جۇڭگو شياڭگاڭ تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «ساھىبجامال بېلىق» ناملىق كېنونىڭ قىزىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچى تەرەپ جوۋ شىڭچىنىڭ كىنوچىلىق كەلگۈسىگە ناھايىتى كۆز تىككەن ھەم 2016-يىلى ئۇنىڭ بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، بىر مىليارد 330 مىليون پاي قوشۇپ، جوۋ شىڭچى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۆت يىل ئىچىدە شىركەتنىڭ پايدىسىنى بىر مىليارد 40 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ يىلدىكى نەتىجىسى ياخشى بولۇپ، جەمئىي پايدىسى تەخمىنەن 670 مىليون بولغان، لېكىن تۆتىنچى يىلىغا كەلگەندە، مەبلەغ سالغۇچى تەرەپ 2020-يىلىدىن بۇرۇنقى پايدىسى تەخمىنەن 160 مىليون يۈەننى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ 1-ئايدىن 3-ئايغىچە بولغان مالىيە سانلىق مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالمىغان.
يېقىندا بۇ كېلشىمنىڭ ۋاقتى توشۇپ كەتكەن بولسىمۇ، جوۋشىڭچىنىڭ شىركىتى ھېسابات سېلىشتۇرۇشقا ئامالسىز قالدى، مەبلەغ سالغۇچى تەرەپ شۇ سەۋەبتىن جوۋ شىڭچىدىن قەرز سۈيلىدى. كەسىپ ساھەسىدىكى ئالاقىدار زاتلار جوۋ شىڭچىنىڭ ئاز دېگەندە 200 مىليون يۈەن قەرز بولۇپ قالغانلىقىنى مۆلچەرلىدى، شۇڭا مەبلەغ سالغۇچى تەرەپ ئۇنىڭدىن پۇل چىقىرىپ پاي چېكىنى سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، جوۋ شىڭچى بىلەن بۇرۇنقى قىز دوستى يۈ ۋېنفېڭنىڭ دەۋاسىغا قارىتا 11-ئايدا سوت ئېچىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، يۈ ۋېنفېڭ ئەينى يىلى كاتتا باي بولۇپ، جوۋ شىڭچىنىڭ مەستانىسى سالاھىيىتى بىلەن جوۋ شىڭچىغا ئەگىشىپ كەلگەن، ئىككىيلەن 1999-يىلىدىن باشلاپ مۇھەببەتلەشكەن، كېيىن يۈ ۋېنفېڭ جوۋ شىڭچىنىڭ شىركىتىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەمدە 13 يىل ئىچىدە ئۆي-زېمىن بازىرىغا كۆپ قېتىم مەبلەغ سېلىپ، جوۋ شىڭچىغا 400 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مال-مۈلۈك تېپىپ بەرگەن، بىراق يۈ ۋېنفېڭ ھەر ئايدا ئاران 20 مىڭ يۈەن مائاش ئالغان.
ئىككىيلەن ئايرىلغاندىن كېيىن، يۈ ۋېنفېڭ جوۋ شىڭچىدىن 80 مىليون يۈەن شياڭگاڭ پۇلى ئىش ھەققى تەلەپ قىلدى، جوۋ شىڭچى ئۇنىڭغا پەقەت 10 مىليونلا بەردى، شۇ سەۋەبلىك يۈ ۋېنفېڭ ئۇنى سوتقا ئەرز قىلدى، ھازىرغىچە دېلو تېخى ئاياغلاشمىدى. 70 مىليون شياڭگاڭ پۇلىدىن باشقا، يۈ ۋېنفېڭ ئەينى چاغدا يەنە جوۋ شىڭچىغا ياردەملىشىپ ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى سېتىۋالغان بولۇپ، جەمئىي 520 مىڭ شياڭگاڭ پۇلى خەجلىگەن، نۆۋەتتە يۈ ۋېنفېڭ جوۋ شىڭچىدىن بۇ پۇلنىمۇ قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
يۇقىرىقىلارنى قوشقاندا، جوۋ شىڭچىنىڭ 270 مىليون شياڭگاڭ پۇلى قەرز بولۇپ قالغانلىقى ئاشكارىلاندى. (تەخمىنەن 230 مىليون خەلق پۇلى)