ئاپتوموبىللارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتوموبىل پەيدا قىلغان مەسىلىلەرمۇ كۆپەيدى، ئاپتوموبىل ئىگىسىگە نىسبەتەن باش ئاغرىتىدىغان مەسىلە ماشىنا توختىتىش ئورنى ئاز، بۈگۈنكى كۈندە ئاپتوموبىل شۇنچە كۆپ تۇرسا، ھەربىر ئاپتوموبىلغا بىر توختىتىش ئورنى كېرەك، ئەمما ماشىنا توختىتىش ئورنى سانى كۆپ ئەمەس، شۇڭا بىر ماشىنا توختىتىش ئورنى تېپىش ئاسان ئەمەس. ماشىنا توختىتىش مەسىلىسىگە نىسبەتەن بىر قىسىم «ئەقىللىق» ماشىنا ئىگىلىرىگە نىسبەتەن ھېچقانچە مەسىلە ئەمەس، يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە ماشىنا توختىتىشقا بولمايدۇ، ئەگەر يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ماشىنا توختاتسا مۇبادا قاتناش ساقچىسى تۇتۇۋالسا، ماشىنا ئىگىسىگە جەرىمانە تالونى تۇتقۇزۇپ قويىدۇ، شۇڭا يول بويىدا ماشىنا توختاتماقچى ھەم قاتناش ساقچىسىنىڭ جەرىمانە تالونى كېسىشىدىن ساقلىنىپ قالماقچى بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم «ئەقىللىق» ماشىنا ئىگىلىرى مۇنداق ئامال ئويلاپ چىقتى، ماشىنىسىنىڭ ماتور قاپقىقىنى ئېچىپ قويىدىغان بولۇپ قالدى، بۇنداق بولغاندا قاتناش ساقچىسىغا ئاپتوموبىلىنىڭ كاشىلا سەۋەبلىك توختاپ قالغانلىقىدەك ساختا كۆرۈنۈشنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ، ناھايىتى «ئەقىللىق» دېيىشكە بولىدۇ، قايىل بولماي تۇرالمايسىز. ئەمما يېقىندا قاتناش ساقچى بۇنداق ئاپتوموبىللارنى كۆرسە ئاسانلىقچە قويۇۋەتمەيدىغان بولدى، يەنىلا جەرىمانە تالونى كەسمەكتە ھەمدە 12 نومۇر تارتىپ 6000 يۈەن جەرىمانە قويماقتا.
گەرچە بۈگۈنكى كۈندە ماشىنا ئورنى قىس بولسىمۇ، ئەمما ماشىنىنى يول بويىدا توختىتىشقا بولمايدۇ، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى ئىشنى ئازايتىش ئۈچۈن ئاپتوموبىلنى بىۋاسىتە يول بويىغا توختىتىپ قويىدۇ، ئەمما ئۇ بۇنداق قىلسا ئۈچ ئاپتوموبىللىق يولنى ئىككى يولغا تارايتىپ قويىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمايدۇ، ئەسلىدە بۇ يول يېتەرلىك ئاپتوموبىل سىغدۇرالايدۇ، ئەمما ئاپتوموبىل بىر ماشىنا يولىنى ئىگىلىۋالغانلىقى سەۋەبلىك قىستاڭ بولۇپ كېتىدۇ. جەرىمانە قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ماشىنا ئىگىسى ماشىنىسىنىڭ ماتور قاپقىقىنى ياكى ئارقا كوزۇپىنى ئېچىپ قويىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئېلېكترونلۇق كامېرا سۈرەتكە تارتالمايدۇ ھەمدە قاتناش ساقچىسىغا يولۇقۇپ قالغاندىمۇ قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق، بەكلا مۇكەممەل پىلان بولۇپ كېتىدۇ.
بۇ ھادىسە يېڭى پەيدا بولغاندا، قاتناش ساقچىسىمۇ بۇ قىلمىشقا ئالدىنىپ كەتكەن، ماشىنا كاشىلا سەۋەبلىك توختاشقا مەجبۇر بوپتۇ دەپ قارىغان، شۇڭا قاتناش ساقچىسىمۇ جەرىمانە تالونى چاپلىمىغان. ماشىنا ئىگىسى بۇ ئامالنىڭ ئاقىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، كونا ھۈنىرىنى ئىشلىتىۋەرگەن، باشقا ماشىنا ئىگىلىرى بۇ ئامالنى بىلگەندىن كېيىن دوراشقا باشلىغان، شۇڭا قاتناش ساقچىسى كاشىلا كۆرۈلگەن ئاپتوموبىللارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، ماشىنىنىڭ بۇ يەردە توختىتىپ قويۇلىشى كاشىلا سەۋەبلىك ئەمەسلىكىنى، بەلكى ماشىنا ئىگىسىنىڭ كۆز بوياۋاتقانلىقىنى چۈشەنگەن. شۇڭا يېقىندا بەزى شەھەرلەردە قاتناش ساقچىلىرى بۇنداق قىلمىشنى قاتتىق جازالاشقا باشلىغان، ئەگەر قاتناش ساقچى تۇتۇۋالسا بىۋاسىتە نومۇر تۇتقاندىن سىرت يەنە 6000 يۈەن جەرىمانە قويىدۇ.
قاتناش ساقچىسى ئەسكەرتىدۇكى، كۆپچىلىك ئەڭ ياخشىسى كۆز بويىماسلىقى كېرەك، ئەگەر ئاپتوموبىلىڭىز راستىنلا كاشىلا سەۋەبلىك يول بويىدا توختىتىشقا مەجبۇر بولسا، ئۇنداقتا ماشىنا ئارقا تەرىپىگە ئۈچ بۇلۇڭلۇق ئاگاھ بەلگىسى قويۇپ قويۇڭ، ئاندىن سۆرەش ماشىنىسىغا تېلېفون قىلىڭ ياكى سۇغۇرتا شىركىتىگە تېلېفون قىلىڭ. ئەگەر راستىنلا ماشىنا توختىتىش ئورنى تاپالماي، ماشىنىنى يول بويىغا توختىتىپ ھەمدە ماشىنىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىك ساختا كۆرۈنىشى ياسىسىڭىز، ئۇنداقتا ئاقىۋىتىگە ئۆزىڭىز مەسئۇل بولىسىز.
يۇقىرىقى قىلمىشتىن سىرت، يەنە باشقا نامۇۋاپىق قىلمىشلار بار، گەرچە بۇ ئۇسۇللاردا قاتناش ساقچىسىنىڭ نەچچە قېتىملىق جەرىمانىسىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇسۇللار ئىزچىل ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، شۇڭا نامۇۋاپىق قىلمىشنى ئاز قىلىپ ساپالىق بولۇڭ. گەرچە بۇ ئۇسۇل ۋاقىتلىق ئۈنۈملۈكتەك قىلغىنى بىلەن، ئەمما ئەگەر قاتناش ساقچىسى بىر قېتم تۇتۇۋالسا، ئۇنداقتا جەرىمانىسى ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ، ھەممىمىز چوڭ بولۇپ قالدۇق، ئۆزىمىزنىڭ قىلمىشىغا ئۆزىمىز مەسئۇل بولۇشىمىز كېرەك.
监制:麦麦提江
审稿:阿米娜
稿子:乃扎尔
制作:张伟