇ يەنە PADI، خەلقئارا كەسپىي سۇغا شۇڭغۇش تىرېنېرلىرى جەمئىيىتىنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى.
گۈزەل چىراي، ئەقىل-پاراسەت، تەلەپچانلىق دېگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇنى سۈپەتلەشكە بولىدۇ.
ئېمما: «مەن ئون يىل خېرمىن بولدۇم، ئەمدى مەن ئېمما ۋاتسونغا قايتىمەن» دېدى.
ئېمما راسلا شۇنداق قىلدى، ئۇ مەكتەپتىكى مەزگىلىدە ئەلا نەتىجە بىلەن دەرسنى تۈگىتىپلا قالماي، نۇرغۇن ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى، يەنە كەڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى ئۈچۈن سۆز قىلدى.
2014-يىلى 9-ئايدا، ئېمما ب د ت نىڭ جىنسىي باراۋەرلىكنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «Hfor S» پائالىيىتىدە نۇتۇق سۆزلەپ، ب د ت نىڭ مېھرىبانلىق ئەلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جىنسىي باراۋەرلىكنى قوللىدى.
ئۇ ب د ت نىڭ مۇنبىرىدە تۇرۇپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئادالەتسىز جىنس قارىشىنىڭ ماڭا ئوت ئېچىشىدىن قورقمايمەن.»

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ مۇھىت ئاسراشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ.
2010- يىلى فىرانسىيە خەير-ساخاۋەت مۇھىت ئاسراش كىيىم-كېچەك ماركىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىجادىيەت مەسلىھەتچىسى سالاھىيىتى بىلەن كىيىم لايىھەلىدى، يەنە بىر گۇرۇپپا مۇھىت ئاسراش فىلىملىرىنى سۈرەتكە ئالدى ھەم مۇھىت ئاسرايدىغان ماتېرىياللاردىن تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيىپ ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ تەشۋىق قىلدى.
ئۇ: «بۇ دۇنيادا ھەقىقىي ئۆزگىرىش بولسۇن، بۇ ھەممىلا ئادەمگە نېسىپ بولىدىغان پۇرسەت ئەمەس، مەن چوقۇم قەدىرلەيمەن» دېدى.
ئۇ ئاشۇ ئېھتىياتچان، تىرىشچان خېرمىننى ياخشى كۆرەتتى، ھەر بىر شەيئىنى ياخشى كۆرەتتى، بۇ دۇنيانى ياخشى كۆرەتتى، يەنە ھەر مىنۇت، ھەر سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي تىرىشاتتى. ئېمما ۋاتسون «شاھزادىگە ياتلىق بولغاندىلا ئاندىن مەلىكە بولالايدىغان» قىز ئەمەس، ئۇ جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، ئايال پادىشاھ بولۇپ ياشىدى.
ھەر بىر كىشى ئۆزى ئۆزىنىڭ شاھزادىسى ياكى مەلىكىسى بولالايدۇ.
ئېمما ۋاتسون خېرمىن تەرىپىدىن چەكلىنىپ قالمىغان، شان ـ شەرەپ ۋە نەتىجە سەۋەبىدىن توختاپ قالمىغان، ئاتا ـ ئانىسى ئاجرىشىپ كېتىپ قايتا باش كۆتۈرەلمىگەن ئەمەس، دادىسى ئوقۇش پۇلىنى تۆلەشكە ئامالسىز قالغاندا ئوقۇشتىن ۋاز كەچمىگەن، ئۇ ئىزچىل ئۆزىگە تايىنىپ، ئۆزى ئارزۇ قىلغان تۇرمۇشتا ياشاشتا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن.