دۇنيادىكى تۇنجى خاتىرە كومپىيۇتىر شىركىتى

ئەلكۈيى
2021-03-13
来源:توۋتىياۋ

640-24.gif640-59.png




2017-يىلى، توشىبا (TOSHINA) ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كەسپىنى 12 مىليارد 900 مىليون ياپونىيە يېنى (تەخمىنەن 772 مىليون خەلق پۇلى) بىلەن خەيشىنگە (海信) سېتىپ بەردى، كېيىن يەنە 17 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (113 مىليارد 968 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) بىلەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كەسپىنى ئامېرىكا مالىيە گۇرۇھىغا ئۆتۈنۈپ بەردى؛ 2018-يىلى، توشىبا 36 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا (تەخمىنەن 234 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) PC كەسپىنىڭ %80.1 پېيىنى شارپقا (SHARP) سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان؛ بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى تۇنجى خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى بولغان توشىبا PC كەسپى بىلەن رەسمىي خوشلاشتى.

ئاكسىيە ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى دۈشەنبە كۈنى ياپونىيە توشىبا شىركىتى خاتىرە كومپيۇتېر كەسپىدىن رەسمىي چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە PC كەسپىدە قېپقالغان %19.9 پاينى شارپقا ئۆتۈنۈپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن شەخسىي كومپيۇتېر ساھەسىدىكى 35 يىللىق جان تىكىپ ئېلىشىشنى ئاخىرلاشتۇرغان.

گەرچە ھازىر بازاردا توشىبا خاتىرە كومپيۇتېرى ناھايىتى ئاز تېپىلسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى تۇنجى ھەقىقىي مەنىدىكى خاتىرە كومپيۇتېرىنىڭ قۇرغۇچىسى دەل توشىبا ئىدى. 1985-يىلى توشىبا Thorn EMI Liberatorنى بازارغا سېلىپ، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك خاتىرە كومپيۇتېرنى ئاممىۋى بازارغا ئېلىپ كىرىپ، كەسىپ ساھەسىدىكى بىر كىلاسسىكقا ئايلاندى ھەمدە 1991-يىلى Apple Powerbookنى بازارغا سېلىشتىن ئىلگىرى، ئىزچىل تۈردە كەسىپ لايىھەسىنىڭ ئابىدىسى بولۇپ كەلدى.

20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا PC كەسپى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان مەزگىلدە، توشىبا ئىلگىرى ئۇدا يەتتە يىل دۇنيا بويىچە سېتىش مىقدارى جەھەتتە 1-ئورۇندا تۇرۇپ، دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان PC ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇنداقتا خاتىرە كومپيۇتېر ئىجادىيەتچىسى توشىبا نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكىدەك ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ؟

بىرىنچى سەۋەب: رىقابەتچىسى بەك كۆپ، بەك كۈچلۈك

21-ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلار بۇ سەپكە قوشۇلدى، يېڭىدىن گۈللەنگەن كارخانىلاردىن ئالما، دېل، ليەنشياڭ ئىشلەپچىقارغان MacBook Air، XPS قاتارلىق مەھسۇلاتلار تەدرىجىي ھالدا ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، توشىبانىڭ رىقابەت ئۈستۈنلۈكىنى تەدرىجىي ئاجىزلاشتۇردى. كېيىن PC بازىرىدا توشىبانىڭ مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى بارغانسېرى تۆۋەنلىدى. 2018-يىلىغا كەلگەندە، توشىبا شارپقا PC كەسپى پېيىنى ساتقاندا، ئۇنىڭ PC بازىرىدىكى مال چىقىرىش مىقدارى 2011-يىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان 17 مىليون 700 مىڭ دانىدىن 2017-يىلىدىكى تەخمىنەن 1 مىليون 400 مىڭ دانىگە چۈشۈپ قالغان ئىدى.

ئىككىنچى سەۋەب: كومپيۇتېر كەسپىدە پۇل تاپالمىغان

PC بازىرىنى ئىگىلەش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، PC كەسپىمۇ توشىبا گۇرۇھىنىڭ مالىيە يۈكى بولۇپ قالغان، شارپقا ساتقاندا ئۇدا بەش يىل زىيان تارتقانلىقى ئاشكارىلانغان. توشىبا مالىيە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىللىق مالىيە يىلىدا توشىبا PC كەسپىي تارمىقىنىڭ سېتىش سوممىسى 146 مىليارد 680 مىليون ياپونىيە يېنى (تەخمىنەن 8مىليارد 781 مىليون) بولۇپ، 2016-يىللىق مالىيە يىلىدىكى 165 مىليارد 60 مىليون ياپونىيە يېنى (9 مىليارد 881 مىليون يۈەن خەلق پۇلى)دىن %11.1 تۆۋەنلىگەن، ساپ زىيان 8 مىليارد 210 مىليون ياپونىيە يېنى (تەخمىنەن 538 مىليون يۈەن خەلق پۇلى)گە يەتكەن.

بۇنچە نامراتلىشىپ كەتكەن توشىبا ئۈچۈن پايدا ئالالمىغاندىن كۆرە يېڭى چىقىش يولى تىپىشمۇ بىر ياخشى ئامال. ئاشكارا ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، توشىبا PC كەسپىنى سېتىۋەتكەندىن كېيىن، ئاز دېگەندىمۇ 92 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 599 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) مەبلەغ بىلەن كەسىپنى قايتا قۇرۇپ چىقالايدىكەن.

