مائارىپتا تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ

ئەلكۈيى
2021-03-17
来源:中国维吾尔语广播CNR

640-24.gif640-59.png




پەرزەنتى بارلار دىققەت، مائارىپتا تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ:
مائارىپ ئادىللىقى جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاپ، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقانلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش مەسىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىش، ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار ۋە يېزا رايونلىرىغا مايىللىشىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام، خۇشال ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، ھەر بىر بالىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىنى جۇلالاندۇرۇش. مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سۈپەتلىك، تەكشى تەرەققىياتى ۋە شەھەر، يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېزدىن تولۇقلاپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش كاپالىتى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى ياخشىلاش كېرەك؛
ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ يەسلىگە كىرىش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش خاراكتېرلىك ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى مائارىپقا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ يەسلى ئېچىشىغا مەدەت بېرىش؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش؛
كەسپىي مائارىپنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىپ، كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسى تۈزۈمىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش؛ ئالاھىدە مائارىپ، داۋاملىق تەربىيەنى ياخشى يولغا قويۇپ، پۇقراۋى مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش؛
ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ ۋە 16پەنلەرنى تۈرگە ئايرىپ قۇرۇپ، پەن، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى تېزلىتىش؛
دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش
مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت ھەمكارلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛
تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلدۈرىدىغان مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش؛