بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەر 4:00تىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ كېيىنكى ئۇچرىشىشىدا بايرېن مىيۇنخېن ساھىبخان مەيداندا لازىئو بىلەن مۇسابىقىلەشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە لېۋاندوۋىسكى نۇقتا توپتىن بىرنى كىرگۈزدى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئالابا ياردەمچى پاس يەتكۈزۈپ موتىڭ بىر توپ كىرگۈزدى، لازىئودىن پارولو كاللا توپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا ھەر ئىككى تەرەپ توپ كىرگۈزەلمەي، ئاخىرىدا بايرېن مىيۇنخېن ساھىبخان مەيداندا 1:2 نەتىجىدە لازىئونى مەغلۇپ قىلدى.
ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە سانېنىڭ يىراقتىن تەپكەن توپى قاپقا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى، مىلىنكوۋىچنىڭ كاللا توپىنى نۇبېل توسۇۋالدى، مۇسابىقىنىڭ 33-مىنۇتىدا بايرېن مىيۇنخېن توپ كىرگۈزۈپ مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، بايرېن مىيۇنخېن نۇقتا توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ لېۋاندوۋىسكى توپنى بىۋاستە قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە بايرېن مىيۇنخېننىڭ بىر توپ كىرگۈزۈشى بىلەن ئاخىرلاشتى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بايرېن مىيۇنخېن مەيداندىكى توپچىلارغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ باردى، سۇلې بوئاتېڭ بىلەن ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى، لېۋاندوۋىسكىنىڭ يىراقتىن تەپكەن توپى تۈۋرۈك سوقتى، مۇسابىقىنىڭ 73-مىنۇتىدا بايرېن مىيۇنخېن يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، ئالابا ياردەمچى پاس يەتكۈزۈپ موتىڭ بىر توپ كىرگۈزدى، مۇسابىقىنىڭ 82-مىنۇتىدا لازىئو توپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، لازىئو ئورنى بەلگىلىگەن توپتىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم تەشكىللەپ پارولو كاللا توپ كىرگۈزدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا ھەر ئىككى تەرەپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ توپ كىرگۈزەلمەي، ئاخىرىدا بايرېن مىيۇنخېن ساھىبخان مەيداندا 1:2 نەتىجىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇمىي نەتىجىدە 2:6 نەتىجە بىلەن لازىئونى شاللاپ سەككىز كۈچلۈككە كىردى.
监制:麦麦提江
审稿:阿米娜
稿子:乃扎尔
制作:张伟