2006-يىلى توشىبا شىركىتى 5 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق (35 مىليارد 167 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) ئۈچ ھەسسە ئۆرلىگەن باھا بىلەن ئامېرىكا سىۋۇ ئېلېكتىر شىركىتىنى سېتىۋېلىپ، يادرو ئېلېكتىر كەسپىنى زور كۈچ بىلەن يۆلىگەن، بۇ خۇددى پاندورا قۇتىسىنى ئاچقاندەك ئىش بولۇپ، توشىبانىڭ قاباھەتلىك چۈش مانا شۇنىڭدىن باشلانغان.

شۇ چاغدا پۈتۈن دۇنيا يادرو ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىغا ئىلھام بېرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن 2011-يىلى فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا يادرو چىقىپ كېتىپ، توشىما قاتارلىق ياپونىيە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدىكى يادرو ئېلېكتىر ئوبرازى بىراقلا چۈشۈپ كەتتى. توشىبا يادرو ئېلېكتىر كەسپى ئەجەللىك زەربىگە ئۇچرىدى، قىسمەن زاكاز ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن باشقا، قالغان قۇرۇلۇش زاكاز تالونىنىڭ تەننەرخى يول بويى ئېشىپ، قۇرۇلۇش ۋاقتىمۇ كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتتى.

شۇنداق بولسىمۇ 2015-يىلى توشىبا يەنە كوشىبا شىركىتى ئارقىلىق يەنە بىر CB&I يادرو ئېلېكتىرون شىركىتىنى سېتىۋالغان، بۇ قېتىمقى قوشۇۋېلىشتىن كېيىن، كوشىبا شىركىتىنىڭ قەرز ئومۇمىي سوممىسى يول بويى ئېشىپ كېتىپ، توشىبا شىركىتىنىڭ 2016-يىلىدىكى زىيىنى ھەتتا پۇل مۇئامىلە كىرزىسى مەزگىلىدىكىدىن ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ مەزگىلدە، توشىبادا يەنە يەتتە يىل داۋاملاشقان، ئۈچ ئىدارە باشلىقى قاتناشقان، ساختا مال ياساش سوممىسى 1 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان مالىيەدە ساختا مال ياساش سەتچىلىكىگە چېتىلىپ قالغان.

ئاشكارىلانغان ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، توشىبا 2008-يىلىدىن 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، باجدىن ئىلگىرىكى 224 مىليارد 800 مىليون ياپونىيە يېنى (تەخمىنەن 14 مىليارد 700 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) پايدىسىنى يالغان مەلۇم قىلغان، بۇ يەتتە يىلدىكى باجدىن ئىلگىرىكى پايدىسىنىڭ %30دىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ ۋەقە توشىبانىڭ 7 مىليارد ياپونىيە يېنى (تەخمىنەن 460 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) تۆلەيدىغان غايەت زور جەرىمانە تالونى بىلەن ئاخىرلاشقان، لېكىن توشىبانىڭ ماركا ئوبرازى مۇشۇ ۋەقە تۈپەيلى يەر بىلەن يەكسان بولغان. توشىبا قەرزنى تولۇقلاش ئۈچۈن نائىلاج چوڭ كىچىك كەسىپلىرىنى سېتىشقا باشلىغان. 20 ـ ئەسىرنىڭ 80 ـ، 90 ـ يىللىرىدا توشىبا ياپونىيەنىڭ ئەڭ چوڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساش سودىگىرى بولۇپ، يۇقىرى پەن ـ تېخنىكا ساھەسىدە دۇنيانى چۆچۈتكەن. ئەمما ئامېرىكا توشىبا ئىنژېنېرلىرىنىڭ تېخنىكا ئوغرىلىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۇلارنى بىر قاتار جازالىدى. كەينى-كەينىدىن مەغلۇپ بولغان توشىبا پەقەت مۇرەسسە قىلىشقا مەجبۇر بولغان، 1987-يىلى 7-ئايدا توشىبا يەنە 100 مىليون ياپونىيە يىنى (تەخمىنەن 5مىليون 986مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) مەبلەغ سېلىپ، ئامېرىكىدىكى 50 ئاساسلىق ئېقىم تاراتقۇسىدا پۈتۈن بەتلىك «ئەپۇ سوراش ئېلانى»نى باسقان؛ شۇ مەزگىلدە دەل ئامېرىكا PC ۋەكىللىكىدىكى ئۇچۇر ئىنقىلابىنى قوزغىغان، توشىبا پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغان، بۇمۇ ئۇنىڭ يادرولۇق كەسپىنىڭ خارابلىشىشىغا سەۋەب بولغان.

يۈز يىلدىن بۇيان توشىبا ئىمپېرىيەسى ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كەسپىگە قوزغىغان تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدا ئەسلىگە كېلەلمەي، نۇرغۇن كېيىن پەيدا بولغان ماھىرلار تەرىپىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كەتتى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ بىساتىنى سېتىپ، ھاياتىنى ساقلاپ قالىدىغان شىركەتكە ئايلىنىپ قالغان.


تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